شېئىريەت مەسىلىلىرى

ئەخمەتجان ئوسمان

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ،ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە ئۆزگىچە سەزگۈرلۈك مەيدانغا كەلدى .ھازىر،ئەدەبىي تەنقىدچىلەر ۋە كىتابخانلار ئارىسىدا «ئەنئەنۋى شېئىرلار ».«گۇڭگا شېئىرلار »دېگەن ئىككى ئاتالغۇ كۆپ تەكرارلىنىپ ،ئۇيغۇر شېئىرىيىتى ئۆزلىگىدىن ئىككى چوڭ لاگېرغا بىلىنمەكتە .بەزىلەر يېڭى سەزگۈرلۈكىنى ئۇيغۇر شېئىرى ئەنئەنىسىگە تۈپتىن خىلاپ نەرسە دەپ قارىسا ،يەنە بەزىلەر ئۇنى ئەنئەنىمىزنىڭ يېڭى جەريانلىرىدىكى پەۋقۇلئاددە ھادىسە دەپ قاراۋاتىدۇ ،قالغانلىرى بولسا بۇ مۇنازىرىدە سۇكۇت قىلىپ يۈرۈشمەكتە .قانداقلا بولمىسۇن ،شېئىريىتىمىزدىكى بۇ يېڭى سەزگۇرلۇكنىڭ كۆز ئالدىمىزدا تاشلىنىپ تۇرغانلىقىنى ئىنكار قىلشقا زادى بولمايدۇ .ھازىرغا قەدەر شېئىريىتىمىزدىكى بۇ يىڭى سەزگۈرلۈك سىستېمىلىق ھالدا ئىنكار قىلىنغىنى ياكى مۇييەنلەشتۇرۇلگىنى يوق ،بۇ سەزگۇرلۇكنىڭ شائىرلىرى بىر قانچە يىللاردىن بۇيان بۇنى كەتكەن بولسىمۇ ،ئوز سەزگۇرلۇكلىرى ھەققىدە ئاندا –ساندا سۆز ئاچقان بولسىمۇ ،يەنىلا سۇكۇت بىلەن يۈزمۇ –يۇز تۇرۇشماقتا ۋە فرانسىيە ئوبزورچىسى روھلان پارت؛«ئاۋانگارتلىق –ئۆتمۇشنىڭ يىڭى شەكلى »دىگەندى .مەن بۇ يەردە جۇرئەت قىلىپ ،(يېڭى سەزگۇرلۇكنى دورىغۇچىلارنى كۆزدىن ساقىت قىلغان ھالدا )شۇنى جاكارلايمەن :باشقىلار تەرىپىدىن «گوڭگا شېئىر »دەپ ئاتىلىۋاتقان نەرسە ئەنئەنىمىزنىڭ يىڭى شەكلى !
قانداق قىلىپ ئەنئەنىمىزنىڭ يېڭى شەكلى بولۇدۇ ؟
1- شېئىر چۇشەنجىسى
شېئىر دىگەن نىمە ؟
شائىرنىڭ شادلىقى ياكى قايغۇسىمۇ ؟ رىيال تۇرمۇشنىڭ بەددىي ئىپادىسىمۇ ؟ دەۋىر روھىنىڭ ناماياندىسىمۇ ؟
شېئىر قاپىيە ۋە ۋەزىندىن تەركىپ تاپامدۇ ؟ مۇئەييەن پىكىرنى ئىپادىلەمدۇ ؟ ئۇ يۈرەكتىن تاشقان ھېسىياتمۇ ؟
بۇ ئويلىنىشلار شېئىر ھەققىدە تېخى ھېلىغىچە چۈشەنچە ھاسىل قىلغىنى يۇق . چۈنكى يۇقارقىدەك سۇئالار ئارقىلىق شېئىرنىڭ . ماھىيىتىگە يېتىش مېنىڭچە مۈمكىن ئەمەس . توغرىسى ، شېئىر ، يېتىپ بولالمايدىغان ماھىيەت . يەتكىلى بۇلۇدىغان ھەرقانداق نىشان ئىستىتىكا دۇنياسىدا ، ئەھمىيەتسىز نەرسىدىن ئىبارەت . ئىستىتىكا – مۈمكىنسىز ئىمكانىيەت دۇنياسى . شېئىر ئىستىتىكا كەڭلىكىدە بىر نازۇك مەيدان ، چۈنكى ، ئۇنىڭ ماددىسى ئەمەس ئامبىرى بۇلغان تىل ، ئۆزى بولسا ئەسنىڭ بىھۇشلۇقى . ئەگەر شېئىرىنىڭ جەۋھىرى مۇزىكا دەپ قارىساق ، ئۇ ھالدا ئۇيغۇر تىلى لۇغىتىدە مۇقىم مەنىگە ئىگە سۆزلەرنى ئەسسىز نۇتۇلارنىڭ ئورنىغا دەسسىتىش كېرەك . بۇ پەقەت ئۇيغۇر تىلى ئېسىگە بۇشلۇق ئىسپىرتىنى تېمىتىش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ .
مۇزىكا مۇئەييەن پىكىرنى ئىپادىلىمەيدىغان ئىستىتىك يارالما ، شېئىرىنى ئاڭا تەقلىت قىلغاندا مۈمكىنسىزلىك ئاتمۇسفىراسىدا لەيلىگەن ئىمكانىيەت يۈز بېرىدۇ . سۈرىيە شائىرى ئەدۇنىس شېئىرىغا تەبىر بېرىپ مۇنداق دەيدۇ : << داۋاملىق ئېچىشقا مۇختاج بۇلغان دۇنيانى ئېچىش >> ، تەبىيەتنىڭ چۇڭقۇرلىقىدا ئۆزىنى مەڭگۈ ئايان قىلىپ تۈگۈتەلمەيدىغان جەۋھەر مەۋجۇت ، ئۇ تەبىيەتنىڭ يەر – يۈزىنى كېزىپ يۈرگەن روھى ، ئىنسانىيەت روھى ، ئەلمىساقتىن قىيامەتكىچە دەۋىر قىلىدىغان دەۋىر روھى .
رىياللىق رەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان ھادىسە ، << سەنئەت بىزگە قانداق ياشاۋاتقانلىقىمىزنى ئەمەس ، بەلكى ، قانداق ياشىشىمىز كېرەكلىكىنى دەپ بېرىشى لازىم >> ( ئالبېر كامۇس ) ئەگەر شېئىرىنىڭ ماھىيىتى بار دەپ پەرەز قىلساق ، ئۇ دەل رىياللىقتىن ھالقىغان دۇنياغا ئىنتىلىش ، ئۆز كۈلىدىن ئۇچۇپ چىققان قېقىنۇس ، قۇرام تاشنى چۇقۇغا مەڭگۈ كۆتىرىۋاتقان سىزىپوس بارسا كەلمەس يول . << ھەرقانداق رىياللىقنى چۈشەنچىلەشتۈرگىلى بۇلىدۇ ، ھەمدە ھەرقانداق چۈشەنچە رىياللىقتىن ئىبارەت >> ( گېگىل ) شېئىر چۈشەنچىلەشتۈرگىلى بۇلمايدىغان ، نەرسە شۇڭا ئۇ رىياللىقنىڭ سىرتىدىكى ئۈلگۈلىك گەۋدە ، غايىۋىي مەۋجۇتلۇق .
«كۆكتە يۇلتۇزلار يانار يەردە پەقەت شائىر يانار »( ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ) . زىمىن ئۈستىدىكى ھەرقانداق يەردە چاقناش بۇلسا ، شېئىر ئەنە شۇيەردە ، رىياللىقنىڭ ئاياقلاشقان يېرىدىن شېئىر باشلىنىدۇ ، شېئىر ئۆزىگە مۇئەييەن چۈشەنچە ھاسىل قىلغان ۋاقىتتا ئۆزىگە خاتىمە بېرىدۇ . ئۇ داۋاملىق بۆسۇش داۋاملىق يارىتىش.
2- شېئىرىي تىل
يىڭى دەۋىر ئۇيغۇر شېئىريىتى ئەدەبىي تەنقىد مەنىسىدىن ئېلىپ ئېيىتقاندا شېئىرىي تىل ئۇستىدە ئويلانغان ئەمەس .شېئىريىتىمىز ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان مەزمۇن مەركەزلىكىنىڭ ئاسارىتىدە ئۇيغۇر تىلىنىڭ يارقىن ئىھتىماللىق دۇنياسىغا بۆسۇپ كىرەلمىدى ،شەكىل پەقەتلا ۋەزىن –قاپىيە دائىرسىدىن ھالقىپ كىتەلمىدى .شۇنىڭ ئۇچۇن شېئىريىتىمىزدە يېڭى سەزگۇرلۇكنىڭ كۆرۇلىشى ئۇيغۇر ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىگە ،شۇنىڭغا ئەگىشىپ كىتاپخانلارغا بىر خىل ئۇشتۇمتۇتلۇق بولدى .
شېئىرىي تىل شەكىل تەنقىتچىلىكىنىڭ ئاساسىي ئوبىيېكىتى ،ۋەزىن –قاپىيە ئۇنىڭ بىر تارمىقدىن ئىبارەت .شەكىلگە ئىتىبار بەرمەي ئۇدۇللا مەزمۇنغا كىرىشكەن تەنقىتچىلىك دونكىىوتلۇقتىن باشقا نەرسە ئەمەس .چۇنكى شەكىل مەزمۇننى بەلگىلەيدىغان بىردىنبىر شەرىت .«سۇ تۇگمىنى ئۇستىدە پومېشچىك تۇرۇدۇ ،پار تۇگمىنى ئۇستىدە كاپتالىسىت »(ماركىس )،مەزمۇننىڭ خاراكتېرى شەكىلنىڭ ئالاھىدىلىكىگە باغلىق ،يىڭى شەكىلدە مۇققەررەر يېڭى مزمۇن بولۇدۇ .ھەمدە كونا مەزمۇن ھەر قانداق شارائىتتا كونا شەكىلگە خاس نەرسە ،بۇ بىر ئاددىي ماتىماتىكىلىق چۇشەنجە .
فىرانسىيە شائېرى چارلىز بودېلىر شېئىرنى تەدبىرلەپ مۇنداق دىگەندى ؛«بىر –بىرىگە يات شەيئىلەر ئوتتۇرسىدا ئوز ئارا مۇناسىۋەت قۇرۇش »،بۇ ئىبارە ئارقىلىق بودېلىر مەسىلىنىڭ ئەڭ نېگىزلىق نوقتىسى پەلسەپىۋى جەريان –شېئىرىي تىلغا ئىشارەت قىلغاندى .شېئىرىي تىل ئۇيغۇر تەپەككۇرىغا يات نەرسە ئەمەس .ئەپسانىلىرىمىزدە ،ناۋايى شېئىرلىرىدا كۇندىلىك تۇرمۇش تىلىمىزدا ئۇيغۇر تىلىنىڭ بۇ يۇكسەك باسقۇچىنى ئۇچرىتىمىز ،بەزى مىساللار :
خەلىققە بالايى –ئاپەت كەلتۇرگەن ئالۋاستىنى ئولتۇرۇش ئۇچۇن دانىشمەن كۆكرەك كېرىپ چىققان باتۇرغا ئالۋاستىنىڭ جېنى پالانى دەريانىڭ تېگىدىكى بىر ئۆسۇملۇك يىلتىزىدا دەپ ئەقىل كورسىتىدۇ .(ئالۋاستى مۇناسىۋىتى بىلەن يىلتىز مۇناسىۋىتى ).
ناۋايى تېرە شامىن كەۋكەبى ئەشكى قىلۇر رەۋشەن ،
بۇ يۇلتۇلار ئاڭا گوياكى دەرشەبى چىراغ ئولمىش .
(ناۋايى )
(ناۋايى بىلەن كېچە مۇناسىۋىتى «ناۋايىنىڭ قاراڭغۇ كېچىسى »،ياش بىلەن يۇلتۇز مۇناسىۋىتى «ياش يۇلتۇزلىرى ».
كۇندىلىك تۇرمۇشىمىزدا توۋەندىكىدەك ئىبارىلەر ئۇچرايدۇ .:«كۆڭۇل سۇندى »،(كۆڭۇل بىلەن سۇنۇش مۇناسىۋىتى ،يەنە بىر يۇشۇرۇن مەنە :نازۇكلۇق («كۆزۇڭگە قاراپ ماڭ »،(كۆز بىلەن ئىچكى كۆز مۇناسىۋىتى ).
بىزدە شېئىر تىل سەنئىتى دەيدىغان گەپ بار .ھەر بىر مىللەتنىڭ تىلى شۇ مىللەتنىڭ ئىڭى ۋە مەدىنىيتىنىڭ رېئاللىغىدۇر ،شائېر ئۇچۇن تىل رىئاللىغىدىن باشقا رىئاللىق يوق .شائېر تىلىدىكى مەۋجۇتلۇق ،يەنى بىر مىللەتنىڭ ئېڭى ۋە مەدىنىيتىدىكى ئاكتىپ مىكرۇپ .تىل –سىرىنى مەڭەۇ ئىچىپ بولالمايدىغان سىھرىي دۇنيا ،ئىنسان تىل ئارقىلىق يۇكسەكلىشىدۇ .تىل بولمىسا تەپەككۇر بولمايدۇ .تىلسىز تۇيغۇ توزىۋاتقان تۇماندىن ئىبارەت .
شېئىرىي تىل تىلنىڭ تىلى ،ئۆز ئورنىدىن سىلجىغان تىل ،باشقىچە ئېلىپ ئىيىتقاندا تىل مېتافىزىكىسى .تىل ئانسانلار ئوتتۇرسىدىكى ئالاقىلىشىش قورالى دىيىلسە ،شېئىرىي تىل مەجھۇلنىڭ ،بارلىقنىڭ ،مۇنداقچە قىلىپ ئېيىتقاندا تەڭرىنىڭ كۆلىمى ،گەۋدىگە ئىگە پىكىر ۋە تىنىقى بار تۇيغۇ ئەنە شۇ يەردە .شۇ ماكاندا كۆرۇنۇشتە بىر –بىرىگە ماسلاشمايدىغان ،بىر-بىرىدىن يىراق شەيئىلەر ئوتتۇرسىدا گارمونىيىلىك مۇناسىۋەت مەۋجۇت بولۇدۇ .تەنھالىق ئورنىنى سۆيگۇ ئىگىلىگەن شۇ يىڭىدىن يارىتىلغان دۇنيا بەرپا قىلىنىدۇ .مانا بۇ ،پەلسەپىۋى سەۋىيىدىن ئېلىپ ئىيىتقاندا ،ناۋايى شېئىرىدىكى «ۋەھدەت »
3- شېئىرىي رىتىم
مىنىڭ بىلىشىمچە ،رىتىم چۇشەنجىسى ئۇيغۇر ئەدەبى تەنقىتچىلىكدە چوڭقۇر مۇھاكىمىسىز تاشلاپ كېتىلگەن مەسىلە .رىتىم دىگەن سۆز زىكرى قىلىنسا بىزدە ئالدى بىلەن ۋەزىن –تۇراق ئەسكە ئىلىنىدۇ .ھەمدە رىتىم شۇنىڭ بىلەنلا چەكلىنىپ قالىدۇ .رىتىمنى شېئىردا ئىككى تۇرگە ئايرىشقا بولۇدۇ .
1- تاشقى رىتىم :ۋەزىن ،قاپىيە .
2- ئىچكى رىتىم :تىراگېدىيە .
مەن بۇ يەردە تاشقى رىتىم ئۇستىدە توختالمايمەن ،مىنىڭ كۆڭۇل بولىۋاتقىنىم ئىچكى رىتىم .بۇ رىتىممۇ ئۆز يولىدا ئىككى تەركىبى قىسىمغا بولىنىدۇ :ئىنتۇناتسىيە ۋە مەنا بوشلۇقى .
ئىنتۇناتسىيە
شېئىردا سۆزلەرنىڭ ئاۋاز قاتلاملىرى بولۇدۇ .بۇلار شائېرنىڭ ئوخشاشمىغان كەيپىياتلرىنى ھەمدە شەيئىلەرگە نىسپەتەن ھەر خىل مەيداننى ئىپادىلەيدۇ .
ھەزرىتى ئادەم بىنا بولغاندا مەن بىللە ئىدىم ،
ھەق رۇسۇل مىراجىغا چىققاندا مەن بىللە ئىدىم .
بۇ يەرەد مەشرەپنىڭ ئوزىنى يۇكسەك كورۇش كەيپىياتىنى سېزىمىز .ئۇنىڭ ئۇچۇن زامان ۋە ماكان مەۋجۇت ئەمس .ئۇ ئەلمىساق بىلەن قوشكېزەك ،ھازىردىن ئوتۇپ ئەبەدكە سوزۇلغان ،ئۇ ئوزىنىڭ نەزىرىدە ئادەم ئەلەيىھسالامنىڭ ئۆزى ،مەۋجۇدىيەت مەشرەپ ئۇچۇن مەڭگۇلۇك ئەپسانە .
مەنا بوشلىقى
ئالدى بىلەن ئۆزىمىزگە مۇنداق سۇئال قويۇپ باقايلى :بىز مەنىگە نىمە ئۇچۇن مۇھتاج ؟خۇدا مەۋجۇتمۇ ؟ئۇنداق ئىكەن نىمىشقا مەنە ؟خۇدا دىمەك كامالەت دىمەك ،ئەگەر خۇدا بىزدىن مۇققەددەم بولسا ،مەۋجۇدىيەت كامالەتلىك بولۇدۇ ،ئۇنداقتا بىز نېمىشقا ئىستىتېكىغا ئېھتىياجلىق ،ئىستىتېكا كامالەتنى ئىزدەش ئەمەسمۇ ؟!
ئەگەر خۇدا مەۋجۇت ئەمەس دىيىلسە ،بۇ بىمەنە دۇنيانى قانداق قىلىمىز ؟نېتزى مۇنداق دەيدۇ .«بىز ئاڭا مەنە ئاتا قىلىش ئۇچۇن بۇ دۇنياغا كەلدۇق »ۋولتېر «ئەگەر خۇدا مەۋجۇت بولمىسا ئۇنى يارىتىش كىرەك »دەيدۇ .مەۋجۇتلۇق ئاچچىق ھەقىقەت .مەنىسىز ھايات ياشاشقا ئەرزىمەيدۇ .يالقۇنغا ئوزىنى ئاتقان پەرۋانە نېمە ئىزدىمەكچى ؟قايسى ئىستەك گرېك ئەپسانىلىرىدىكى ئېمپىدوكلېسنى ئوزىنى ئېتنا ماگمىسىغا تاشلاشقا ئۇندىدى ؟ئەيسا نىمە ئۇچۇن ئوزىنى كرسېتقا تەقدىم قىلدى ؟يىلان تۇسىكە كىرىۋالغان ئىبلىس ئادەمگە مەرىپەت ئالمىسىنى يىگۇزۇپ ،ئىنسانىيەتنى جەننەتتىن ئايرىدى .پۇشايمان بىزگە كار قىلارمۇ ؟تەۋبە ئارقىلىق مەڭگۇلۇككە قايتامدۇق ؟ھېرمان ھېسسى :«قايتىش بىزنى ھىچقانداق يولغا باشلىمايدۇ .پاكلىققا ،يارالمىغانغا ،خۇداغا بارىدىغان يول كەينىگە ئەمەس بەلكى ئالدىغا ،ئىنسان مەۋجۇتلۇغۇنىڭ چڭۇقۇرلۇغىغا يۇرىدۇ »دەيدۇ .بابىل ئەپسانىسىدىكى كېلگامىش مەڭگۇلۇك مايسىنى ئىزدەپ ئاخىرى تاپقاندا ،ئۇنى يىلان تارتىۋالىدۇ .ئىنسانىيەتنىڭ مەڭگۇلۇككە بولغان ئىنتىلىشى داۋاملىق مەغلۇبىيەتكە ئۇچرامدۇ ؟ياكى مۇشۇنداق مۇشاقەتلىك جەرياننىڭ ئوزى مەڭگۇلۇكمۇ ؟مەڭگۇلۇك ئەسناسى يوقلۇق بىلەن مەۋجۇتلۇق ئوتتۇرسىدا ئەنە شۇنداق داۋالغۇيدۇ .ئۇ مەۋجۇتلۇققا غايىپ ،يوقلۇققا ئايان ،ئۇ مەڭگۇ ئايان بولغان غايىپ !
«بىز شائېرلار يوقلۇق تېمىتىش ئۇچۇن مەۋجۇدىيەتنى سىقىمىز ،تىپىك مەۋجۇدىيەت تېمىتىش ئۇچۇن يوقلۇقنى سىقىمىز .مۇزىكا بىزگە جاۋاپ قايتۇرۇش ئۇچۇن سۇكۇناتنى چېكىمىز »(لاۋزى )ئىنسان چەكسىز مومكىنچىلىك ،مەنا بولسا مۇمكىنسىز كامالەت ،ئىنسان مەنا ئولتۇراقلاشقان چوڭقۇرلۇق ،مەنا بولسا ئىنسان تاشقىنى .ئىنسان سۇكۇنات .ئىنسان ئىنتىزار بولغان ئازاپ ،مەنا بولسا كەلمەس ئارام .
مانا بۇ تىراگېدىيە ،مانە بۇ شېئىرىي رىتىم .«شېئىرىي مەنە بىلەن چىڭدالغان تىل »(ئىزرا پوند)غا ئايلانغاندا «تەپەككۇر لەززىسى ،بىز بىرلا ۋاقىتتا ھەم ئۇيقىدا ،ھەم ئويغاق بولغان ئاشۇ لەھزە سۇزىلىدۇ .ئۇ بىزگە ئۆزىنىڭ سىھىرلىگۇچى بىر خىلدىكى رىتىمى بىلەن تىنىچلىق ئىلىپ كىلىدىغان تۇرلۇك رىتىمى بىلەن بىزنى ئويغاقلىققا تارتىدىغان يارتىش لەھزىسى ،ئۇندا بەلكى بىھۇشلۇققا ئوخشايدىغان كەيپىياتتا قالىمىز »(يېتىس)
4-باشقا مەسىللەر
يۇقىردا ئەسكەرتىپ ئۆتۇلگەنلەر شېئىرغا بولغان قاراشتا كەم بولسا بولمايدىغان ئاساسى نۇقتىلار .تۆۋەندە شېئىرنىڭ ئەگەشمە مەسىلىلىرى ئۇستىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتمەكچىمەن .
شېئىر ۋە ئەنئەنە
بىزدە «ئەنئەنە »دېگەن ئۇقۇم «ئەزەلدىن داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان »دېگەن مەنىگە ياندىشىپ كىلىدۇ .زادى ئەزەلدىن داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان نەرسە نېمە ؟
-خەلق تەرىپىدىن مۇقەددەسلەنگەن يارالمىغا ۋارىسلىق قىلىشمۇ ؟
-شۇنداق .
ئۇنداقتا شېئىر بۇ ئەنئەنىنى ئېتىراپ قىلمايدۇ .
-مەجھۇلغا ۋارىسلىق قىلىشمۇ ؟
-شۇنداق .
مانا بۇ شېئىرىي ئەنئەنە .
ئۇيغۇر روھىدا داۋاملىق يىڭىلىپ تۇرىدىغان كونا مەۋجۇتمۇ ؟بۇ سۇئال سىنىڭ ئەنئەنىۋىلىكىڭنى سىنايدىغان بىردىنبىر ئولچەم .
ۋەزىن ۋە قاپىيە
ئارۇز ۋەزىن بىزگە ئەرەپلەردىن پىرىسلار ئارقىلىق كىرگەن ،غەرىپنىڭ سونىت شەكلىدىن بارماق ۋەزىندە يىزىشنى ئوزلەشتۇردۇق .قۇجۇ ئۇيغۇر ئىدىقۇتلۇقى دەۋىردىكى شېئىرلاردا ۋەزىن بىلەن قاپىيە ئانچە ئىتىبارغا ئىلىنمىغان .شۇنىڭدىن كورۇشكە بولۇدۇكى ،بۇ مەسىلە شېئىردىكى ئاساسى شەرىت ئەمەس ،شائېرنىڭ ئىىتىيارىدىكى ئىش .
شېئىردىكى گۇڭگالىق
شېئىر نىمە دىمەكچى ؟ئۇ ھېچنېمە دىمەيدۇ .ئۇ كۆرىدۇ ،چۇشەيدۇ .كىچىك بالا ئاىشام كۆرگەن چۇشىگە ئەتىسى ئانىسىدىن تەبىر كۇتكەندەك ،شېئىرمۇ كىتاپخاندىن ئۆزىگە تەبىر بىرىشنى ئىزدەيدۇ .سەن ئۆزۇڭنىڭ چوڭقۇرلۇقلىرىڭغا قارا ،ئۇندا مەجھۇلنىڭ ھەركەتلىنىۋاتقانلىغىنى كۆرىسەن .سەن ئۆزۇڭگە ئىشەن ،شۇنداقتا چەكسىزلىكىڭنى ھىس قىلىسەن .سەن تىخى بىرىپ باقمىغان ئىقلىملىرىڭغا ئاتلىنسەن ،قارا بۇ شېئىرغا ،ئۇ سېنىڭ شۇ ئىقلىملىرىڭدىن كەلگەن ،ئۇ ساڭا مۇھتاج ،چۇنكى سەن ئۇنى يەنە ئۆزگە ئىقلىملارغا باشلايسەن .سەن ئۆزۇڭگە ئىشەن ،شۇنداقتا شائېرنىڭ سەن كۆرگەننى تەكىتلىشىنى كۇتمەيسەن ،سەن شېئىردىن جاۋاپ ئىزلىمە .ئاڭا سۇئال تاشلا ،ئۇنى قايتا ئويلاندۇرغىن .سەن ئۆزۇڭگە ئىشەن ،شۇنداقتا ئۆزۇڭنىڭ ئىككىنجى شائېر ئىكەنلىكىڭنى سىزىسەن ،شېئىرنىڭ جېنى سىنىڭ قولۇڭدا ،سەن ئاڭا ھاياتلىق بەخىش ئىتىسەن .
گۇلنى ئۇزمە ،بولمىسا ئۇنى ئولتۇرۇپ قويىسەن ،پەقەت ئۇنىڭدىن ھۇزۇرلان ،شېئىرنى چۇشىنىمەن دەپ ئاۋارە بولما ،پەقەت ئۇنى ياشا ،چۇنكى سەن شۇ چاغدا ئۆزۇڭدە ياشايسەن !
1992-يىللىق 6-سان «تەڭرىتاغ »ژورنىلىدىن ئىلىندى