مۇزلۇقتىكى ئاجايىباتلار

رىسالەت ئوبۇلقاسىم

يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ شەرقىي جەنۇب قىسمىدا مۇزلۇق دەپ ئاتىلىدىغان خىلۋەت ماكان بار. بۇ جايدا ياشاۋاتقان ئەمگەكچان، ئاق كۆڭۈل كىشىلەرنىڭ ھاياتى ئوقۇرمەنلەرگە بەزى يېڭىلىقلارنى ھېس قىلدۇرىدۇ.

5 – ئاينىڭ 10 – كۈنى يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ توپلۇق يېزىسىدىن ماشىنىلىق يولغا چىقتۇق. ئىككى سائەتتىن ئارتۇق يۈرگەندىن كېيىن مۇزلۇققا يېتىپ باردۇق.

بۇ يەردە چەكسىز كەتكەن يېشىل يايلاق، قويۇق ئۆسكەن قومۇشلۇق، سۈپسۈزۈك سۇ بولۇپ، قومۇشلۇق كۆلچەكلەردە ياۋا ئۆردەكلەر ئۈزۈپ يۈرەتتى، قومۇشلۇق كۆلچەك بويلىرىدا مۇزلۇقلىقلارنىڭ شورلۇق لايدىن چالما تېرىپ سالغان ئۆيلىرى بار ئىدى. بۇ ئۆيلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئىشىكى قومۇشلۇققا قارايتتى، يار ئۈستى، يانبېغىرلاردىكى چۆپلۈكنىڭ ئۇ يەر – بۇ يەرلىرىدە ئۆچكە، قوي، كالا، ئېشەك ئات پادىلىرى ئوتلاپ يۈرەتتى، مۇشۇنداق بىر شورلۇق يەردە جۇشقۇن ھاياتنىڭ يوشۇرۇنغانلىقىغا ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيتتى.

مۇزلۇق دېگەن بۇ ئىسىم مۇز پارچىسى دېگەن مەنىدە بولۇپ، تارىخىي خاتىرىلەرگە ئاساسلانغاندا، بۇ كەنت يارلىق جايغا يېقىن جايلاشقان بولغاچقا، ياز پەسلىدە يامغۇر، كەلكۈن سۈيى يىغىلىپ، قىشتا ھەممە يەرنى مۇز قاپلاپ كېتىدىكەن. مۇزلۇق دېگەن بۇ ئىسىم ئەنە شۇنىڭدىن كەلگەن ئىكەن. مۇزلۇق توپلۇق يېزىسىغا قاراشلىق قىشلاق كەنتىنىڭ مەھەللىسى بولۇپ، يېزا مەركىزى بىلەن بولغان ئارىلىقى 16 كىلومېتىر، يېڭىسار ناھىيەسى بىلەن بولغان ئارىلىقى 40 كىلومېتىر كېلىدىكەن. شورلۇق تۇز بىلەن قوپۇرۇلغان، ئۈستى قومۇش بىلەن يېپىلغان بۇ ئۆيلەر قىشتا ئىسسىق، يازدا سالقىن بولىدىكەن. شورلۇق لايدىن چالما تېرىپ سېلىنغان ئۆي ئانچە كۆركەم بولمىسىمۇ، لېكىن پۇختا، چىداملىق بولىدىكەن. ھويلا، ئۆي تاملىرىنىڭ سىرتى بوران – چاپقۇنلاردا يالىنىپ قورىغان بولسىمۇ، بىرەر يۈز يىلدىن بۇيان ئۆرۈلۈپ كەتمەپتۇ. بۇنى بىناكارلىق تارىخىدىكى مۆجىزە دېيىشكە بولىدۇ.

مۇزلۇقنىڭ ئەگرى – بۈگرى كەتكەن يارلىق قۇمۇشلۇقلىرىدا 27 ئائىلىلىك ئۇيغۇر ياشايدىكەن ئۇلارنىڭ ھەممە جان سانىنى قوشقاندىمۇ 100 گە يەتمەيدىكەن، بۇلار قانداشلىق مۇناسىۋىتى بار ئۇرۇق – تۇغقانلار ئىكەن. بىز بىر قومۇشلۇق كۆلچەك بويىدىكى ئۆيگە كەلدۇق، بۇ يەردە مۇشۇ جايدىكى يېشى ئەڭ چوڭ 98 ياشلىق سۇلايمان يۈسۈپ بىلەن كۆرۈشتۇق، سۇلايمان بوۋاي شورلۇق لايدىن چالما تېرىپ سالغان ئۆيىنىڭ تېمىغا يۆلىنىپ ئولتۇراتتى. بوۋاينىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ ئالتە بالىسى، 38 نەۋرىسى، يەنە 30 نەچچە ئەۋرىسى بار ئىكەن.

بۇ جاي بازارغا يىراق، شارائىتى ناچارراق بولسىمۇ، ئەمما مۇزلۇقلىقلار بۇ تۇپراقنى ھەم تۇرمۇشنى ناھايىتى قىزغىن سۆيگەن، بۇ تىمتاس ماكاندا ئۆزىنىڭ ئەقىل – پاراسىتى، ئەمگەكچان، چېۋەر قولى ئارقىلىق تۇرمۇشىنى مەنىلىك ئۆتكۈزۈپ كەلگەن.

بىز بۇ يەردە ئاددىي تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ساتىدىغان بىرەر دۇكاننىڭمۇ يوقلۇقىنى، ئۇلارنىڭ بىرەر تال سەرەڭگە لازىم بولسىمۇ يېزا بازىرىغا بارىدىغانلىقىنى بىلدۇق. بۇ يەردە بالىلارنى تەربىيەلەيدىغان بىرەر مەكتەپمۇ كۆرۈنمەيتتى. بىز كەنت باشلىقىدىن بۇ يەردىكى بالىلارنىڭ نەدە ئوقۇيدىغانلىقىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ مۇنداق دېدى: ‹‹ئوقۇش يېشىغا يەتكەن بالىلار يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئون چاقىرىم نېرىدىكى بىر كەنتنىڭ باشلانغۇچ مەكتىپىدە ئوقۇيدۇ. ياشلار كەنتلەرگە ياكى باشقا جايلارغا بېرىپ ئىشلەيدۇ››.

مۇزلۇقتا تېرىلغۇ يەر يوق دېيەرلىك بولغاچقا، بۇ يەردىكى كىشىلەر بورا توقۇپ سېتىپ، چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ تۇرمۇش كەچۈرىدىكەن. بىز بىر دېھقاننىڭ ئائىلىسىگە كىرگەندە، ئۆيدىكى قېرى – ياش ھەممەيلەن بورا توقۇۋاتقان ئىكەن. ئۇلار بورىنى ھەر خىل رەڭلەردە توقۇپ، ئۆيلىرىنى زىننەتلەش بىلەن بىللە، باشقا جايلارغا ئاپىرىپ سېتىپ پۇل قىلىدىكەن. بورا توقۇش ئۇلارنىڭ ئاتا مىراس كەسپى ئىكەن. ئۇلار يەنە بۇ تۇپراقنىڭ تەبىئىي بايلىقى بولغان شورنى تاسقاپ ئېلىپ باشقا جايلارغا ئاپىرىپ تونۇر سالىدىغانلارغا ياكى تېرىچىلەرگە سېتىپ پۇل تاپىدىكەن. بۇ كەنتتىكى دېھقان ئابدۇراخمان بىزگە مۇنداق دېدى: ‹‹بىز ھەر يىلى شور تاسقاپ، بورا توقۇپ 4000 يۈەندىن 8000 يۈەنگىچە كىرىم قىلىمىز. مۇزلۇقنىڭ ئۆچكىسىمۇ باشقا جايلارنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ، بۇ يەرنىڭ ئۆچكە گۆشى مەززىلىك، يېيىشلىك. بۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەب ئۆچكىلەرنىڭ بۇ يەردىكى شورلۇق تۇپراقتا ئۆسكەن ئوت – چۆپلەرنى يەيدىغانلىقىدا. باشقا جايلاردىكى بەزى كىشىلەر ئۆيلىرىگە ئەزىز مېھمان كېلىپ قالسا، چوقۇم مۇزلۇق ئۆچكىسىنى سېتىۋېلىپ گۆشىدە كاۋاپ قىلىپ بېرىدۇ››. دېمەك، بورا، چارۋىچىلىق، شور مۇزلۇقتىكى دېھقانلارنىڭ ئاساسلىق ئىقتىسادىي كىرىم مەنبەسى ئىكەن.

مۇزلۇقنىڭ ئەڭ ئېگىز يېرىدە تۇرۇپ ئەتراپقا نەزەر سالسىڭىز، پارچە – پارچە تام توساقلارنى، چارۋىلارنىڭ مۆرەشلىرىنى، قەدىمىي ئولتۇراق ئۆيلەر ئىزنالىرىنى، سۇ قوغلىشىپ ئولتۇراقلاشقان كىشىلەرنىڭ قەدىمىي مەدەنىيىتىنى چوڭقۇر ھېس قىلىسىز. ئابدۇراخماننىڭ قولىدىكى يان تېلېفون، ئۆيىدىكى تېلېۋىزور، ئۆيىنىڭ ئالدىدىكى قۇياش ئېنېرگىيەلىك باتارېيە ئۈسكۈنىسى مۇزلۇقلىقلارنىڭ تۇرمۇشىغىمۇ زامانىۋىلىق سىڭىپ كىرگەنلىكىنىڭ ناماياندىسى. ئۇقۇشىمىزچە، يېڭىسار ناھىيەلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى رەھبەرلىرى بۇ يەردىكى كىشىلەرگە پاكىز ۋە بىخەتەر قۇدۇق كولاتقۇزۇپ بەرگەن، بالىلارنى مەكتەپتە ھەقسىز يېتىپ ئوقۇشقا ئورۇنلاشتۇرغان، مۇزلۇققا ئەڭ يېقىن بولغان قىشلاق كەنتكە 20 يۈرۈش يورۇق، ئازادە، بىخەتەر ئولتۇراق ئۆي سالدۇرغان، ھەممە ئۆيلەرگە قۇياش ئېنېرگىيەلىك باتارېيە ئۈسكۈنىسى ئورنىتىپ توك تارتقۇزۇپ بەرگەن. ناھىيە رەھبەرلىرى يەنە مۇزلۇقنى ناھىيە دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈپ، ئۇنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكىنى ساقلاشقا تىرىشقان. ئاڭلىساق، ناھىيەلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى مۇزلۇقنى ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ساياھەت مەنزىرە رايونى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن مەخسۇس تۈر تۇرغۇزۇپ، ئالاقىدار ئورۇنلارغا ئىلتىماس سۇنۇپتۇ.

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى (2010-06-04)