مەدەنىيلىشىشمۇ، ياتلىشىشمۇ؟ (6)

يارمۇھەممەت تاھىر تۇغلۇق

دوستلۇق ۋە ۋاپادارلىقنىڭ خاسىيىتى توغرىسىدا بىر ھېكايە

شۇنداق بىر مەشھۇر ۋەقە باركى، چىڭگىزخان بىلەن خارەزمشاھ ئاداۋەتلىشىپ جەڭ مەيدانلىرىنى تۈزگەندە ئالەم شۇ دەرىجىدە بۇزۇلدىكى، ئۇنى شەرھلەپ بولۇش مۇمكىن ئەمەس.

ۋاقتىكى، بۇ جەڭدە چىڭگىزخان غەلىبە قىلىپ، خارەزمشاھنىڭ مەملىكىتىنى ئېلىپ، ئۇنى ئاستىن – ئۈستۈن قىلدى ۋە ئۇنىڭ ئوردىسىغا ئورۇنلاشتى. ئاندىن خارەزمشاھنىڭ پۇقرالىرىغا ئاداۋەت قىلىچىنى يالىڭاچلاپ، ئەلنى قىرغىن قىلىشقا باشلىدى. جەبىر – زۇلۇم دېڭىزى قەھرى – غەزەپ قايناملىرىنى ھاسىل قىلدى. ئاتا ئوغۇلدىن، ئانا قىزىدىن خەۋەر ئالالماي پەرياد چەكتى. ھاياتلىق بىناسىنى ئەجەل ماتەملىرى تەۋرىتىشكە باشلىدى. ھېچ يەردە تىنچ – ئامانلىق قالمىدى.

ئەلقىسسە، شۇ ۋاقىتلاردا شام شەھىرىدە بىر – بىرىگە مۇھەببەتلىك ئىككى دوست بار ئىدى. ئۇلار بىر – بىرىنى جېنىدىن بەكرەك ئەزىزلەيتتى. ئۇلارمۇ بىر كۈنى چىڭگىزخاننىڭ قەتلىئام قىلغۇچى سىپاھلىرىغا ئۇچراپ قالدى. ئۇ سىپاھلارنىڭ كۆزلىرى قانغا تولغان ۋە قاتىللىق خۇمارى تۇتقانىدى. ئۇلارنىڭ قولىدىن ئامان – ئېسەن قۇتۇلالمايدىغانلىقىنى بىلگەن بۇ ئىككى دوست ئۆز جانلىرىدىن ئۈمىد ئۈزۈشتى. جاللاتلار بۇ ئىككىسىنى ئۆلۈم مەيدانىغا سۆرەپ كېلىشتى. بۇ ئىككى دوست بىر – بىرىگە جېنىنى پىدا قىلىشقا رازى ئىدى. ئۇلارنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان جاللات قىلىچىنى يالىڭاچلاپ بىرىنىڭ يېنىغا كەلگەنىدى، يەنە بىرى نالە قىلغان ھالدا:

– ئاۋۋال مېنى ئۆلتۈرگىن، ئۇ بىردەم بولسىمۇ ئۇزۇنراق ياشىۋالسۇن، – دەپ يالۋۇردى. جاللات بۇنىڭغا ماقۇل بولۇپ يەنە بىرىنىڭ يېنىغا قىلىچ تەڭلەپ كەلگەنىدى ئالدىنقىسى نالە – زار قىلىپ تىلەپ تۇرۇۋالدى:

– خۇدا ھەققى، ئۇنى بالدۇر ئۆلتۈرمىگىن، ئالدى بىلەن مېنى ئۆلتۈرگىن. ئۇنىڭ جان ئازابى تارتىپ قىينالغانلىقىنى كۆرۈش ماڭا ئۆلۈمدىنمۇ ئېغىر ئازاب، مەن بۇنىڭغا چىداپ تۇرالمايمەن.

دەل مۇشۇ چاغدا چىڭگىزخان ئۇخلاۋاتقانىدى، بۇ ئىككى دوستنىڭ ئىشلىرى ئۇنىڭ چۈشىدە ئايان بولدى. ئۇھەيرانلىق ئىچىدە تۇرغاندا، بىرەيلەن چىڭگىزخانغا: «بۇ ئىككىسىدىن مېھىر – مۇھەببەت، ۋاپادارلىق يولىنى ئۆگەن. خالايىققا جەبىر – زۇلۇم قىلىشىڭنى توختات. خارەزمشاھ سەن بىلەن ئۆچەكەشكەن بولسا، بۇ ئىشتا خالايىقنىڭ نېمە گۇناھى بار؟! ئىككى پادىشاھ ئۆچ – ئاداۋەت بىلەن جاھاننى بۇزۇپ، خاراب قىلدىڭلار. بۇ ئىككى دوست بولسا بىر – بىرىگە مېھىر – مۇھەببىتىنى بېغىشلاپ، ساداقەت – ۋاپادارلىق كۆرسىتىشتى. بۇلاردىن ئىبرەت ئال» دەپ بېشارەت بەردى. چىڭگىزخان ئۇيقۇدىن ئويغىنىپ، قەتلىئام قىلىشنى دەرھال توختىتىشقا پەرمان چۈشۈردى. ئۇ ئىككى دوستنىڭ ساداقىتى، ۋاپادارلىقىدىن بىر مەملىكەتنىڭ خەلقى بالا – قازادىن نىجادلىققا ئېرىشتى. ئۇلارنىڭ چىن دوستلۇقى باشقا دىندا بولغان بۇ قەتلىئام قىلغۇچىلارغىمۇ تەسىر قىلىپ، ئالەم خەلقىنىڭ تىنچ – ئامانلىقىغا سەۋەبچى بولدى. ھەرقانداق بىر كىشى دوستلۇق، ئىتتىپاقلىق يولىنى تۇتۇشنى بىلمىسە، ئۇلارغا بۇ تەمسىل قىيامەتكىچە يەتكۈدەك دەرس بولالايدۇ.

يوقىلىشقا يۈز تۇتىۋاتقان مىللىي خاسلىقىمىز

1. تارىختا ئۇلۇغلۇق تاجىنى كىيگەن مىللەت

«ئۇيغۇر» دېگەن شەۋكەتلىك نام بىلەن تونۇلغان خەلقىمىز نەچچە مىڭ يىللىق مەدەنىيەت تارىخىغا ئىگە ئۇلۇغ مىللەتلەرنىڭ بىرى سۈپىتىدە ئىنسانىيەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىي تارىخىدا ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان، كۆمۈلمەس ئىزلارنى قالدۇرۇپ كەتكەنىدى. ئۇلار مەنىۋى مەدەنىيەت جەھەتتە بولسۇن ۋە ياكى ماددىي مەدەنىيەت سەھنىسىدە بولسۇن، جاھان مەدەنىيىتىنىڭ نۇرانە مەشئىلىنى نەچچە مىڭ يىللار جەۋلان قىلدۇرغان. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ نامى ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە تۇتقان ئورنى ئوتتۇرا ئاسىيادىلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن شەرق دۇنياسىدا پەخىرلىك ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەنلىكى تارىخىي خاتىرىلەردىن مەلۇم. ئۇلار ئاشۇنداق پارلاق مەدەنىيىتى ۋە شۆھرىتى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ مىللىي خاراكتېرى، مىللىي روھى ۋە مىللىي ئالاھىدىلىكىنى ناھايىتى روشەن نامايان قىلغان. بۇ جەھەتتە بىز قەدىمكى ئاتا − بوۋىلىرىمىزنى پەخىر بىلەن تىلغان ئېلىشقا ھەقلىقمىز.

مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 4 − ئەسىردە ئۆتكەن ماكىدونىيە پادىشاھى ئىسكەندەر زۇلقەرنەين بۈيۈك كۈچ − قۇدرەت ۋە ئۇلۇغ سەلتەنەت بىلەن پۈتۈن دۇنيانى ئۆزىنىڭ تەسەررۇپى ئاستىغا ئېلىشقا تۇتۇش قىلدى ۋە تەرەپ − تەرەپكە يارلىق چۈشۈرۈپ، مەكتۇپ يوللاپ، باشقا ئەللەرنى ئۆزىگە بويسۇندۇرۇشقا تۇتۇش قىلدى. بۇ مەكتۇپلار ئىچىدە چىن − تۇران پادىشاھىغا يازغان مەكتۇپى ئالاھىدە خاراكتېرلىك ئىدى. جانابىي ئەلىشىر نەۋائى ئۆزىنىڭ «سەددى ئىسكەندەر» ناملىق داستانىدا تارىخىي ۋە رىۋايەتلىك ئامىللارنى بىرلەشتۈرۈپ ئىسكەندەرنىڭ مەكتۇپىنى مۇنداق بايان قىلىپ بېرىدۇ.

«مېنى ئىسكەندەر، دەپ ئاتىشىدۇ، يەتتە ئىقلىمنى ئۆزۈمگە بويسۇندۇرۇش مېنىڭ سۈپىتىم ۋە خۇسۇسىيىتىمدۇر. سېنى <خاقانى چىن> دېيىشىدۇ، تۇران زېمىنى سېنىڭ مەملىكىتىڭ، تۇرانلار بولسا سېنىڭ لەشكەر ۋە پالۋانلىرىڭدۇر …» يۇقىرىقى بايانلاردىن كېيىن ئىسكەندەر ئۆزىنىڭ شاھلىق تەختكە چىقىشىنىڭ سەۋەبىنى سۆزلەپ بولۇپ، مۇنداق مەسخىرىلىك قۇرلارنى يازغان. «… بۈگۈن ئىران مەملىكىتى ماڭا تەۋە بولدى، ھەممە شاھلار پەرمانىمدا بولدى … ساڭىمۇ ئەگەر بەخت − تەلىيىڭ مەدەت بېرىدىغان بولسا، ئورنىڭدىن تۇرۇپ، پەلەك سۈپەت ئاستانەمگە كەلگىن. قانداق پەرمان قىلسام، سۆزۈمنى ئۇلۇغ دەپ بىلگىن، بوسۇغامدا باش قويۇپ ئايىغىمنى سۆيگىن. ساڭا ۋە بارلىق تاۋابىئاتىڭغا ئىنئام − ئېھسان قىلىپ، مۇرەسسە، مادارا بىلەن لايىقىدا ئىززەت − ھۆرمىتىڭنى قىلىمەن … ئەگەر ئىتائەت قىلماي، جاھىللارچە يول تۇتۇپ، دۈشمەنلىك ۋە گۇناھكارلىقنى ئىختىيار قىلساڭ، ئۇ ھالدا بېشىڭغا بۇ تەتۈر پەلەكتىن نېمە كۈن كەلسە، مەندىن ئاغرىنما، مەندىن مېھرىبانلىق ۋە مۇرەسسە − مادارا كۆزلىمە، قالغان سۆزلەرنى ئەلچى بايان قىلىدۇ، شۇنىڭدىن بىلەرسەن، تامام ۋەسسالام.»

يۇقىرىقى تەھدىت ۋە ھاقارەت بىلەن تولغان مەكتۇپنى تاپشۇرۇپ ئالغان خاقانى چىن − تۇران پادىشاھى تەمكىنلىك ۋە ئالىيجانابلىق بىلەن سۇغۇرۇلغان مۇنۇ مەكتۇپنى ئەلچىلەردىن ئەۋەتىپ بېرىپتۇ:

«ئىسكەندەرنىڭ ئەۋەتكەن بۇ مەكتۇپى زەھەردىن ئاچچىق، قىلىچتىن ئىتتىك تەلەپپۇزدا يېزىلىپتۇ. ئۇ جانابىي ئەلچىلەرگە بۇ خەتنى يېزىپ بېرىۋاتقان ۋاقىتتا يا ئەقلىدىن ئادىشىپ قالغان ياكى ئالدىراپ كېتىپ، سۆز ئىبارىلەرنى ئويلىماي، دەڭسەپ باقماي يېزىپ قويغان ئوخشايدۇ، لەشكىرىم كۆپ، خەلقىم باياشاد، ئۇنىڭدىن ھېچبىر قالغۇچىلىكىم يوق. ئۆزىگە تەۋە بولمىغان بىر پادىشاھقا مۇنداق تەلەپپۇزدا مەكتۇپ يېزىش ھېچقانداق رەسىم − قائىدىدە كۆرۈلۈپ باقمىغان ئىش. مۇنداق ئەھۋال كىتابلاردىمۇ ئۇچرىمايدۇ. ئىسكەندەر خېتىدە ئۆزىنى <ھېكىم ۋە دانىشمەن> دەپ كۆككە كۆتۈرۈپ پەخىرلىنىپتۇ. ئەگەر ئۇنىڭ ئەقلى جايىدا بولغان بولسا، بۇنداق سۆزلەرنى دېمىگەن بولاتتى، چۈنكى مۇنداق تەلەپپۇز بىلەن مەكتۇپ يېزىش ئەقىل − ھوشى بار كىشىلەرگە زادى مۇناسىپ ئەمەس. يەنە تېخى <خاقانى چىن ئالدىمغا كەلسۇن> دەپتۇ. ماڭا مۇنداق سۆزنى قىلىشقا بۇ پىرقىراۋاتقان پەلەكمۇ پېتىنالمايدۇ. دارامۇ بىر نەچچە ۋاقىت جاھاندارلىق قىلىپ ئۆتتى. ئۇنىڭ بىلەن ئارىمىزدا دوستلۇق، قوشنىدارچىلىق مۇناسىۋىتى بارئىدى. بىر − بىرىمىزنى ھۆرمەتلەپ كەلگەنىدۇق. ئۇمۇ ھېچقاچان ماڭا قارشىلىق ۋە دۈشمەنلىشىشنى قوزغايدىغان مۇنداق تەكلىپنى قويۇپ باقمىغان، ئىسكەندەرنىمۇ ئىككىنچى دارا دەپ بىلىپ، جاھان مۈلكىنىڭ شاھلىرىدىن بىرى دەپ قارايمەن، بىراق ئۇ چىن مەملىكىتىنىڭ باشقا بىر جاھان ئىكەنلىكىنى بىلمەي قاپتۇ. شۇڭا، ئالدىراپ − تىنەپلا يېزىپ ئەۋەتكەن بۇ مەكتۇپقا ئۇنچە ھودۇقۇپ كەتمەيمەن؛ ئۇ گەرچە خەتنى ناھايىتى قاتتىق − يىرىك سۆزلەر بىلەن يازغان بولسىمۇ، لېكىن مەن ئۇنداق قىلمايمەن. ئەگەر ئۇ دارادەك قائىدە − يوسۇن بىلەن سۆز قىلغان بولسا، ئەلۋەتتە سۆزلىرىگە خېرىدارلىق قىلغان بولاتتىم. ئەگەر ئۇنىڭ خىيالى مۇشۇ مەكتۇپتىكىدەك بولىدىغان بولسا، ئۆزىنىڭ مىجەز − خۇلقىنى نورمال تۇتمىسا، مەنمۇ ئۇنىڭ بىلەن جەڭگى − جېدەلدىن باشقا ئىشنى قىلمايمەن. ئۇ قەيەردە جەڭ مەيدانى تۇۈزسە مەنمۇ شۇ يەرگە يۈرۈش قىلىپ تۇتىشىمەن، ئەگەر دىيارىمغا لەشكەر تارتىپ كەلسە، شەھەر دەرۋازىسىنى يېپىپمۇ قويمايمەن، سىپاھلىرىم بىلەن بۇ ئاسمان ئاستىنى چاڭ − توزانغا تولدۇرۇپ، ئىسكەندەر بىلەن يۈزمۇيۈز ئېلىشىمەن.»

ئەلچىلەر ئارقىلىق يەتكۈزۈلگەن يۇقىرىقى جاۋابنى ئاڭلىغان ئىسكەندەر سەلدەك قوشۇنى، دىۋىدەك سەركەردىلىرىنى، ئەۋلىيادەك مەسلىھەتچىلىرىنى باشلاپ ئوتتۇرا ئاسىياغا يۈرۈش قىلغان. تۇران پادىشاھى ئېيتقاندەك ئىسكەندەر تۇران خەلقنى خاتا مۆلچەرلەپ قالغانىدى.

تارىخىي خاتىرىلەر ۋە مەھمۇد قەشقەرىنىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى»دىكى ئېنىق خاتىرىلەرگە قارىغاندا، ئىسكەندەر چىن زېمىنىنى ئىشغال قىلالمىغان، تۇران پادىشاھىنىڭ ئالىيجاناب تىرىشچانلىقى، تۇران قوشۇنلىرىنىڭ تەڭداشسىز جەڭگىۋارلىقى ئاستىدا ئىسكەندەر سۇلھى تۈزۈشكە مەجبۇر بولغان. «تۈركىي تىللار دىۋانى»دىكى مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، زۇلقەرنەين قوشۇنلىرى تۇران زېمىنىغا يېقىنلاشقاندا، تۇران شاھى ئۇنىڭغا قارشى خىللانغان تۆت مىڭ كىشىلىك قوشۇنىنى ئالدىن يۈرەر قىسىم قىلىپ ماڭدۇرغان، ئۇلار زۇلقەرنەيننىڭ ئالدىنقى قىسىملىرى بىلەن باتۇرلۇق بىلەن ئېلىشقان. ئۇيغۇر ئەسكەرلىرى ئات ئۈستىدە شۇنداق ئۇستىلىق ۋە چەبدەسلىك بىلەن ھەرىكەت قىلغانكى، ئوقنى ئالدىغا قانداق ئۈزسە، كەينىگىمۇ شۇنداق ماھىرلىق بىلەن ئۈزگەن. ئۆزلىرىگە بولسا ھەرگىز ئوق تەگكۈزمىگەن، بۇنداق چەبدەسلىكنى، جاسارەت ۋە ماھارەتنى، ۋەتەن ئۈچۈن ئۆزلىرىنى پىدا قىلىۋاتقان روھنى كۆرگەن ئىسكەندەر ھەيرەتتە بارمىقىنى چىشلىگەن ھەمدە زوقمەنلىك ۋە قايىللىق بىلەن «ئىنان خوزخورەند» (بۇلار باشقىلارغا بېقىنماي ئۆز ئوزۇقىنى ئۆزى تېپىپ يېيەلەيدىغان خەلق ئىكەن، ئۇلارنىڭ قولىدىن ئوۋ قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ، قاچان خالىسا شۇ چاغدا ئېتىپ يېيەلەيدۇ) دەپتۇ. مەھمۇد قەشقەرىنىڭ تىلشۇناسلىق قانۇنىيىتى بويىچە تەبىر بېرىشىچە، «خوزخور» بارا − بارا فونىتېكىلىق ئۆزگىرىش ياساش جەريانىدا «ئۇيغۇر»غا ئۆزگەرگەن، دەپ ئىلمىي يەكۈن چىقىرىدۇ .

ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تەبىئىتىدىكى باتۇرلۇق، زېرەكلىك ۋە ئەخلاقىي − پەزىلىتى ھەرقايسى تارىخىي دەۋرلەردە روشەن ھالدا نامايان بولغان. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتىكى يۈكسەكلىكى، ئىجادچانلىق روھى، تەرەققىي قىلىش، يېڭىلىققا ئىنتىلىشچانلىقى جەھەتتە ئۆزلىرىنىڭ ئەقىل − پاراسەتلىك خەلق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغانىدى. ئۆز دەۋرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يۈكسەك پەزىلىتى ۋە ئالىيجاناب قەھرىمانلىق روھى، گۈزەل مەنىۋى قىياپىتى بىلەن ئۇلۇغ ئاللانىڭ ۋە ئاللانىڭ ئەلچىسى بولغان مۇھەممەد ئەلەيھىسسەلامنىڭ قوللىشىغا، يۇقىرى باھاسىغا ۋە نەزەرىگە سازاۋەر بولغان، بۇ خۇسۇستا مەھمۇد قەشقەرى مۇنداق بىر ھەدىسنى ئىپتىخار بىلەن مىسال ئالىدۇ: «بىز <تۈرك> دېگەن ئىسىمنى ئۇلۇغ تەڭرى ئۆزى قويغان، دېدۇق. چۈنكى، قەشقەرلىك خەلەف ئوغلى تەقۋادار ئىمام ئۇستاز ھۈسەيىننىڭ <ئىبنولفەرقى> دېگەن ئادەمدىن ئاڭلاپ ماڭا ئېيتىپ بېرىشىچە، <ئىبنۇئەبى ئەددۇنيا> دېگەن نام بىلەن تونۇلغان جەلجارالىق ئۇستاز ئەبۇبەكرى موفىد ئاخىر زامان توغرىسىدا يازغان بىر كىتابىدا پەيغەمبىرىمىزدىن نەقىل كەلتۈرۈپ، مۇنداق بىر ھەدىسنى رىۋايەت قىلغان: <ئۇلۇغ تەڭرى ئېتىدۇ: مېنىڭ بىر تائىپە قوشۇنۇم بار، ئۇلارنى تۈرك دەپ ئاتىدىم، ئۇلارنى كۈن چىقىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، بىرەر قوۋمغا غەزەپلەنسەم تۈركلەرنى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ئەۋەتىمەن>» مەھمۇد قەشقەى يۇقىرىقى ھەدىسنى شەرھلەپ: «بۇ ھال ئۇلارنىڭ باشقا خەلقلەرگە نىسبەتەن پەزىلەتلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ، چۈنكى ئۇلارغا تەڭرى ئۆزى ئات قويغان، ئۇلارنى يەر يۈزىنىڭ ئەڭ ئېگىز، ئەڭ ھاۋالىق جايلىرىغا ئورۇنلاشتۇرغان ۋە «ئۆز قوشۇنۇم» دېگەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە تۈركلەر كۆركەم، يېقىملىق، ۋەدىسىگە ۋاپا قىلىدىغان، ئاددىي − ساددا، كەمتەر، دادىل، مەرد ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش سان − ساناقسىز پەزىلەتلەرگە ئىگە. شۇڭا شېئىردا مۇنداق كەلگەن:

«قاچان ئۇنى تۈرك دەپ تونۇسا،

خەلق ئۇنىڭغا شۇنى ئېيتىدۇ.

ئۇنىڭغا ئۇلۇغلۇق تېگىدۇ،

بۇنىڭدىن باشقىسىغا ئاشمايدۇ.»① «تۈركىي تىللار دىۋانى»، 1 − توم، 454 −، 455 − بەتلەر.

يۇقىرىقى بايانلار قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ ماھىيەتلىك مىللىي ئالاھىدىلىكىنى ئىنسانىيەت دۇنياسىدا تۇتقان ئورنىنى كۆرسىتىپ بېرىپلا قالماي، بەلكى يۇقىرىقى ھەدىس ئۆزىدە يۇغۇرغان چوڭقۇر مەزمۇن بىلەن بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلار تەڭرىنىڭ ئۇلۇغلىشىغا ۋە قوللىشىغا ئېرىشكەنلىكىنى ئىپادىلىسە، يەنە بىر تەرەپتىن بۇنداق قوللاش ۋە ئۇلۇغلاشنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تەبىئىتىدە مەۋجۇت بولغان يۈكسەك پەزىلىتىنىڭ ۋە مەدەنىيەت ساپا سېلىشتۇرمىسىدا ناھايىتى يۇقىرى تۇرغانلىقىنىڭ خاسىيىتىدىن بولغانلىقى روشەن بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ سىر ئەمەسكى، ئۆز دەۋرىدە ئۇيغۇرلارنى ھۆرمەتلەش، ئۇيغۇرلارغا سېغىنىش، ئۇيغۇرلارغا ئەگىشىش ئۇلارنىڭ يولىنى تۇتقانلىق ھېسابلىنىپلا قالماي، بەلكى ئۇيغۇرلارنىڭ يولىنى تۇتۇش ۋە ئۇيغۇرلاردىن مەدەنىيەت ئۆگىنىش، تىل ئۆگىنىش ۋاجىپ قاتارىغا ئۆتكەنىدى.

مەھمۇد قەشقەرى بۇ خۇسۇستا مۇنداق مەلۇمات بېرىدۇ:

«ئىشەنچلىك بىر بۇخارالىق ئالىم بىلەن نىشاپۇرلۇق باشقا بىر ئالىمنىڭ تەڭرى ئەزىز كۆرگەن پەيغەمبىرىمىزدىن دەلىل كەلتۈرۈپ ئېيتقان تۆۋەندىكى سۆزلەرنى ئېنىق ئاڭلىغانىدىم: پەيغەمبىرىمىز قىيامەت بەلگىلىرىنى، ئاخىر زامان پىتنىلىرىنى ۋە ئوغۇز تۈركلىرىنىڭ مەيدانغا چىقىدىغانلىقىنى سۆزلىگىنىدە <تۈرك تىلىنى ئۆگىنىڭلار، چۈنكى ئۇلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئۇزاق داۋام قىلىدۇ> دېگەنىكەن.

بۇ ھەدىسكە شۇ ئېيتقۇچى كىشىنىڭ ئۆزى جاۋابكار. بۇ ھەدىس راس بولسا، تۈرك تىلىنى ئۆگىنىش ۋاجىپ بولىدۇ، راست بولمىغان تەقدىردىمۇ، تۈرك تىلىنى ئۆگىنىش زۆرۈرلۈكىنى ئەقىل تەقەززا قىلىدۇ.»② «تۈركىي تىللار دىۋانى»

ناھايىتى روشەنكى، قەدىمكى ئۇيغۇرلار رېئال كىشىلىك مۇناسىۋەتلەردە ئەزىزلىنىپ، ھۆرمەتلىنىپ قالماي، بەلكى ئۆزلىرىدىكى يۈكسەك پەزىلەت ۋە ئالىيجاناب مىللىي خاراكتېرى بىلەن دىنىي ئەقىدىلەردىمۇ قەدىرلىك ھەم ھۆرمەتلىك ئورۇن ئېلىشقا مۇيەسسەر بولغان، ئۇيغۇر خەلقىمۇ ئۆزلىرىنىڭ دۇنيا خەلقى ئالدىدىكى شان − شەرىپىنى مەدەنىيەت جەھەتتە تۇتقان ئورنىنىڭ يۇقىرىلىقى، شانۇ شەۋكەتلىك ئورنى ۋە پەزىلەتلىك خەلق بولغانلىقىدىن دەپ چۈشەنگەن. شۇڭا، ئۇلار ئۆزلىرىدىن يۇقىرى دەرىجىدىكى ئىشەنچ بىلەن پەخىرلەنگەن. بىز بۇ يەردە مەھمۇد قەشقەرىنىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى» دېگەن ئەسىرىدىن ئۆز دەۋرىنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە خەلقنىڭ پەخىرلىنىش ھېسسىياتىنى ئىپادىلىگەن تۆۋەندىكى خىتابىنى ئەسلىتىپ ئۆتىمىز:

«مەن تەڭرىنىڭ دۆلەت قۇياشىنى تۈركلەر بۇرجىدا تۇغدۇرغانلىقىنى كۆردۈم ۋە پەلەكنىمۇ شۇلارنىڭ زېمىنى ئۈستىدە چۆرگىلەتكەنلىكىنى كۆردۈم. تەڭرى ئۇلارنى <تۈرك> دەپ ئاتىدى ۋە سەلتەنەتكە ئىگە قىلدى؛ دەۋرىمىزنىڭ خاقانلىرىنى تۈركلەردىن قىلىپ، زامان ئەھلىنىڭ ئىختىيار تىزگىنىنى شۇلارنىڭ قولىغا تۇتقۇزدى؛ ئۇلارنى ئىنسانلارغا باش قىلدى؛ ھەق ئىشلاردا ئۇلارنى قوللىدى؛ ئۇلار بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ كۈرەشكەنلەرنى ئەزىز قىلدى ۋە تۈركلەر تۈپەيلىدىن ئۇلارنى ھەممە تىلەكلىرىگە ئېرىشتۈرۈپ، يامانلارنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ساقلىدى. تۈركلەرنىڭ ئوقىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ يولىنى مەھكەم تۇتۇش ھەربىر ئەقىل ئېگىسىگە لايىق ۋە مۇناسىپ ئىش بولۇپ قالدى. ئۆز دەردىنى ئېيتىش ۋە تۈركلەرگە يېقىش ئۈچۈن، ئۇلارغا تۈرك تىلىدا سۆزلىشىشتىن ياخشىراق يول يوق. كىمكى ئۆز گۇرۇھىدىكى دۈشمەنلىرىدىن ئايرىلىپ، تۈركلەرگە سېغىنىپ كەلسە، تۈركلەر ئۇلارنى ئۆز قانىتى ئاستىغا ئېلىپ، خەۋپتىن قۇتقۇزىدۇ؛ ئۇلار بىلەن بىللە باشقىلارمۇ پاناھ تاپىدۇ.»① «تۈركىي تىللار دىۋانى»، 1 − توم، 1 −، 2 − بەت