دوكتور ئەركىنئاي ئابلىز

ئەركىنئاي ئابلىز 1976- يىلى بۈگۈر ناھىيىسىدە بىر ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ 1997- يىلى شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ فىزىكا كەسپىنى پۈتتۈرۈپ، باكلاۋۇر ئۇنۋانىنى ئالدى. ئۇ ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە ئۆزلۈكىدىن رۇس تىلى ئۆگەندى. ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن بۈگۈر ناھىيىلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپتە فىزىكا ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلىدى. خىزمەت قىلىش جەريانىدا ئۇ چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇشقا ئىرادە باغلاپ، بىر تەرەپتىن ئىشلەپ، بىر تەرەپتىن ئۆزلۈكىدىن ئىنگلىز تىلىنى ئۆگەندى. شۇنداقلا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ماگىستىرانت تەربىيىلەش مەركىزىدە «قوللانما ماتېماتىكا» كەسپىدە ئىككى يىل دەرس ئالدى.

دوكتور ئەركىنئاي ئابلىز

ئامېرىكىدا ماگىستىرلىق ۋە دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئۈچۈن ئوقۇيدىغان چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلار «توفىل» (TOEFL) دەپ ئاتىلىدىغان ئىنگلىز تىلى ئىمتىھانى بىلەن «GRE» دەپ ئاتىلىدىغان تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ كەسپىي دەرسلىرىنى مەزمۇن قىلغان يەنە بىر ئىمتىھاندا لاياقەتلىك بولمىسا بولمايدۇ. ئەركىنئاي قاتتىق تىرىشىپ، ئۆزلۈكىدىن ئىنگلىزچە ئۆگىنىش نەتىجىسىدە TOEFL ۋە GRE ئىمتىھانلىرىدا ياخشى نەتىجە بىلەن لاياقەتلىك بولۇپ، 2001- يىلى نيۇ يورك شتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ فىزىكا كەسپىنىڭ دوكتورلۇق ئوقۇشىغا قوبۇل قىلىندى. دوكتورلۇق ئوقۇشى جەريانىدا ئاپىسىنىڭ راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغىنىنى ئاڭالپ، ئۇ بىر تەرەپتىن ئوقۇشىنى داۋامالشتۇرۇپ، يەنە بىر تەرەپتىن راك كېسەللىرىنى داۋاالش تېخنىكىلىرىغا ئائىت ماتېرىيالالرنى كۆرۈشكە باشلىدى. شۇ جەرياندا راك كېسەللىرىگە مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتقا قاتنىشىش ئىرادىسىگە كەلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ دوكتورلۇق ئوقۇشىدىن ۋاز كېچىپ، فىزىكا كەسپى بويىچە بىر ماگىستىرلىق ئۇنۋانىنى ئېلىپ بولۇپلا كەسىپ ئۆزگەرتتى.

ئەركىنئاي جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىئومېدىتسىنا (Biomedicine) ئىنژېنېرلىقى فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىردى. ئۇ جەرياندا راك كېسىلىنى دەسلەپكى مەزگىلدە كۆزىتەلەيدىغان تەننەرخى ئەرزان، رادىئاتسىيىدىن خالىي ئوپتىكىلىق ئەسۋاب لايىھىسى ئۈستىدە قاتتىق ئىزدەندى. دەسلەپكى ئۈچ يىللىق ئىزدىنىش جەريانىدا ئۇنىڭ لايىھىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولمىدى. ئەركىنئاي بۇ جەرياندا نۇرغۇن قىيىنچىلىقالارغا دۇچ كەلدى. بىر تەرەپتىن ئۈچ ياشلىق قىزىغا يالغۇز ئانا بولۇپ، ئىقتىسادىي بېسىم تۈپەيلىدىن رېستورانلاردا ئىشلەپ، يەنە بىر تەرەپتىن راك كېسەللىرىنى داۋاالشقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تەتقىقات تېمىسى ئۈستىدە قايتا ئىزدەندى، ھامان بىر كۈنى نەتىجە يارىتىشقا قەتئىي ئىرادە باغلىدى. ھەمدە ئىنگلىزچە «Photodynamic Therapy» دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل ئۇسۇل بىلەن مېڭە راكىنى يۇقىرى ئۈنۈم بىلەن داۋاالش توغرىسىدا بىر يېڭى تەتقىقاتنى باشلىدى. ئادەتتە بۇ ئۇسۇل پەقەت تېرە راكى (cancer skin) نى داۋاالشقا ئىشلىتىلەتتى. چۈنكى ئۇ مەلۇم چاستوتىدىكى نۇر بىلەن دورىنى بىرلەشتۈرۈپ داۋاالش تېخنىكىسى بولۇپ، نۇر بەدەننىڭ ئىچكى قىسمىغا تېشىپ كىرەلمەيدۇ. ئۆزى ئوقۇۋاتقان ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ تەجرىبە ئەسلىھەلىرى چەكلىك بولغاچقا، ئەركىنئاي ئامېرىكا يېمەكلىك ۋە دورا ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى (FDA US) نىڭ تەبىئىي-پەن ۋە ئىنژېنېرلىق تەتقىقات مەركىزىدىكى تەتقىقاتچىلاربىلەن كۆرۈشۈپ، تەتقىقاتنى شۇ يەردىكى تەجرىبىخانىدا ئېلىپ بېرىش پۇرسىتىنى ياراتتى. ئامېرىكا يېمەكلىك ۋە دورا ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى دۇنيادىكى ھەممە ساغالاملىق مەھسۇالتلىرىنى تەكشۈرۈپ تەستىقاليدىغان ئورۇن بولغاچقا، ئۇلارنىڭ تەجرىبىخانىلىرى ئەڭ يېڭى ئەسۋابلار، دورىلار ۋە تېخنىكىلاربىلەن قورالالنغان. ئەركىنئاي شۇ يەردە ئىنگلىزچە «Nano-particle assisted Photodynamic therapy» دەپ ئاتىلىدىغان ئۇسۇل ئارقىلىق مېڭە راكىنى %90 داۋالاش ئۈنۈمىگە ئېرىشتى. ئەركىنئاي ئۆز تەتقىقات نەتىجىسىنى بايان قىلىپ يازغان ئىلمىي ماقالىسى كەسىپداشلىرى ئارىسىدا ناھايىتى زور ئەتىۋارغا ۋە تەسىرگە ئېرىشتى. ئەركىنئاي ئەنە شۇ تەتقىقات نەتىجىلىرى بىلەن دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشتى.

ئامېرىكا يېمەكلىك ۋە دورا ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى ئۇنىڭغا شۇ ئىدارىدە قېلىپ دوكتور ئاشتى بولۇپ ئىشلەشنى تەكلىپ قىلدى. دوكتور ئەركىنئاي ئابلىز ئۇ تەكلىپنى قوبۇل قىلىپ، شۇندىن باشلاپ ئاشۇ ئىدارىگە خىزمەتكە چۈشتى. ھەمدە مەرىلەند ئۇنىۋېرسىتېتى ئامېرىكا يېمەكلىك ۋە دورا ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى بىرلىكتە ئورۇنالاشتۇرغان ئىنگلىزچە «Neural Electrode Raliability» دەپ ئاتىلىدىغان تېما ئۈستىدە ئىلمىي تەتقىقات ئېلىپ باردى. بۇ تەتقىقاتقا ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئەسى مىنىستىرلىقى مەبلەغ سالغان بولۇپ، ئەركىنئاي ئۇرۇشتا يارىلىنىپ پالەچ بولۇپ قالغانالرغا ئىشلىتىلىدىغان «Neural Electrode»نىڭ مېڭىگە كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىش سەۋەبى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ باردى. ھەمدە ئەڭ يېڭى تىپلىق ئوپتىكىلىق دىئاگنوز قويۇش (Two Photon Microscopy, Optical Coherence Tomography) ئەسۋابلىرىنىڭ ئەتراپىدىكى مېڭە ھۈجەيرىلىرى ۋە مېڭە قان تومۇرلىرىنىڭ توسالغۇغا ئۇچراش ئەھۋالىنى كۆزىتىدىغان لايىھە تۈزۈپ چىقىپ، مۇۋەپپەقىيەت قازاندى. ئەركىنئاي يەنە دوكتورلۇق ئوقۇشنىڭ ئاخىرقى يىللىرى ۋە دوكتور-ئاشتى بولۇپ ئىشلەۋاتقان مەزگىللىرىدە ئامېرىكىنىڭ ۋىرگىنىيە (Virginia) شتاتىدىكى ستراتفورد ئۇنىۋېرسىتېتى (University Stratford) تەرىپىدىن تەكلىپ قىلىنىپ فىزىكا، ماتېماتىكا، بىئولوگىيە دەرسلىرىنى ئۆتىدىغان قوشۇمچە پروفېسسور (Professor Adjunct) بولۇپ ئىشلىدى، ۋە ھەر مەۋسۇملۇق ئىلغار ئوقۇتقۇچىلارنى باھالاشتا ئوقۇغۇچىلار تەرىپىدىن يۇقىرى باھالارغا ئېرىشتى.

ھارزىرغا قەدەر دوكتور ئەركىنئاي ئابلىز ئامېرىكا يېمەكلىك ۋە دورا ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ لازېر نۇرى ئارقىلىق كۆز ئوپېراتسىيىسى قىلىش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈش بۆلۈمىدە بىر ئانالىزچى مۇتەخەسسىس (Analyst) بولۇپ ئىشلەپ كەلگەن ئىدى. دوكتور ئەركىنئاي ئابلىز مۇنداق دەيدۇ: بىر تەرەپتىن ئوقۇپ، بىر تەرەپتىن ئىشلەپ، ئىقتىسادىي بېسىمنى يېڭىش، ھەمدە قىزىمنى ساغلام پسىخىكا بىلەن تەربىيىلەپ چوڭ قىلىش جەريانىدا نۇرغۇن قىيىنچىلىقالارغا دۇچ كەلدىم. لېكىن، «ئاللاھ ھەرگىزمۇ ئادەمنى قۇدرىتى يەتمىگەن ئىشقا مەجبۇر قىلمايدۇ» دېگەن سۆزگە چەكسىز ئىشەندىم. تەتقىقات جەريانىدا بولسا «ئاللاھ ھەممە كېسەلنى شىپاسى بىلەن يارىتىدۇ» دېگەن سۆزگە چەكسىز ئىشەندىم. «ياق، بولمايدۇ» دېگەن جاۋابقا ئاسانلىقچە بولدى قىلمىدىم. ئەتراپىمدا ماڭا مەدەت بېرىدىغان، ۋە مېنى قولللايدىغان دوستلىرىمنىڭ بولغىنى ماڭا زور ئىشەنچ بېغىشلىدى.

دوكتور ئەركىنئاي ئابلىز 2020- يىلى 10- ئاينىڭ 24- كۈنى ئۈچەي راكى كېسەللىكى بىلەن ئالەمدىن ئۆتتى.

*** *** ***

دوكتور ئەركىنئاي ئابلىز خەلقئارالىق ئىلمىي ژۇرنال ۋە ئىلمىي دوكىلات يىغىنلىرىدا ئېلان قىلغان ماقالىلەرنىڭ تىزىملىكى :

1. Restaino S., Abliz E., Wachrathit K., Shah S.B, Krauthamer V., Biomechanical and functional response of rat sciatic nerve to joint rotation following cuff electrode implantation. Journal of Neuro Engineering and Rehabiitation. April, 2014-11

2. Hammer D., Abliz E., Lozzi A., Agrawal A., Greenbaum N., Krauthamer V., and Welle C.G., Longitudinal vascular changes from window preparation and electrode implantation in mouse motor cortex measured with speckle variance optical coherence angiography, Biomedical Optics Express, 2014

3. Hammer D.X ,Lozzi A., Abliz E.,Agrawal A.,., Krauthamer V., and Welle C.G Daniel X. Hammer, Andrea Lozzi, Erkinay Abliz, Noah Greenbaum, Kevin P. Turner, T. Joshua Pfefer, Anant Agrawal, Victor Krauthamer, and Cristin G. Welle. Optical coherence microscopy of mouse cortical vasculature surrounding implanted electrodes. Photonics West conference Proceedings, February,2014

4. Abliz E., Restaino S., Wachrathit K., Shah S., Krauthamer V., Use of CT imaging to evaluate effects of nerve stretch in rat sciatic nerve after cuff electrode implantation

5. Abliz E., Kim D., Zhang W., Agrawal A., Hammer D.X., Krauthamer V., and Welle C.G., In vivo Two Photon Microscopy imaging of neural and vascular morphology near an implanted neural electrode. IEEE EMBS Neural Engineering Conference, San Diego, CA, November 7, 2013

6. Abliz E., Kim D., Welle C.G., Civillico E.F., Krauthamer V., Neurovascular Imaging as Biomarker for Neural Implant Reliability. Uniformed Health Sciences University of Health Sceinces NeuroScience Program 22nd Annual Open House and Poster Session. Bethesda, MD, Oct 25, 2012

7. Abliz E., Restaino S., Wachrathit K., Shah S., Krauthamer V., Acute Functional and Anatomical Changes Created by Increased Nerve Stretch after Nerve Cuff Implantation. Uniformed Health Sciences University of Health Sciences Neuroscience Program 21nd Annual Open House and Poster Session. Bethesda, MD, Dec 1st, 2011

8. Abliz E., Collins, J.E., Friedberg J.S., Kumar A., Bell H, and Tata D.B., Novel applications of diagnostic X-rays in activating photo-agents through X-ray induced visible luminescence from rare-earth particles: An in-vitro study. August, 2011. Journal of X-ray Technology)

9. Abliz E., Collins, J.E., Friedberg J.S., Kumar A, Bell H, Waynant R.W., and Tata, D.B. Novel applications of diagnostic X-rays in activating photo-agents through X-ray induced visible luminescence from rare-earth particles: An in-vitro study. Bio photonics and Immune Responses V. Conf. #7565, Feb.2011

10. Abliz E., Tata D., Waynant, R., Collins J., Friedberg J., Kumar A., Bell, H. Novel Application of rare earth particles in activating photodynamic agents through X-Ray Induced Visible Fluorescence: An In Vitro Study. Basic science section: The cuttingedge in optical diagnostic and therapeutic of tissues and cells at the annual ASLMS conference, Phoenix , AZ , April 16, 2010