كروران گۈزىلى – ئۇيغۇرلارنىڭ ئانىسى

جۇڭگونىڭ يىراق چېگرا رايونى شىنجاڭنىڭ مەركىزىي شەھىرى ئۈرۈمچى خۇددى بۇ يەردىكى مول نېفىت زاپىسى كەبى چالقىنىپ تۇرماقتا . 3800 يىللىق « ئاپئاق ئايىم » مۇشۇ چالقىنىشلارنىڭ بىر قىسمى . كاشتان رەڭلىك چېچى ، دۈگىلەك كۆزى ، ئاپئاق تېرىسى ، ئوتتۇرىدىن ياما ئاريىلغان چېچىغا قاراپ ، يەرلىك ئاھالىلەرنى ئۇنى « ئۇيغۇرلارنىڭ ئانىسى » دەپ ئاتاشقا كۆنگەن . مۇنداقلا قارىماققا مەركىزىي ئاسىيانىڭ كىندىكى شىنجاڭ ئۇنىڭ ئۆز يۇرتى ئەمەستەك كۆرۈنىدۇ . چۈنكى ، « كروران گۈزىلى » نىڭ ھاياتى بۈيۈك يىپەك يولىدىكى خاراب بولغان شەھەر كروران بىلەن بىللە تۈگىگەن . 1980 – يىلى قۇم ئاستىدىن قوي خرومى ۋە يۇڭ توقۇلما كىيىملىرى بىلەن قېرىپ چىقىرىلدى . يېشى 45 ، بويى 1.65 مېتىر بولۇپ ، ھەقىقىي دەۋرى ئۈرۈمچىدىكى مۇزېيدا نامايىش قىلىندى .
لېكىن « ئاپئاق ئايىم » تۇرغان شەھەردە ئادەملەر بىلەن لىق تولغان كوچا – سوقاقلاردا ، كىچىك ئاپتوموبىللار ۋە چوڭ قوش چاقلىق ھارۋىلاردا ، نېپىز ئەينەكلىك ماگىزىنلارنىڭ ئالدىدا « بازار ئىگىلىكى سوتسىيالىزمى » نىڭ پولات – بىتون بىلەن قوپۇرۇلغان بىنالىرىنىڭ تۈۋىدە ، قوۋناق كىشىلەر توپى ، قوزىلارنى يېتىلىگەن كىشىلەر ئارىسىدا ، ھەرى كۆنىكىدەك تېلېفونلار يېنىدا ، پرولېتارىياتنىڭ شەپكىسى ۋە كەلتەك توپ تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ شەپكىسىنىڭ ئاستىدا پەقەتلا قىيسىق كۆزلەر يە بولمىسا بۇغداي ئۆڭ ، قارامتۇل چىرايلا كۆزگە چېلىقىدۇ . ئېنىق ياۋروپا تىپىغا مەنسۇپ بۇ ئاق تەنلىك ئايالنىڭ قۇملۇقنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى بۇ زېمىن بىلەن قانداق باغلىنىشى بار ؟ ئۇ قانداق بولۇپ « سرېدىنىيە ئىمپېرىيىسى » تېررىتورىيىسىدە پەيدا بولۇپ قالدى .
بازارلاردا قىزغۇچ چاچلىق ، كۆك كۆزلۈك كىشىلەرنى ئۇچراتقان ئادەم ھەيران قالىدۇ . بۇ كىشىلەر ياۋروپا دېڭىز قاراقچىلىرىغا ئوخشايدۇ . ئۇلار ئارغۇنلار ئەمەس ، دەل ئۇيغۇرلاردۇر . ئەڭ تۆۋەن چەك بىلەن ستاتسىتكا قىلغاندا ، ئۇيغۇرلاردا ياۋروپا ئىرقىدىكىلەر %30 نى ئىگىلەيدۇ . ئۇلاردىكى ياۋورپاچە تەق – تۇرق ، ئۇزاق تارىخىي مەنبە بىلەن مۇناسىۋەتلىك 7 – ئەسىردە ئۇلاردىن بىر قىسمى موڭغۇلىيىدىن بۇ يەرگە كەلگەندە ، رىۋايەتلەردىكى خەلق – توخارلار بىلەن ئۇچراشتى ۋە ئۇلار بىلەن بىرىكىشىپ كەتتى . ئۇيغۇرلارنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرىنى ھىندى – ياۋروپا ئىراقىدىكىلەرنىڭ بىر تارمىقى دېيىشكە بولىدۇ . خېلى كۆپ كىشىلەر ئۇيغۇرلارنى ئۇيسۇنلارنىڭ ئەۋلادلىرى دەيدۇ . بەزىلەر ئۇيغۇرلارنى يىلقىنى تۇنجى بولۇپ كۈندۈرگەن سىكىفلار ( ساكلار ) نىڭ ئەۋلادلىرى دەپ ھېسابلايدۇ . سىكىفلار قارا دېڭىزنىڭ شىمالىدا ياشايدىغان بولۇپ ، ئۇلار تارىخچى ھىرودوتقىمۇ مەلۇم ئىدى . 2 – ئەسردىكى ماكودونىيىلىك داڭلىق جۇغراپىيىچى پتولومىيى ئۆزىنىڭ « جۇغراپىيە » ناملىق كىتابىدا تەكىلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدا ، قارا قۇرۇم تاغ قايراقلىرىنىڭ جىلغىلىرىدا خائورۇن سىكىفلىرىنىڭ ياشايدىغانلىقىنى قەيت قىلغان . ( تەكىلىماكاننىڭ جەنۇبىدىكى ، جەنۇبىي يىپەك يولىدىكى قەدىمكى شەھەر خائۇران – كروران ؟ ) پتولومىي باشقا سىكىفلارنى تەكلىماكاننىڭ شىمالىغا ۋە تەڭرىتاغنىڭ شىمال ۋە جەنۇب ئېتىكىگە جايلاشقانلىقىنى يازغان . بۇنىڭ ئىچىدە گۇتشېن چۆلىمۇ ، ئۇنىڭغا ئۇلىنىپ ئىسسىدون شەھىرىمۇ ۋە بەشبالىق ، ھەمدە شىمالىي يىپەك يولىدىكى كارۋانسارايلىرىنىڭ بىرى – ھازىرقى زامانىۋى شەھەر ئۈرۈمچىمۇ بار بولغانىكەن ( پتولومىيىتىنىڭ ئىلمىي ئەمگەكلىرى فرانسۇرئالىمى بېرتولو تەرىپىدىن قايتا رەتلەندى ) ، خەن سۇلالىسىنىڭ بىئولوگرافىك ئەسەرلىرىدە ( مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 2 – ئەسىردىن مىلادىيەدىن كېيىنكى 2 – ئەسىرگىچە ) دۆلەتنىڭ غەربىي بۆلىكىدىكى يېشىل كۆزلۈك ، قىزغۇچ چاچلىق « ياۋايىلار » ھەققىدە كىشىنى قانائەتلەندۈرگۈدەك دېرەكلەر ئاز .
ۋەھالەنكى 20 – ئەسىرنىڭ باشلىرىدا غەربنىڭ ئارخېئولوگلىرى توخارلارنىڭ ھىندى – ياۋروپا تىلىدا يېزىلغان ، قەدىمكى غەربىي ياۋروپادا ياشىغان كېىتسىلارنىڭ تىلىغا يېقىن كېلىدىغان توخارچە بۇددا دىنى ۋەسىقىلىرىنى يېشىپ ، تىل – يېزىقىنىڭ مەنبەيىنى بېكىتىپ ھېچبولمىغاندا ، مىلادىيەدىن كېيىنكى 7 – ئەسىردىكى توخار – ئۇيغۇرلار تىل – يېزىقنىڭ ، توخار – ئۇيغۇرلار مەدەنىيىتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلگەن دەۋرىنىڭ مەھسۇلى دەپ قارىدى . ئۇ دەۋردە كرۇراندىكى ئاقسۇڭەكلەر ئائىلىلىرىدىكى رەسىم – قائىدىلەرنى بۇددىستلارنىڭ ۋە گرېكلەرنىڭ دەپ ئايرىدى . ئۇ يەردىكى سودىگەرلەرنىڭ كارۋانسارايلىرىغا رىم ۋە جۇڭگوغا جابدۇنۇپ ماڭغان كارۋانچىلار چۈشۈپ ئۆتۈپ ، بىزگە لازىملىق ئىسپاتلارنى ئەرەمەي مەنبەلىك ھىندى – چاروچ يېزىقىدا يېزىپ قالدۇردى . ئەپسۇسكى ، بۇ گرېك – بۇددىزم مەدەنىيىتى بىزگە يېقىنراق بولغان ئېرامىزنىڭ 4 – ئەسىرىدە توساتتىن غايىپ بولدى .
70 – يىلنىڭ ئاخىرىدا تەكلىماكان قۇملۇقىدىن يۈز ئەتراپىدا مۇميا قېزىۋېلىندى . ئۇلارنىڭ ئارىسىدا « ئۇيغۇرلارنىڭ ئانىسى » مۇ بار بولۇپ ، ئۇنىڭ پورترېتى يەرلىك سەنئەتكارلار تەرىپىدىن قايتا يارىتىلدى . ھازىر ئۈرۈمچىنىڭ كوچا – سوقاقلىرىدىن ، ماگىزىنلارنىڭ ئەينەكلىرىدىن كرۇران گۈزىلىنىڭ سۈرىتىنى كۆرگىلى بولىدۇ .
قۇم ئارىسىدا ئوبدان ساقلانغان بۇ مۇميانىڭ يىلى 20 يىللىق تەتقىقاتتىن كېيىن ، 2000 يىلدىن 600 يىلغىچە ( كاربون 14 گە تايىنىپ چىقىرىلغان سان – سىفىرلارغا ئاساسلىنىپ ) دەپ چىقىرىلدى .
جوڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك تەتقىقاتچىلار بۇ مۇميا ھەققىدە پۈتۈنلەي ئوخشىمىغان پىكىردە بولۇشتى . چۈنكى مۇميالا نېپىز ئەرنلىك ( لەۋلىك ) ، قاڭشارلىق ، ئورا كۆزلۈك بولۇپ ، شەرتسىزلا ھازىرقى بىر بۆلۈك ئۇيغۇرلارغا ۋە قەدىمكى توخارلارغا ئوخشاش ھىندى – ياۋروپا ئېتنىكىسىدىن ئىدى . بۇ ھەقتە يېقىندا فىلادىلفىيىس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ، خەنزۇ مەدەنىيەت تارىخىنىڭ مۇتەخەسسىسى ۋىكتور مايېر « بۇ مۇنازىرىسىز گېگىنىيىلىك پاكىت » دېدى .
بىر ئامېرىكان ئالىم تەكلىماكاننىڭ ئارىخولوگىيىلىك نۇقتىلىرىدىن كۇلالچىلىك بارماق ئىزى قالغان دۈلۈك ( كاھىش پارچىسى ) نى تېپىۋېلىپ ئۆزىتىپ چىققان خەنزۇ ئالىمىدىن ئەۋۋەلىي تارىخنىڭ بۇ كىچىك ئوبرازىنى ئامېرىكىغا ئېلىپ كېتىپ ، تەتقىق قىلىشنى ئۆتۈنگەن . ئامېرىكان ئالىم ئىختىيارسىز بايقالغان بۇ « ئىمزا » نىڭ ناھايىتى زور ئۇچۇرلارنىڭ قاينارى بولىدىغانلىقىغا ئىشەنگەن . بېجىڭدىكى كەسپىي رەھبەر يولسا ، « ئويلاپ كۆرۈڭ ، بۇنى ئاق تەنلىكلەر ياسىغان دەپ بېكىتىشكە بولامدۇ ؟» دەپ سوراپ قويۇپلا ، بۇ قىممەتلىك تېپىلمىنى يانچۇقىغا سالغان .
ياۋروپا ئىراقىغا تەۋە بۇ مۇميانىڭ تەكشۈرۈلۈشى ياۋرو – ئاسىيا قۇرۇقلۇقىدىكى ئاھالىلەر كۆچۈشى توغرىسىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان قاراشلارنى ئاغدۇرۇپ تاشلىدى . مۇميا بىلەن بىللە كۆمۈلگەن ھەر خىل نەرسىلەر ئارىسىدا توقۇلما رەختلەرنىمۇ ئۇچرىتىشقا بولىدۇ . بۇ رەختلەرنىڭ سۈرەت – نەقىشلىرىدىكى ئامىللار گېرىمان قەبىلىلىرىنىڭ دەۋرىدە ( مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 1 – ، 2 – ئەسىردە ) تارىم ۋادىسىغا ئىككى قېتىم يۆتكەلگەنلىكىدىن قالغان نەرسىلەرنىڭكىگە ئوخشايدىغانلىغا تېخنولوگىيىلىك بوياق – سىرلاردىن ھۆكۈم قىلىشقا بولىدۇ . ئۇلارنىڭ كۆچۈشى بىرىنچى قېتىم مىلادىدىن ئىلگىرىكى 2000 – يىلىنىڭ دەسلىپىدە ، ئىككىنچى قېتىم غەربتىن بىرىنچى قېتىم كۆچكەن دەۋردىن بىر نەچچە ئەسىر كېيىنكى ۋاقىتتا يۈز بەرگەن . بۇ رايونلاردا بېقىلغان يىلقىلارنىڭ دىنىي قائىدىلەر بىلەن كۆمۈلۈشى قارا دېڭىزنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى يىلقىلارنىڭ كۆمۈلۈشىگە ئوخشايدىغانلىقى كىشىلەرنى قىزىقتۇرىدۇ . جەنۇبىي روسىيە ۋە غەربىي قازاقىستان يايلاقلىرىدىكى يېڭى تاش قورال قورال دەۋرى ۋە كېيىنكى يېڭى تاش قورال دەۋرىگە ئائىت ئارخىلوگىيىلىك نۇقتىلاردىكى پالئونتوپولوگەنلىيىلىك تەتقىقاتلاردىن ئىنسانلارنىڭ مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 5 – ئەسىردە يىلقىنى كۆندۈرگەنلىكى مەلۇم . كۆرۈۋالالايىمىزكى شىنجاڭ رايونىدا 3000 يىل ئىلگىرىلا يىلقا ھارۋىلىرى ئىجاد قىلىنغان ۋە كەڭ ياۋرو -ئاسىيا يايلاقلىرىدىكى كۆچمەن خەلقلەرنىڭ تۇرمۇشىدا ئىشلىتىلگەن . ئۈرۈمچىدىكى مۇزېيىدا كۆرگەزمە قىلىنغان « زاغۇنلۇق ئادىمى » دىن تېخىمۇ روشەن پاكىتنى كۆرۈۋالالايمىز . زاغۇنلۇقتىن چىققان بۇ ئەرجەسەت مىلادىدىن ئىلگىرى 1000 يىلدىن ئۇزاق ۋاقىتقا تەۋە بولۇپ ، ئۇنىڭ ناھايىتى ياخشى ساقلانغان چىراي شەكلى ئۇ ئەرنىڭ غەرب ، ھىندى – ياۋروپا ئېتنىكىسىدىن ئىكەنلىكىنى مۇنازىرىسىز كۆرسىتىپ تۇرىدۇ . تېخىمۇ ھەيران قالارلىقى ئۇنىڭ كىيگەن ئۆتۈكى ھازىرقى ئۇيغۇر يىلقىچىلىرىنىڭ ئۆتۈكىگە بەكمۇ ئوخشايدۇ .
يۇقىرىقىلارنىڭ ھەممىسى ياۋرو ئاسىيا مەدەنىيىتىنىڭ بۆشۈكى مىلاددىن 3 – 5 مىڭ يىل ئىلگىرىلا ياۋرو – ئاسىيانىڭ غەربىي يايلاقلىرى ئىكەنلىكىنى ، مىلادىدىن تۆت مىڭ يىل ئىلگىرىلا شۇ يەرلەردىكى ئېتنىك تەركىبلەرنىڭ قىسمەن قەبىلىلىرىنىڭ مىس ، برونزا بىلەن كېيىن تۆمۈر بىلەن قوراللارنلىقىنى ، ئۇلارنىڭ دېڭىز دولقۇنلىرىدەك بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى ئۆز ئۇرۇش ھارۋىلىرى بىلەن غەرب ،جەنۇب ، ۋە شەرق ئۈچ يۆنىلىش بويىچە كۆچكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ . بۇ خىل شەكىلدە كۆچكەن ھىندى – ياۋروپا قەبىلىلىرى ئۆزلىرىنىڭ دەسلەپكى يۇرتلىردىن خېلى يىراقلاپ كەتكەن . ياۋرو – ئاسىيا يايلاقلىرىنى بويلاپ شەرققە كۆچكەن خەلق تەكلىماكان قۇملۇقىغا بېرىپ توختىغان . ئۇلار دەل توخارلاردۇر ئۇيغۇرلاردىن بىر قىسمى تارىم ۋادىسىغا مىلادى 7 – ئەسىردە كۆچۈپ كېلىپ توخار ئاھالىلىرى بىلەن بىرىكىشىپ كەتكەن .بۇ مەزمۇنلار نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىي جەرياندا ، ياۋرو – ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ ئىككى چېتىدىن كەلگەن خەلقلەرنىڭ ئۆز ئارا باردى – كەلدىنى ئۈزۈپ قويمىغانلىقىنى چۈشۈندۈرۈپ بېرىدۇ .

مەزكۇر ماقالىنى قازاقىستان ئىنفورماتسىيە – ئىجتىمائىي پەن مىنىستىرلىقى چىقىرىدىغان « روسچە پروستور » ژورنىلىنىڭ 1998 – يىللىق 5 – سانىدىكى رۇسچە تەرجىمە نۇسخىسىدىن يۈسۈف ئىگەم تەرجىمە قىلدى .