پەسىل ئەلچىسى، ساما ماھىرى

خۇدابەردى ئابدۇللا

خەلقىمىز ئۆزىنى سۆيگەن ئوغلىغا ھەرقاچان كەڭ قۇچاق ئاچىدۇ، ئۇنىڭغا سۆيۈملۈك نام بېرىدۇ. ‹‹چاقماقجان››(1984 – يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن) قەشقەر ئەھلىنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلى روزىئاخۇنغا بەرگەن مۇبارەك نام. خەلق ئەقىللىق. شۇڭا ئۇلار ھەرىكىتى چاققان، گەپ – سۆزدە چېچەن بۇ ئوغلىغا شۇ نامنى بەرگەن.

مەن ئېسىمنى بىلسەم، چاقماقجان كۆكلەم كېلىشى بىلەن قىشلىق كىيىملىرىنى سېلىۋېتىپ، ئالدى ئوچۇق ئاق يەكتەك ئۈستىدىن بېلىنى باغلاپ، بېشىغا شايى شاپاق دوپپا كىيىپ، قۇلىقىغا ياكى چېكىسىگە گۈل قىستۇرۇپ كوچىمۇ كوچا ئايلىنىپ يۈرۈپ گۈل سېتىپ، كىشىلەرگە باھاردىن خەۋەر بەرسە، يازدا گىلاس، مايسەن ئۆرۈك، چىلگە شاپتۇل، توغاچ قاتارلىق مېۋىلەرنىڭ سەرخىلىنى ئېلىپ – سېتىپ يازنىڭ بەرىكىتىدىن نىشان بېرەتتى. قىش كېلىشنىڭ ئالدىدا قارا چەكمەن چاپىنى ئۈستىدىن بېلىنى باغلاپ، پۇتىغا كارۋانچى ئۆتۈكىنى كىيىپ، بېشىغا بىر قوغۇننى قوندۇرۇپ، ئىككى قولتۇقىغا قوغۇن ياكى تاۋۇز قىستۇرغىنىچە ھېيتگاھ، ئۆستەڭبويى دوقمۇشى ياكى ئوردائالدىدىكى ئادەم كۆپرەك جايلارغا كېلىپ، قوغۇن، تاۋۇزىنى تىلىپ سېتىپ، كىشىلەرگە قىش كەلگەنلىكىنى بىلدۈرەتتى. ئۇ ئوقەتنى باي بولۇش، پۇل جۇغلاش ئۈچۈن قىلمايتتى. ئۇ ئەنە شۇ ماللىرىنى ئەتىگەندىن قوزاچۈشكىچە سېتىپ تۈگىتىپ، بىر كۈنلۈك خىراجىتىگە يەتكىدەك پۇل تېپىۋېلىپ، بىرەر ساماۋەرخانىغا كىرەتتى – دە، ناۋات سېلىنىپ قېنىق دەملەنگەن چاي ئىچكەچ، ئەتراپتىكىلەرگە چاقچاق قىلىپ، لەتىپە سۆزلەپ ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئاۋۇندۇراتتى. چاقماقجان ئۆمۈربويى بويتاق ئۆتكەن بولسىمۇ، ياقىسىنى كىر قىلماي، چاچ، ساقال – بۇرۇتىنى ۋاقتى – ۋاقتىدا ئېلىپ، پاكىز، رەتلىك يۈرىدىغان، گەپ – سۆزدە مۇلايىم، مۇئامىلىدە ئىللىق كىشى ئىدى. ئۇ يولۇققان چوڭ – كىچىككە سالام – سەھەت بىلدۈرەتتى، ‹‹دەم غەنىيمەت، دىدار غەنىيمەت››، ‹‹ئۆمۈر غەنىيمەت›› دېگەننى ئاغزىدىن چۈشۈرمەيتتى. ئۇنىڭ تىجارەتتە خېرىدار چاقىرىپ ‹‹ئەنجۈر تەمى بار شاپتۇل، ئەدرەك تەمى بار شاپتۇل››، ‹‹تېتىمىغان بىلمەيدۇ، بىلىپ قالسا كەتمەيدۇ››دەپ سوزۇپ – سوزۇپ توۋلاشلىرى كىشىلەرنى جەلپ قىلاتتى.

مەشھۇر كومېدىك ئارتىس يولۋاسخاننىڭ دېيىشىچە، چاقماقجان ئادەتتىكى تىجىمەل چاربازارچى ئەمەس، ساما ئۇسسۇلىنىڭ ماھىرى ئىكەن. ئەينى چاغلاردا قەشقەر ۋىلايەتلىك سەنئەت ئۆمىكىدىكى بەزى ئۇسسۇلچىلار ئۇسسۇلنىڭ بىرمۇنچە ھەرىكەتلىرىنى چاقماقجاندىن ئۆگەنگەن ئىكەن. دەرۋەقە، ئۇنىڭ ھايات ۋاقتىدا ھېيت – بايرام، خاتىرە كۈنلەردە ھېيتگاھ جامەسى ئالدىدىكى مەيداندا ناغرا، سۇناينىڭ شادىيانە ساداسىغا تەڭكەش قىلىپ چۈشكەن ساماسىنى جامائەت ئالاھىدە ھەۋەس بىلەن قانماي كۆرەتتى ھەم سامادىن كېيىن ئۇنى تەبرىكلەپ ئالاھىدە مېھمان قىلاتتى.

بۇ يىل قەشقەرگە بارغىنىمدا بىر قانچە سورۇندا چاقماقجاننىڭ تەرىپى بولدى. ئۇنى ئوبدان بىلىدىغان بىر نەچچە ئاقساقال ھېيت – ئايەمدە ھېيتگاھقا ساما كۆرگىلى بارسا، ئۇنى سېغىنىدىغانلىقىنى ئېيتىشتى. ئۇ‹‹شەھىرىمىزنىڭ گۈلى ئىدى››دېگۈچىلەرمۇ بولدى. بۇ ئاددىي، تەمەسىز، سەمىمىي ئىنساننى، ساما ئۇسسۇلى مەدەنىيىتىنىڭ ماھىرى خەلق سەنئەتكارىنى بۇ ئاددىي يازمام بىلەن چوڭقۇر ھۆرمەتتە ياد ئېتىمەن.

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى (2009-12-18)