قەدىمقى شەھەر لاپچۇق

لاپچۇق ئۇزۇن تارىخقا ئىگە قەدىمى شەھەرلەرنىڭ بىرى. ئۇ قۇمۇل شەھىرىنىڭ 60 كىلومېتىر غەربىي جەنۇبىدىكى يارلىقلار ئارىسىغا جايلاشقان. ئالتۇزاق دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ بۈگۈر كەنتى ئىلى كۆل ئىشلەپچىقىرىش ئەترىتىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى تايزاڭ بۇلاقلىرىدىن ھاسىل بولغان چوڭ بىر ئۆستەڭ لاپچۇقنىڭ ئوتتۇرىسىدىن كېسىپ ئۆتۈپ، قارادۆۋە يېزىسىغا بارىدۇ. لاپچۇق خەلقى مانا شۇ ئۆستەڭنى بويلاپ مەھەللە، باغلارنى بىنا قىلىپ ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، ئاساسەن دېھقانچىلىق، قوشۇمچە باغۋەنچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.

تارىختىكى لاپچۇق شەھىرىگە قاراشلىق بولغان ئالتۇزاق، توغۇچى، جىگدە، قارادۆۋە قاتارلىق جايلاردا، 1956 – يىلىدىن ھازىرغا قەدەر ئېلىپ بېرىلغان ئارخېلوگىيىلىك قېزىش، تەكشۈرۈشلەر نەتىجىسىدە، جىگدىدىكى ئاق تۇمشۇق تاش قورال خارابە ئىزىدىن مىس پىچاق، ساپال قاچا، سالغا تاش، تاشچوت؛ قارا دۆۋىنىڭ 26 كىلومېتىر جەنۇبىدىكى “ئەسكى شار” تاش قورال خارابە ئىزىدىن رەڭلىك – رەڭسىز ساپال قاچا پارچىلىرى، تاش تەڭگىلەر، لاپچۇق شەھىرىنىڭ ئىچىدىن ئىككى قۇلاقلىق ساپال قاچا؛ ئالتۇزاق تاش قورال خارابە ئىزىدىن ساپال قاچا، تاش كەتمەن؛ ئىلى كۆلىدىكى تايزاڭدىن بۇددا ئىبادەتخانىلىرى، “مىڭ ئۆي” تىپىدىكى غارلار تېپىلدى. مۇشۇ جايلاردىن يەنە ياغاچ قوراللارمۇ تېپىلدى. غارلار ئىچىدە رەسىملەر، تارىخىي يېزىقلار بولۇپ، ھازىر ئازراق ئىزلىرى قېپقالغان. بۇلار يېڭى تاش قورال خارابە ئىزلىرىدىن چىققان مەدەنىي يادىكارلىقلار بولۇپ، لاپچۇق ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق جايلاردا، بۇنىڭدىن 7000 – 8000- يىللار ئىلگىرىلا كىشىلەرنىڭ توپلىشىپ ياشىغانلىقىنى، ئۆزلىرى ياسىغان قوراللارنىڭ ياردىمى بىلەن ئوۋچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ تۇرمۇش كەچۈرگەنلىكىنى ھەمدە كېيىنچە دېھقانچىلىق قىلىشنى بىلگەنلىكىنى، شۇنىڭدەك بۇنىڭدىن نەچچە مىڭ يىللار ئىلگىرىلا ساپال قاچىلارنى ئىشلەپ، تۇرمۇش قورالى قىلىپ ئىشلەتكەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز.
مۇھىمى، 1978 – يىلى قارادۆۋە قىزىل چوققا قەدىمى قەبرىستانلىقىدىن قېزىۋېلىنغان جەسەتلەرنىڭ بۇنىڭدىن 3200 يىل ئىلگىرىكى جەسەتلەر ئىكەنلىكى ئىپساتلاندى. بۇ جەسەتلەرنىڭ كىيىم – كېچىكى ۋە قوشۇپ كۆمۈلگەن سايمانلىرىدىن قارىغاندا، بۇ ئادەملەر ياشىغان دەۋرنى “باشلانغۇچ كوممۇنا” دەۋرى دەپ پەرەز قىلىش مۇمكىن.
مەزكۇز قەبرىستانلىقنىڭ ئورنى 5000 كۋادرات كىلومېتىردىن ئارتۇق بولۇپ، بۇ شۇ جەمئىيەتتىكى كىشىلەرنىڭ ناھايىتى ئۇزۇن زامانلار مۇقىم بىر جايدا ئولتۇراقلىشىپ تۇرمۇش كەچۈرگەنلىكىنى كۆرسەتسە، جەسەتلەر ئۈستىدىكى يۇڭ توقۇلمىلار شۇ جەمئىيەتتىكى كىشىلەرنىڭ 3200 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتلار ئىلگىرىلا قول ھۈنەرۋەرنچىلىكنى راۋاجلاندۇرۇپ، يۇڭدىن رەخت توقۇشنى ۋە ئۇنى بوياشنى بىلگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بۇ پاكىتلار بىزگە شۇ جەمئىيەتتىكى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى ۋە تارىخىنى ئەينەن ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلمىسمۇ، ئومۇمىي ئەھۋالىنى، بولۇپمۇ لاپچۇقنىڭ قەدىمىي جاي ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
تارىخىي مەنبەلەرگە ئاساسلانغاندا، مىلادىدىن 11 ئەسىر ئىلگىرى خېشى كارىدورىدىكى لياڭجۇ، گەنجۇ، سۇجۇ ئەتراپلىرىدا ياشىغان ياۋچىلار تەرىپىدىن يېڭىلگەن ئۇيسۇنلار غەربكە قاراپ كۆچۈپ قۇمۇل، بارىكۆل، گۇچۇڭ، جىمسارلارغا ئورۇنلىشىپ، قۇمۇلنى پايتەخت قىلغان. لاپچۇقمۇ بۇ دەۋردە ئۇيسۇنلارغا قاراشلىق بولغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى 176 – يىلى ھونلار كۈچىيىپ، ياۋچىلارنى ھەم قۇمۇل، بارىكۆللەردىكى ئۇيسۇنلارنى يېڭىپ، غەربىي ئەلدىكى 36 دۆلەتنى ئۆزىگە قاراتقاندىن كېيىن، ئۇيسۇنلار يەنە غەربكە كۆچۈپ ئىلى دەرياسى ۋادىسىغا كەتكەن. قۇمۇل، بارىكۆل ۋە لاپچۇقلار ھۇنلارنىڭ قولىغا ئۆتكەن. مىلادى 73 – يىلى خەن خۇلالىسى ھونلارنى مەغلۇپ قىلغاندىن كېيىن، بۇ جايلار خەن سۇلالىسىغا قاراشلىق بولغان. شۇنىڭ بىلەن، لاپچۇقتا قورۇقچىبەگ تەسىس قىلىنىپ، تېرىقچىلىق قىلىدىغان ئاز بىر قىسىم ئەسكەرلەر تۇرغۇزۇلغان. شۇنىڭدىن كېيىن تاكى 6 – ئەسىرگىچە قۇمۇل، بارىكۆل، لاپچۇقلار كۆك تۈرك خانلىقىغا بېقىنغان. شۇنىڭ بىلەن بۇ جايلاردا تۈرك، ئۇيغۇر قەبىلىلىرى ياشىغان. مىلادى 630 – يىلى ئىۋىرغول، بارىكۆل، لاپچۇقلار تاڭ سۇلالىسىغا قاراشلىق بولغان.
مىلادى 758 – يىلى (جەنيۈەن 1- يىلى) ئىۋىرغول ئايمىقى تەسىس قىلىنىپ، بۇ ئايماققا ئىۋىرغول (قۇمۇل)، رويۋەن (تاشبالىق)، ناجى (لاپچۇق) دىن ئىبارەت ئۈچ ناھىيە قارىغان. ناجى (لاپچۇق) ناھىيىسىگە تۇغۇچى، لاپچۇق، قارادۆۋە، سۇمقاغا (سۇمۇن قاغا) يېزىلىرى قارالغان.
مىلادى 6 -، 7 – ئەسىرلەردە قۇمۇلنىڭ غەربىدىكى شېلمان تېغىنىڭ جەنۇبىدىكى لاپچۇق ۋە ئۇنىڭغا تەۋە يېزىلاردا قارلۇق قەبىلىلىرىمۇ ياشىغان. ئۇلار تۈرك خانلىقىغا بېقىنغان. 627 – يىللىرى قارلۇقلارنىڭ بۇلاق، چىگىل، داسلىكتىن ئىبارەت ئۈچ ئۇرۇقى ئىتتىپاق تۈزگەن. مىلادى 639 – ، 648 – يىللىرى قارلۇقلار تاڭ سۇلالىسىغا بېقىنغان. ھازىر تەكشۈرۈشىمىزچە ئىلى كۆلنىڭ تايزاڭ دېگەن جايىدىن كېلىۋاتان سۇ (ئۆستەڭ) ئەسلىدە لاپچۇقنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى “باش تۈگمەن” مەھەللىسىدىن جەنۇبقا قاراپ ئېقىپ قارادۆۋە تەرەپكە كېتەتتىكەن. مانا مۇشۇ ئۆستەڭنى ئەينى زاماندا قارلۇقلار چېپىپ، سۇ باشلاپ كەلگەنلىكىى ئۈچۈن، بۇ ئۆستەڭنى كىشىلەر “قارلۇق ئېرىق” دەپ ئاتاشقان. كېيىنچە زامان ئاقساقال، ئامان ئاقساقال دېگەن كىشىلەر باشچىلىقىدا بۇ ئۆستەڭنى غەربكە بۇراپ، لاپچۇق شەھىرىنىڭ ئىچىدىن ئۆتكۈزۈپ، “ئالا كىۋەك” دېگەن جايغا بارغاندا جەنۇبقا بۇراپ، ھازىرقى لاپچۇقنىڭ ئوتتۇرىسىدىن ئۆتكۈزۈپ قارادۆۋىگە باشلىغان. بۇ ئۆستەڭ ھازىرغا قەدەر “قارلۇق ئېرىق” دەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە.
ھازىر لاپچۇق 2 – دادۈينىڭ شىمالىدا ئۇزۇنلىقى 440 مېتىر، كەڭلىكى 124 مېتىر كېلىدىغان چاسا شەكىللىك بىر شەھەر خارابىسى بار، يەنە بۇ شەھەرنىڭ شىمالىدا 100 مېتىردىن ئارتۇق، جەنۇبىدا 20 مېتىردىن ئارتۇق سېپىل قالدۇقى بار. بۇ سېپىل قالدۇقلىرىنىڭ ئەڭ ئېگىز جايلىرى تۆت مېتىر كېلىدۇ. ئىككى ئورۇندا راۋاق خارابىلىرى بار بولۇپ، ئېگىزلىكى 10 مېتىر ئەتراپىدا كېلىدۇ. مانا بۇ تارىختىكى لاپچۇق قەدىمىي شەھىرىنىڭ خارابىسىدۇر. بۇ شەھەرنىڭ 200 مېتىر شىمالىدا قەدىمىي قەبرىستانلىق بولۇپ، بۇ ئەينى زاماندىكى لاپچۇق شەھىرىدە ئولتۇراقلاشقان كىشىلەرنىڭ قەبرىستانلىقىدۇر. بۇ شەھەرنىڭ ئەتراپىدا “قالما”، “قازما”، “مامىچى تۇر” قاتارلىق 10غا يېقىن تۇرلارنىڭ خارابىلىرى بار. ئەينى ۋاقىتتا بۇ تۇرلارنىڭ ئىچىدە رەسىملەر، نەقىشلەر، تارىخىي يېزىقلار بولغان. بۇ شەھەر خارابىسى ھازىر ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك نۇقتىلىق قوغدىلىنىدىغان ئورۇن سۈپىتىدە قوغدىلىنىپ كەلمەكتە. لاپچۇق شەھىرىنىڭ بىنا قىلىنىشى ھەققىدە ھازىر تۆۋەندىكىدەك ئىككى خىل قاراش مەۋجۇت.
بىرى، “لاپچۇق قەدىمىي شەھىرىنى پىچانلىق <خۇلار> (غۇزلار) بىنا قىلغان”. دېگەن قاراش. مىلادى 493 – يىلى پىچانلىق “خۇلار” بىلەن “دىڭلىڭلار” (تۇغلۇقلار) ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش يۈز بېرىپ، خۇلار دىڭلىڭلار تەرىپىدىن مەغلۇب قىلىنغاندىن كېيىن، قېچىپ ئىۋىرغولغا كەلگەن. ئۇلار ئىۋىرغول پادىشاھلىقىدىن جاي سورىغان ھەمدە ئۆزلىرىنىڭ ئىۋىروغول پادىشاھلىقىغا بېقىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئىۋىرغول پادىشاھى ئىۋىرغولنىڭ 120 چاقىرىم غەربىي جەنۇبىدىكى ھازىرقى لاپچۇقنى خۇلارنىڭ ماكانلىشىشىغا بەرگەن. لاپچۇقنىڭ سۈيى مول، يەرلىرى مۇنبەت، تۇرۇش كەچۈرۈشكە قولايلىق بولغىنى ئۈچۈن، خۇلار ناھايىتى خۇشال بولۇپ، بۇ يەرگە ئورۇنلاشقان ھەمدە زاماننىڭ تەلىپىگە ئاساسەن شەھەر بىنا قىلغاندىن كېيىن، بۇ شەھەرگە يۇرتنىڭ قەدىمى نامى “ناجى”نى نام قىلىپ “ناجى شەھىرى” دەپ ئاتاشقان.
مىلادى 840 – يىلى قۇملۇقنىڭ شىمالىدىكى (موڭغۇلىيىدىكى) ئۇيغۇر خانلىقى يىمىرىلگەندىن كېيىن، غەربكە قاراپ كۆچكەن ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسمى قۇمۇلنىڭ تاغ – يېزىلىرىغا كېلىپ، ئەسلىدىكى يەرلىك ئۇيغۇرلارغا قوشۇلۇپ، ئۇيغۇر خانلىقىغا قاراشلىق بولۇپ ياشىغان. ئۇلارنىڭ ئاز قىسمى لاپچۇققا كېلىپ خۇنلارغا ئارىلىشىپ ئولتۇراقلاشقان. كېيىن چىڭگخزخاننىڭ ئوغلى چاغىتاي شىنجاڭ زېمىنىغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان چاغلاردا يەر ناملىرىنى ئۆزگەرتىپ، چاغىتاي تىلىدا نام قويۇشقا باشلىغان. شۇ چاغدا “ناجى” دېگەن نامنى “لاپچۇق”قا ئۆزگەرتىۋەتكەن
لاپچۇق شەھىرىنى پىچانلىق “خۇنلار” بىنا قىلغانلىقىغا يەنە بىر پاكىت شۇكى، كىشىلەر ئارىسىدا قارادۆۋە 3 – دادۈي “تۈگمەن بويى” مەھەللىسىدىكى كىشىلەرنى “خۇنلار”نىڭ ئەۋلادى دېگەن قاراش بار. “تۈگمەن بويى” مەھەللىسىدىكى كىشىلەرمۇ ئۆز ئىسىملىرىنىڭ ئالدىغا “خۇ” سۆزىنى قوشۇپ ئاتايدىكەن. مەسىلەن: خۇئابدۇۋاھىت، خۇسەيدۇل، خۇ ئىلياس….. ئىسىملىك كىشىلەر بار بولۇپ، بۇلار ئەنە شۇ قەدىمكى “خۇ”لارنىڭ ئەۋلادلىرى بولۇشى مۇمكىن
ئىككىنچى خىل قاراشتا، “خەن سۇلالىسى يۇڭفېڭ 16 – يىلى (خەن مىڭدې زامانىسىدا) خەن سۇلالىسى قوشۇنلىرى ئىۋىرغولنى بويسۇندۇرغاندىن كېيىن، ئىۋىرغول قورۇقچىبەگ مەھكىمىسى تەسىس قىلىنىپ، بۇ يەر ئىدارە قىلىنغان ۋە تېرىقچىلىق قىلىدىغان قىسمەن ئەسكەر تۇرغۇزۇلغان. ئەنە شۇ قورۇقچىبەگ مەھكىمىسىنىڭ قورۇقچىبېگى لاپچۇق شەھىرىنى بىنا قىلدۇرغان. بۇ شەھەرنىڭ ئۇزۇنلۇقى 500 مېتىر، كەڭلىكى 300 مېتىر، سېپىللىرىنىڭ ئېگىزلىكى ئالتە – يەتتە مېتىر، قېلىنلىقى ئۈچ مېتىر بولۇپ، چاسا شەكىللىك بۇ شەھەر ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنگەن. شەھەرنىڭ جەنۇبىي قىسمى سۈي سۇلالىسى زامانىسىدا بىنا قىلىنغان بولۇپ، ھەر تەرىپىگە 100 مېتىر كېلىدۇ. سېپىللىرىنىڭ ئېگىزلىكى بەش مېتىر، ئومۇمىي مەيدانى 20 مودەك كېلىدۇ. شەھەرنىڭ جەنۇبىي قىسمى تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئىۋىرغول ئايمىقىنىڭ ھەربىي گازارمىسى قىلىنغان” دېيىلگەن.
لاپچۇق شەھىرىنىڭ بىنا قىلىنىشى ھەققىدىكى يۇقىرىقى ئىككى خىل قاراش بۇندىن كېيىن لاپچۇق شەھىرىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشىمىزنىڭ زۆرۈرلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
لاپچۇق شەھىرىنىڭ ئەينى زاماندا توققۇز دەرۋازىسى بولغنا. ھازىرمۇ لاپچۇق خەلقى توققۇز دەرۋازىنىڭ ئورنىنى “توققۇز قوۋۇق” دەپ ئاتايدۇ. بۇ شەھەردىكى ئاھالىلەر شەھەر ئىچىدە مەھەللىلەرنى تەشكىل قىلىپ ئولتۇراقلاشقان ۋە ئاساسەن دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. تېرىلغۇ ئېتىزلىرى شەھەرنىڭ غەرب، شەرق، جەنۇب تەرەپلىرىدە بولغان. ئۇلار يەنە قوشۇمچە چارۋىچىلىق بىلەنمۇ شۇغۇللانغان. چارۋىلىرى تەڭرى تېغىنىڭ غەربىدىكى “شېلمان تاغ” لىرىدىكى يايلاقلاردا بېقىلغان. كېيىنكى مەزگىللەردە كىشىلەر “شېلمان تېغى”نى “شارلار تېغى” دەپ ئاتىغان. بۇ شەھەر خەلقى قول ھۈنەرۋەنچىلىك، باغۋەنچىلىك بىلەنمۇ شۇغۇللانغان. لاپچۇق، قارادۆۋە خەلقى ئۇزۇن زامانلاردىن بۇيان تارانچىدا كۆمۈركان ئېچىپ، كانچىلىق بىلەنمۇ شۇغۇللانغان.
لاپچۇق شەھىرى دۇنياغا مەشھۇر يىپەك يولىنىڭ مۇھىم ئىككى تارمىقىنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان بولۇپ، ئۇنىڭ بىرى، ئىچكى ئۆلكىلەردىن باشلانغان يىپەك يولىنىڭ ئوتتۇرا تارمىقى مىڭگۇەندىن چىقىپ، شىڭشىڭشيا، قۇمۇل، تۇرپان ۋە تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىدىكى شەھەرلەردىن ئۆتۈپ پامىر ئېگىزلىكى ئارقىلىق پەرغانىگە تۇتىشاتتى. مانا مۇشۇ يول لاپچۇق شەھىرىنىڭ 15 كىلومېتىر شىمالىدىكى توغۇچى يېزىسىدىن كېسىپ ئۆتىدۇ. (بۇرۇن لاپچۇقنىڭ ئىچىدىن ئۆتەتتى). ئىككىنچىسى، يىپەك يولىنىڭ جەنۇبىي تارمىقى ياڭگۇەندىن چىقىپ، قارادۆۋىنىڭ جەنۇبى بىلەن چارقىلىققا، تەڭرى تېغى ۋە قۇرۇم تاغلىرىنىڭ شىمالىي ئېتىكىنى بويلاپ يەكەنگە، ئاندىن پامېر ئېگىزلىكى ئارقىلىق ئېرانغا بارىدىغان يولدۇر. بۇ يول لاپچۇق شەھىرىنىڭ 40 – 30 كىلومېتىر جەنۇبىدىن ئۆتەتتى. ھازىرمۇ قارادۆۋىنىڭ جەنۇبىدا تۆگە، ئات، ئېشەك، ھارۋا كارۋانلىرى توختاپ ئۆتكەن ئۆتەڭ، مەنزىللەرنىڭ خارابىلىرى بار. بۇ يوللار ھەر بىر تارىخىي دەۋىردە جايلار ۋە دۆلەتلەر ئارا دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەر، سودا – تىجارەت قىلىش جەھەتلەردە ناھايىتى مۇھىم روللارنى ئويناپ، غەرب بىلەن شەرقنى تۇتاشتۇرۇپ كەلگەن. دېمەك، قەدىمكى لاپچۇق شەھىرى تارىختا ئۇزۇن بىر مەزگىلگىچە يىپەك يولىنىڭ مۇھىم قاتناش تۈگۈنى ئىدى.
لاپچۇق خەلقى دەسلەپتە شامان دىنىغا، ئاندىن بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلغان. تايزاڭدىكى بۇددا ئىبادەتخانىسى، تايزاڭ غارلىرىدىكى رەسىملەر، قالما، قازما، مامىچى تۇرالاردىكى بۇددا دىنىغا ئائىت سىزمىلار بۇنىڭ جانلىق دەلىلىدۇر.
قۇمۇلدا ئىسلام دىنى ھۆكۈمران ئورۇنغا ئۆتكەندىن كېيىن، بۇ جايلاردىكى بۇددا ئىبادەتخانىلىرى ۋە بۇددا دىنىغا ئائىت سىزمىلار چېقىپ تاشلانغان.
قۇمۇل ۋە لاپچۇق خەلقى ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىپ بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن، “مۇسۇلمان” ۋە غەيرىي مۇسۇلمان”دىن ئىبارەت ئىككى گۇرۇھقا بۆلىنىپ كەتكەن. بۇ چاغدا، لاپچۇق شەھىرى “قارلۇق ئۆستەڭ”نى چېگرا قىلغان ھالدا ئىككى شەھەرگە ئايرىلغان، يەنى “قارلۇق ئۆستەڭ”نىڭ شىمالىنى “غەيرىي مۇسۇلمانلار”، ئۆستەڭنىڭ جەنۇبىنى “مۇسۇلمانلار” ئىگىلىگەن. بۇ ئىككى شەھەردىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئۇرۇش – ماجرا ئۇزۇن مۇددەت داۋام قىلىپ، قىرغىنچىلىق يۈز بېرىپ تۇرغان. قۇمۇلدا ئىسلام دىنىنىڭ ھۆكۈمران ئورۇنغا ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، لاپچۇقتىكى “غەيرىي مۇسۇلمان”لارمۇ ئسىلام دىنىنى قوبۇل قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىككى شەھەردىكى كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى قان تۆكۈش ئەھۋاللىرىغا خاتىمە بېرىلگەن.
لاپچۇق خەلقى كۈرەشچان، باتۇر خەلق ئىدى. شىنجاڭدا جۇڭغارلار باش كۆتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈپ، پاراكەندىچىلىك سالغان يىللاردا، لاپچۇق ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق جايلاردىكى خەلقلەر جۇڭغار ئىستىلاچىلىرى بىلەن تىغمۇ – تىغ ئېلىشىپ، ئاجايىپ قەھرىمانلىقلارنى كۆرسەتكەن. لاپچۇق خەلقى دوستلىرىغا مېھرىبان، مېھمان دوست، ناخشا – مۇزىكا، ئويۇن – تاماشىغا ئامراق خەلق. ئۇلار توي – تۆكۈن، ھېيت – بايراملاردا، قىش كۈنلىرىدىكى مەشرەپ – ئولتۇرۇشلىرىدا قۇمۇلنىڭ 12 مۇقاملىرىنى ئېيتىشىدۇ. بولۇپمۇ قارادۆۋە، لاپچۇقنىڭ “قارادۆۋە ئەلناغمىسى” دەپ ئاتىلىدىغان نەغمىلىرى مەشھۇردۇر.
مىلادى 758 – يىلى تەسىس قىلىغان “ناجى ناھىيىسى” كېيىنكى دەۋرلەردە ئەلەمدىن قالدۇرۇلۇپ، يېزا دەرىجىسىگە چۈشۈرۈلۈپ مۇئامىلە قىلىنغان. قۇمۇل ۋاڭلىرى دەۋرىدە لاپچۇق بىر “قازىبەگلىك” ( بىر دورغىلىققا تەڭ) ئورۇن قىلىپ باشقۇرۇلغان. گومىنداڭ دەۋرىدىمۇ يېزا دەرىجىسىدە باشقۇرۇلغان. شېڭ شىسەي دەۋرىدە تۇغۇچى رايونىغا قاراشلىق لاپچۇقتا يېزىلىق ھۆكۈمەت تەسىس قىلىنغان. ھازىر بۇ يەر قۇمۇل شەھىرىنىڭ قارا دۆۋە يېزىسىغا قارايدۇ.