ئىلى سەنىمى ھەققىدە

سەنەم–ئۇسسۇل پەدىلىرىنىڭ ناخشا بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەن بىر خىل سەنئەت شەكلى بولۇپ، مىلودىيىلىرىنىڭ ئۆزگىرىشچان ۋە لېرىكىلىقى، ئاھاڭلىرىنىڭ بىر–بىرىگە ئۇلىنىپ بىر–بىرىگە يۈرۈشلىشىشى، رېتىم–ئۇدارلىرىنىڭ بالداقمۇ–بالداق شوخلىشىپ بېرىشى قاتارلىق قۇرۇلمىسى بىلەن ئۇسسۇلچىلارنىڭ ماھارىتىنى ئالاھىدە جارى قىلىشىغا زېمىن ھازىرلاپ بېرىپلا قالماستىن، سورۇن ئەھلىنىڭ ئىستېتىك زوقلىنىشىنى ۋايىغا يەتكۈزىدۇ. «ئىلى سەنىمى» ۋىسال تەشنالىقى بىلەن ھىجران قايغۇلىرى يامراپ تۇرغان مۇھەببەت قوشاقلىرى ۋە ئۇلارغا ماسلاشقان ئاھاڭلارنىڭ بىرلىشىشىدىن بارلىققا كەلگەن شوخ ئۇسسۇل پەدىلىرىنىڭ مۇجەسسەملەشكەن نامايەندىسىدۇر. ئۇ ئۆز ئىچىدە ئىككى يۈرۈشكە ئايرىلغان 24 ئۆزگىرىشلىك ئۇسسۇللۇق ناخشىدىن تەركىب تاپقان. ھەربىر يۈرۈشى ئىچىدىكى ئاھاڭ ۋە تېكسىت ئۆزگىرىشلىرى ئۆزىگە خاس ئۇسسۇل شەكلىنى يارىتىش ئارقىلىق سەنەم قۇرۇلمىلىرىنىڭ يۈكسەك دەرىجىدىكى تەرەققىياتىنى نامايەن قىلدى. «ئىلى ئون ئىككى مۇقامى»دا «چەبىيات» ۋە «مۇشاۋرەك»تىن ئىبارەت ئىككى مۇقامدىلا سەنەم بار. چەبىيات مۇقامىغا كىرگۈزۈلگەن يۈرۈشلەشتۈرۈلگەن سەنەم ناخشىلىرى 12 ئۆزگىرىشتىن تەركىب تاپقان.

*ھىجرانىڭمەن يۈرۈشى

1 – ئۆزگىرىش: «ھىجرانىڭمەن»

زېمىستان كۆرمىگەن بۇلبۇل (ئەي.ئا) باھارنىڭ قەدرىنى بىلمەس،

ئەي ھىجرانىڭمەن (ئايارەي.ئا) باھارنىڭ قەدرىنى بىلمەس.

جاپانى چەكمىگەن ئادەم (ئەي.ئا) ۋاپانىڭ قەدرىنى بىلمەس

*****

بالا كۆرمەي دېسەڭ ھەرگىز جاھان رەنالىرىدىن سۆيمە،

چېكىپ جەبرى جاپالارنى بېرىپ غەم تاغ ئارا ئۆلمە.

2 – ئۆزگىرىش: «كىچىك لەيلۇن»

ھاي–ھاي ئۆلەڭ، ھاي ئۆلەڭ گۈل قايدا بار (يار–يار)

بىر ياخشىغا بىر يامان ھەرجايدا بار (يار–يار)

ھاي–ھاي ئۆلەڭ، ھاي ئۆلەڭ بارمۇ ھايات(يار–يار)

قارچۇغىدەك بويۇڭغا بولدۇم سەييار (يار–يار)

ھاي–ھاي ئۆلەڭ، ھاي ئۆلەڭ مەن نە قىلاي (يار–يار)

خەنجەر ئالىپ سىنەمنى پارە قىلاي (يار–يار)

ھاي–ھاي ئۆلەڭ، ھاي ئۆلەڭ قار كېلەدۇر (يار–يار)

بەرگى خازان توننى كىيىپ يار كېلەدۇر (يار–يار)

3–ئۆزگىرىش: «ۋاي يار سەنەم»

ئىزدىمەس كۆڭلۈم سېنى (ۋاي يارسەنەم)

بار ئىزىگەننىڭ يارى بول (ۋاي يارسەنەم)

كىم سېنى يارىم دېسە (ۋاي يار سەنەم)

بېرىپ شۇنىڭ گۈلزارى بول (ۋاي يار سەنەم)

كۆرگىلى كەلدىڭلىمۇ،

كۆيدۈرگىلى كەلدىڭلىمۇ؟

كۆيۈپ ئۆچكەن ئوتلارنى،

ياندۇرغىلى كەلدىڭلىمۇ؟

4 – ئۆزگىرىش: «شەرىڭدە خۇمارىم»

ئالما گۈلىدەك يارىم (ئاللا يارىمەي سېنىڭ ئوتۇڭ يامان)

خېنە گۈلىدەك يارىم (شەرىڭدە خۇمارىم)

ھەربىرىڭ ئانار گۈلىدەك (ئاللا يارىمەي، يارەي، سېنىڭ ئوتۇڭ يامان)

قايسىڭدىن كېچەي يارىم (شەرىڭدە خۇمارىم)

يار ئىشىكىدە تۇرۇپ

بىر جىلۋە قىلالمايدۇ

بىر كۆرۈپ كېلەي دېسەم

خالىدا بولالمايدۇ.

5–ئۆزگىرىش: «ھەي دوست مەن نالە قىلاي»

قايتۇرما:

ھەي دوست مەن نالە قىلاي

شامۇ سەھەر يار ئىشىكىدە

جانىمنى بېرەي

ئول سەپەرى يار ئىشىكىدە

دېۋىلەر ئاتقا مىندى چىقتى سۇلايمان تەختىگە،

بەگزادە بولۇپ بارىڭ ئول پادىشاھ ئىشىكىگە

سەن–سەن مېنى سەن خاراپ قىلدىڭ مېنى سەن (ئەي)

ئوتلارغا سالىپ كاۋاب قىلدىڭ مېنى سەن (ئەي)

سەن–سەن مېنى سەن ئۆلتۈرەيىن دەمسەن (ئەي)

باشىمغا ھەربالانى كەلتۈرەيىن دەمسەن (ئەي)

تۈنلەر كېچىسى توخۇمۇ پەرياد ئېتىدۇ (يەي)

ھايۋان چېغىدا ئۆز يارىنى ياد ئېتىدۇ (يەي، قايتۇرما)

بىر تەڭرى بىلۇر، بىر مەن بىلىمەن ھېچ كىشى بىلمەس

تۈنلەر كېچىسى، ئول كېچە تارتقان ئەلىمىمنى

دەريادا يىلان بېلىقنى قوغلاپ كېلىدۇ (يەي)

ئات ئالدىدا قوي كەينىدە مەرەپ كېلىدۇ (يەي)

قايتۇرما:

ھەي دوست مەن نالە قىلاي

شامۇ–سەھەر يار ئىشىكى يانىدا.

جانىمنى بېرەي،

ئول سەپەرى يار ئىشىكى يانىدا.

6 – ئۆزگىرىش: «جانانغا باردىم ئول كېچە»

جانانغا باردىم ئول كېچە

بىر–بىر باسىپ ئاستاغىنە.

جانان ياتۇر سۈت ئۇيقۇدا،

سۇندۇم قولۇم ئاستاغىنا.

جۇگان بويىن كۆرسەتتى،

پەيمانىمگە ئوت كەتتى.

بىر جىلۋە قىلىپ قويۇپ،

ئالدىمدىن ئۆتۈپ كەتتى.

7–ئۆزگىرىش: «قارا–قارا قاشلىرىڭ»

قارا–قارا قاشلارىڭغا قاتساڭچۇ مېنى،

قارا قاشىڭ بازارىدا ساتساڭچۇ مېنى.

قارا قاشنىڭ بازارىدا ئالمىسا مېنى،

(قارا قاشنىڭ بازارىدا ئۆتمىسەم ئەگە)

كىرپىكىڭنى ئوقيا قىلىپ ئاتساڭچۇ مېنى.

ئۇيان ئۆتۈپ، بۇيان ئۆتۈپ،

سىناي دەپ كەلدىم.

مەيلىڭ بارمۇ، مەيلىڭ يوقمۇ،

بىلەي دەپ كەلدىم.

8 – ئۆزگىرىش: «ئۇپار»

شۇندىن شۇنغا كەچمىشىم سەن يار ئۈچۈندۇر،

جەبرى–جاپا چەكمىشىم دىدار ئۈچۈندۇر.

چىمەنىڭگە يەتمەيىن سايرايدۇ بۇلبۇل،

مېنىڭ سايرامىشىم سەن يار ئۈچۈندۇر.

پولات نەيزە تىغلارى يەردە ياتامدۇ؟

مەرت يىگىتلەر نامەرتكە سىرىنى ئېيتارمۇ؟

سەپەر قىلىساڭ مەرت بىلەن بىللە سەپەر قىل،

ئۆزى ئۆلمەي سېنى تاشلاپ كېتەرمۇ؟

9 – ئۆزگىرىش: «ئاللا يارىم ئۆرگىلەي»

ئاللا يارىم (ئەي) خىيالىڭنى (ئۆرگىلەي)

(ئا) بىلىپ بولمايدۇ (جېنىمەي بىلىپ بولمايدۇ)

سەنلەر يۈرگەن (ئەي) كوچالاردا (ئۆرگىلەي)

(ئا) يۈرۈپ بولمايدۇ (جېنىم يۈرۈپ بولمايدۇ).

باردى دەيدۇ، ياندى دەيدۇ

مېنىڭ يارىمنى.

ئېگىز داۋان ئاشتى دەيدۇ،

بويى تالىمنى.

ئۇ مەلەڭدىن بۇ مەلەڭگە

سېنى دەپ كەلدىم

مەيلى بارمۇ، مەيلى يوقمۇ

سىناي دەپ كەلدى.

10 – ئۆزگىرىش: «كىچىككىنە قاراكۆز»

كىچىككىنە قاراكۆز

سەن كۈرەگە بارغانمۇ (يارەي)؟

ئاخشىمى قاراڭغۇدا

راست كۆردۈممۇ يالغانمۇ (ئايارەي)؟

كېچە بولسا ياتمايمەن،

پەنجىرەڭدىن پاتمايمەن (يارەي)

راست گېپىڭنى ئېيت يارىم،

سېنىڭ دەردىڭنى تارتمايمەن.

11 – ئۆزگىرىش: «شەھلا كۆزى مەستانە»

ئالما گۈلىدە يارىم،

خېنە گۈلىدەك يارىم.

ھەربىرىڭ ئانار گۈلدەك،

قايسىڭدىن كېچەي يارىم.

قايتۇرما:

شەھلا كۆزۈڭ مەستانە

كام بولمىسۇن خانزادە.

يارىمنىڭ بويى زىلۋا،

زىلۋا بويىدا ھال بار.

شېرىن سۆزلىرى تاتلىق،

ئايدەك يۈزىدە خال بار.

قاشىڭىزنى ئاتتىڭىز،

بىزنى تاشلاپ كەتتىڭىز.

نېمانچە قىينايسىز،

يوقمىدى ئۇياتىڭىز.

ئاخشىمى قاراڭغۇدا،

كۆرىنەر چىراغ ئوتى.

بىر سۆيۈپ ئالاي دەيمەن

قورقىمەن كىشىنىڭ يۇرتى.

12 – ئۆزگىرىش: «يەللىم–يەللىم يەللەللى»

قايتۇرما:

يەللىم–يەللىم يەللەللى

يەللەلى شاھ ئىلى

مىدەللى شاھ ئىلى

ئەدرەسى كۆرپە ياستۇق

ھاملاملا شاھ ئىلى

دەريانىڭ ئۇ قاتىدا

كۆرۈنگەن دەرەخ بىزنىڭ.

سىزنىڭ كۆيمىگەن بىلەن،

كۆيىدۇ يۈرەك بىزنىڭ.

«مۇشاۋرەك مۇقامى» غا كىرگۈزۈلگەن يۈرۈشلەشتۈرۈلگەن سەنەم ناخشىلىرى 12 ئۆزگىرىشتىن تەركىب تاپقان:

* پەريادەي يۈرۈشى

1– ئۆزگىرىش: «پەريادەي»

زېمىستان كۆرمىگەن بۇلبۇل (پەريادەي، زالىم يارەي، ئاھ يارەي)

باھارنىڭ قەدرىنى بىلمەس (پەريادەي)

جاپانى چەكمىگەن ئادەم (پەريادەي، زالىم يارەي، ئاھ يارەي)

ۋاپانىڭ قەدرىنى بىلمەس (پەريادەي)

مەن باغىڭغا كىرمەسمەن،

ئانارىڭنى ئۈزمەسمەن.

ئەمدى كەلدىم ئەقلىمگە

نادان بىلەن يۈرمەسمەن.

2–ئۆزگىرىش: «ۋاي سەنەم»

ئانداق ئەتمەڭلار مېنى (ۋاي يار سەنەم)

مۇنداق ئەتمەڭلار مېنى (ۋاي يار سەنەم)

ئاقىۋەت لازىم بولارمىز (دەردىڭ يامان)

تاشلاپ كەتمەڭلار مېنى (ۋاي يار سەنەم)

ئىزدىمەس كۆڭلۈم سېنى،

بار ئىز دېگەننىڭ يارى بول.

كىم سېنى يارىم دېسە

بارىپ شۇنىڭ گۈلزارى بول.

3–ئۆزگىرىش: «چوڭ ئۆلەڭ» (يۆلەن)

كوچىلار ئارىلاپ (ھەي) توي بىلەن قوي كېلەدۇر

(ئەي ۋاي، ئەي دوستلار)

بەرگى خازان توننى كىيىپ توي كېلەدۇر

(ئەي ۋاي، ۋاي دوستلار)

ئاپئاق توشقانلار سايدا ئوينايدۇ،

ئۆيلەنمىگەن يىگىتلەر تويدا ئوينايدۇ.

سىم–سىم ئارىلاپ ياغدى يامغۇر سېرىلدىم تاشقا،

پېشانەمگە يازغان ئىكەن كىردىم ئويناشقا.

يىغلىماڭ قىز، يىغلىماڭ قىز تويۇڭ بولۇر،

ئالتۇن، كىمخاپ كۆشۈگە ئۆيۈڭ بولۇر.

4–ئۆزگىرىش: «يار مېھرىبانەي» (سۇۋار)

قىزىل گۈلنى ئۈزۈپ ئالدىم بىلەكىمگە (يەي)،

ئەي خۇدايا يەتكۈز مېنى تىلەكىمگە (يەي)

ئەي خۇدايا يەتكۈزمىسەڭ تىلەكىمگە (يەي)

پەرىزاتنىڭ داغى چۈشتى يۈرەكىمگە (يەي)

قايتۇرما:

ھەي–ھەي دوست يار مېھرىبانەي،

ئوينايلى (ھەي) كۈلەيلى ئېسەن بولايلى.

مەن بىر ئاشنام بار دەپ يۈرگەن ئىكەنمەن،

ئاشنام ئۇسسۇل ئوينايدىكەن بىلمەيدىكەنمەن.

جەۋرى جاپالارنى باشىمغا سالىپ

تاشلاپ كېتەرىن بىلمەيدىكەنمەن.

قەلەمدەك قاشلىرىڭ ئايدەك جامالىڭ،

كۆيەر ئوتقا سالىۋەي نەدۇر خىيالىڭ.

سېنى كۆرگەچكە كەتتىلەر ئەقلۇ خىيالىم،

قايدا بولۇر يارىم سېنىڭ تۇرار ماكانىڭ؟

يامان يولۋاس يولدا ياتسا شىرغا يول بەرمەس،

ئاتاسىدىن قارغىش ئالغان ئىلگەرى كەلمەس.

قايتۇرما:

كەل ئوينايلى، كۈلەيلى، خۇرسەن بولايلى،

ھەي يارەي، يا مېھرىبانەي، كەل ئوينايلى،

كۈلەيلى، خۇرسەن بولايلى.

5–ئۆزگىرىش: «يەللە–يەللە دوست»

(ئايەي) نەدىكى گەپنى قىلىپ،

ئەندىشىگە قالدى كىشى.

(ئايەي) چەككىلى تاماكا يوق،

مۇڭداشقىلى (ۋاي)نەدە كىشى.

قايتۇرما:

دوست–دوست، يەللە دوست، خانىم يەللە دوست،

دوست، قويماڭ مېنى، ۋاي، مېنى زار يىغلاتىپ.

يارنى كەپتۇ دېسە يۈگۈرۈپ چىقاي باشىم بىلەن،

يار يۈرگەن كوچىلارغا سۇ سېپەي ياشىم بىلەن.

(قايتۇرما)

6–ئۆزگىرىش: «يار–يار ئايلىنىمەن»

ئاتلارنى ھەيدەيدىكەن (يار–يار ئايلىنىمەن)

(يەنە) مۇز داۋان بىلەن (يار ساڭا مەيلىم بار)

بىر ياخشىنى قىينايدىكەن (يار–يار ئايلىنىمەن)

(يەنە) بىر يامان بىلەن (يار ساڭا مەيلىم بار)

قوي كېلەدۇر قوزا بىلەن (يار–يار ئايلىنىمەن)

بىر–بىرىنىڭ ئىزى بىلەن (يارساڭا مەيلىم بار)

بىزنىڭ يارلار ئويناشىپتۇ (يار–يار ئايلىنىمەن)

ھەقەم ساينىڭ قىزى (ئوغلى) بىلەن (يار ساڭا مەيلىم بار)

ياخشى ئاتنى مىنگەندە

قولۇمدا قامچا.

شول يارىمغا ياراشىپتۇ،

پۇپۇش تىزلامچا.

7–ئۆزگىرىش: «چىم–چىم ئەتتىم»

چىم–چىم ئەتتىم چىم بىلەن

كاۋاپ ئەتتىم زىخ بىلەن

(ئېسى يادىم سەن بىلەن)

سەن يۈرىسەن كىم بىلەن.

قۇرغۇي بولۇپ ئۈچتۇم مەن،

شال بويىغا چۈشتۈم مەن.

تەلىمينىڭ يوقىدىن،

بىر يامانغا چۈشتۈم مەن.

باردىم دەريا كەچكەلى،

ئولتۇردۇم سۇ ئىچكەلى

كەلسە يارىمدىن خەۋەر (ئا . ھ)

قاناتىم يوق ئۇچقالى.

8–ئۆزگىرىش: «مەشۇقۇم»

ئاق لەيلى، قىزىل لەيلى (مەشۇقۇم يارەي، مەشۇقۇم)

يارنىڭ بارمىكىن مەيلى (مەشۇقۇم).

بولسا بولمىسا مەيلى (