خوتەن قەغىزى (ئىمىنجان كېرىم ئاقشەھىرى)

ئىپتىخارىم، شۆھرىتىم، پەخرىم خوتەن قەغىزى،

شەربەت تۆكەر سۆزلىسەم تىلىم، خوتەن قەغىزى،

ساڭا كەلكۈن مۇھەببەت – مېھرىم خوتەن قەغىزى،

شان – شەرەپتىن يايرىدى دىلىم خوتەن قەغىزى،

ھېكمىتىڭدۇر ھۆرمىتىم، دىتىم خوتەن قەغىزى،

ئىجاد – مېھنەت تۆرىدە تەختىم خوتەن قەغىزى.

سەندە ئايان خەلقىمنىڭ ئەسىر – ئىرا، يىللىرى،

بىلدى قىممەت – تۇتىيا سېنى يۈسۈپ، قەشقەرى،

ئۇل يۈكنەكى، فارابىي، رابغۇزى ۋە زەلىلى،

نازىم، گۇمنام، ناۋائىي، ئاتايى ھەم نىزارى،

كۆككە تەڭداش شۆھرەتلىك پۈتتى قامۇس ھەربىرى،

ساڭا چوڭقۇر سۆيگۈ يار بەختىم خوتەن قەغىزى.

پاراسەتكە يول ئاچار زېھنىم ھەر چاغ سەن بىلەن،

تولۇپ بارار كۈنسېرى ئەقلىم ھەرچاغ سەن بىلەن،

پەرۋاز قىلار يىراققا پىكرىم ھەرچاغ سەن بىلەن،

دەريا كەبى دولقۇنلار قېنىم ھەرچاغ سەن بىلەن،

شادلىنىدۇ، ياشنايدۇ جېنىم ھەر چاغ سەن بىلەن،

ئوچۇق – يورۇق مەڭگۈگە چېھرىم خوتەن قەغىزى.

( مۇھەررىر : بۇئايشەم )