مەدەنىيلىشىشمۇ، ياتلىشىشمۇ؟ (7)

يارمۇھەممەت تاھىر تۇغلۇق

يۇقىرىقى خىتابلار قاراخانىيلار دەۋرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە قانچىلىك مۇھىم ئورۇن تۇتقانلىقىنى پاكىت تەلەپ قىلمىغۇدەك دەرىجىدە يورۇتۇپ بەرگەن.

2. ئۇيغۇرلار يۈكسەك مەدەنىيەتكە ئىگە قەدىمىي مىللەت ئىدى

بۈيۈك ئالىم مەھمۇد قەشقەرى «قەدەم ئىزى بىراۋنىڭ ماڭغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ» دەيدۇ. ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر لۇشۈن ئەپەندى: «بۇرۇن يول يوق ئىدى، ئادەملەر ماڭغاندىن كېيىن يول پەيدا بولغان» دەپ كۆرسەتكەن. يۇقىرىقى يول ۋە ئىزلار ئادەتتىكى ئىز ۋە يولنى كۆرسەتمەستىن، بەلكى ئىنسانىيەت تارىخىنىڭ يولى، ئىنسانىيەت تارىخى بېسىپ ئۆتكەن مەدەنىيەت يولىنى كۆرسىتىدۇ.

تارىختا ئىنسانىيەت تارىخى بېسىپ ئۆتكەن مەدەنىيەت ئىزلىرىغا نەزەر سالىدىغان بولساق، جۇڭگو، ھىندى، گرېك، ئىران ۋە ئەرەبلەرنىڭ قەدىمكى ئاتا بوۋىلىرى ئىنسانىيەتكە كۆزنى چاقنىتىدىغان ئەڭ باي مىللىي مەدەنىيەت جەۋھەرلىرىنى يارىتىپ، جاھان مەدەنىيەت خەزىنىسىگە ئۆچمەس پارلاق تۆھپىلىرىنى قوشقانلىقىنى كۆرىمىز.

جاھان مەدەنىيىتىنىڭ ئۇلۇغ بىر قىسمىنى تەشكىل قىلغان ئوتتۇرا ئاسىيا مەدەنىيىتى توغرىسىدا سۆز ئاچىدىغان بولساق، بۇ مەدەنىيەت ھالقىسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ناھايىتى مۇھىم ئورۇن تۇتقانلىقى تارىخىي پاكىتلاردىن مەلۇم، شۇڭا پروفېسسور ك. ئا. بىرونىكۋ «ئۇيغۇرلار ئۆتكەن دەۋرلەردە ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ مەدەنىي تۇرمۇش تارىخىدا چوڭ ئورۇن ئېلىپ كەلگەن بىر خەلق. ئۇيغۇرلار قەدىمكى زامانلاردا يۇقىرى مەدەنىيەتكە ئىگە بولغان شەرق خەلقلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ» دېگەن باھالىرىمۇ تارىختىدىكى نۇرغۇن مەدەنىي ئىزلارغا ئاساسەن چىقىرىلغان خۇلاسە ئىدى.

راست! تارىخ سەھىپىسىگە ئەقىل كۆزىمىز بىلەن قارىغىنىمىزدا، شەرق بىلەن غەربنى تۇتاشتۇرغان «يىپەك يولى»دىن ئىبارەت خەلقئارا ئالتۇن لىنىيە خەلقئارا سودا مەھسۇتلاتلىرىنى ئالماشتۇرۇشنىڭ كۆۋرۈكى ۋە بازىرى بولغانىدى. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەقىل − پاراسىتىدىن ياشنىغان بۇ مۇقەددەس تۇپراق ئاتا قىلغان قىممەتلىك مەھسۇلاتلارنى ئارتقان تۇنجى كارۋان تۆگىسى بۇ دىياردىن دۇنيادىكى باشقا مەدەنىيەتلىك شەھەرلەرگە بارىدىغان دەسلەپكى يولنى ئاچقانىدى. بۇ يول ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە روناق تېپىپ، گۈللەپ ياشنىشىدا ئەڭگۈشتەرلىك رول ئوينىغانىدى. ئۇيغۇر سودىگەرلىرى بۇ خاسىيەتلىك ئەڭگۈشتەردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ شەرق ۋە غەرب مەدەنىيىتىدە ئالتۇن كۆۋرۈكلۈك رولىنى جارى قىلدۇرغانىدى. چۈنكى، ئۇيغۇرلار خېلى قەدىمكى دەۋرلەردىلا تاۋار سودىسىنىڭ دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىي قۇرۇلۇشىدا ئوينايدىغان غايەت مۇھىم تۈرتكىلىك رولىنى ئەقەللىي ھېس قىلىشقانىدى. 11 − ئەسىرنىڭ بۈيۈك مۇتەپەككۇرى يۈسۈپ خاس ھاجىپ سودىگەرلەر تەبىقىسىنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتقا ۋە سىياسىي ھاياتقا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى ناھايىتى يۇقىرى ئورۇنغا قويغان: ئۇلار «شەرقتىن غەربكە كېزىپ يۈرۈپ، سەن ئارزۇ قىلغان نەرسىلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ. مىڭ تۈرلۈك تاۋار − دۇردۇن، دۇنيانىڭ قىممەتلىك نەرسىلىرى شۇلاردا بولىدۇ، جاھان كەزگۈچى سودىگەر بولمىغان بولسا، قارا سۆسەر جۇۋىنى قاچان كىيەلەيتتىڭ، سودىگەر جاھان كېزىپ يۈرمىگەن بولسا ئۈنچە − مارجان، تىزىقلارنى كىم كۆرەلەيتتى؟»

قەدىمدىن تارتىپ سودا ئىگىلىكىدە قانۇنىيەتلىك ئىككى خىل باغلىنىش مەۋجۇت. بىرى، ئۆزى ئىشلەپ چىقارغان مەھسۇلاتلارنى سىرتقا چىقىرىش، يەنە بىرى، باشقىلارنىڭ ئىلغار مەھسۇلاتلىرىنى كىرگۈزۈش. ئۇيغۇرلار سودا ئىگىلىكىدىكى ھەر ئىككى تەرەپنىڭ تەڭپۇڭلۇقىغا ناھايىتى ئەھمىيەت بەرگەن. چۈنكى، نوقۇل باشقىلارنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىشقىلا تايانغاندا، دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي ئاساسى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كېتەتتى. يەنە بىر تەرەپتىن دۆلەت ئىچىدىكى قول سانائەتچىلەرنىڭ ئىلگىرىلەش يولى توسۇلۇپ قالاتتى، ئىستېمالچىلارمۇ زور دەرىجىدە زىيان تارتاتتى. بۇ خىل ئەھۋال سودا ساھەسىدە ھەرقايسى ئەللەر ئارىسىدا كۈچلۈك رىقابەت ئېڭىنى شەكىللەندۈرگەن. بۇنداق كۈچلۈك رىقابەت ئۇيغۇر ئۇستىلىرى ۋە سودىگەرلىرى تەبىئىي ئەۋزەللىكتىن، خام ماتېرىيال ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، قول سانائەتنىڭ ھەرقايسى تارماقلىرى − توقۇمىچىلىق سانائىتى، زەرگەرچىلىك سانائىتى، كېگىز ئىشلەپ چىقىرىش سانائىتى، گىلەمچىلىك سانائىتى، قاش تېشى پىششىقلاپ ئىشلەش سانائىتى، ئىشلەپ چىقىرىش قوراللىرى سانائىتى قاتارلىقلار جەھەتتە ئۆز ئېھتىياجىدىن ئېشىپ، دۇنيا بازارلىرىدىن مۇناسىپ ئورۇن ئىگىلىگەنىدى. تارىخىي كىتابلاردا بۇ ھەقتە قىممەتلىك مەلۇماتلار ساقلىنىپ قالغان. «تۈركىي تىللار دىۋانى»نى دېگەن قامۇس خاراكتېرلىك ئەسەردە ئۇيغۇرلارنىڭ يېڭى − يېڭى ئىختىرالىرى توغرىسىدا نۇرغۇن ئۇچۇرلار خاتىرىلەنگەن. مەھمۇد قەشقەرى مۇنداق بىر توقۇلما مەھسۇلاتنى تىلغا ئالىدۇ: «ياتۇق − ئىككى خىل نەرسىدىن توقۇلغان رەخت. ئۇنىڭ ئۆرۈمى يۇڭ يىپتىن، ئارقىغى پاختا يىپتىن بولىدۇ». بۇنداق ئىككى خىل يىپنى ئارىلاشتۇرۇپ رەخت توقۇشنىڭ قانچىلىك تېخنىكا تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىش تەس ئەمەسقۇ دەيمەن. يەنە بىر ئۇچۇر: «يالما − يامغۇرلۇق، پارسلار بۇنى تۈركلەردىن ئېلىپ <يەكمە> دەپ تەلەپپۇز قىلىدۇ. ئەرەبلەر پارسلاردىن ئېلىپ <يەلمۇق> شەكلىدە قوللىنىدۇ. ھېچكىم بۇ سۆزنى تۈركلەر پارسلاردىن ئالغان دېيەلمەيدۇ. چۈنكى، مەن بۇ سۆزنى ئەڭ يىراق چېگرىدا ياشىغۇچى قارا تۈركلەردىنمۇ ئاڭلىغانىدىم. ئۇلارنىڭ يۇرتىدا قار − يامغۇر كۆپ ياغقاچقا، ئۇلار باشقىلارغا قارىغاندىمۇ يامغۇر يىپىنچىغا كۆپرەك موھتاج ئىدى». ئەمدى ئىشلەپچىقىرىش قورالىدىن بىرنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتەيلى. مەھمۇد قەشقەرى «ئىرغاق»نى تونۇشتۇرىدۇ. ئۇنى مۇزنى مۇزخانىغا تارتىپ ئەكىرىشتە ئىشلىتىدىغان ئىلگەك، دەپ ئىزاھ بېرىدۇ. يۇقىرىقى ئۇچۇرلارنى كۆرگىنىمىزدە، بىزنىڭ 21 − ئەسىردە ياشاۋاتقان نۇرغۇن مۇزچىلىرىمىزنىڭ مۇزنى گەمىگە ئېلىپ كىرىشتە ياكى مۇز كۆللىرىدىن مۇز تارتىۋاتقاندا ئاشۇنچىلىك بىر ئىلغا ياساپ ئىشلەتمەي، قولى ۋە ئارغامچىلار بىلەن تارتىپ ناھايىتى مۇشەققەت چېكىۋاتقانلىقىنى كۆرىمىز. يەنە بىر ئۇچۇر تېخىمۇ بىزگە ئۈلگە ۋە ئىلھام بولۇشى مۇمكىن: «ئاقچاق − ئېغىزغا دورا قۇيۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ئىچى كاۋاك ئەسۋاب»، ھازىر بىزنىڭ ئاتا − ئانىلىرىمىز بالىغا دورا ئىچكۈزۈشتە ئاشۇنچىلىك بىر ئەسۋابنىڭ يوقلۇقىدىن، دورىنىڭ كۆپىنى بالىنىڭ كىيىم − كېچەكلىرىگە ئىچكۈزۈۋاتقانلىقى كۆز ئالدىمىزغا كېلىدۇ. ئەگەر يۇقىرىقى مۇز تارتىش سايمىنى بىلەن دورا ئىچكۈزۈش ئەسۋابى ھازىرقى زامان پەن − تېخنىكىسىغا تايىنىپ ياسالسا، پاتنېت ھوقۇقىغا ئېرىشىشى مۇمكىنغۇ، دېگەن ئارماننى قىلىمىز.

قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۆتمىڭ يىل بۇرۇنقى مەدەنىيەت مۇۋەپپەقىيەتلىرىدىن گۇۋاھلىق بەرگۈچى كىروران ئانا، مىلادىيەدىن بۇرۇنقى مەدەنىيەت جەھەتتىكى ساپايىمىزنى ئەسلىتىدىغان شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن ئارقا − ئارقىدىن بايقىلىۋاتقان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، مىڭ ئۆيلەردىكى كۆزنى قاماشتۇرىدىغان سەنئەت نەمۇنىلىرى، دۇنيادا كەمدىن − كەم ئۇچرايدىغان «مەڭگۈ تاش پۈتۈكلىرى»، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەدەبىي ۋە بەدىئى ئىدىئالنىڭ مەسئۇلى بولغان «ئوغۇزنامە»، «قۇتادغۇبىلىك»، «چاھار دىۋان»، «خەمىسە» قاتارلىق دۇنياۋى شۆھرەتكە ئىگە نەمۇنىلەر، دۇنيا مۇزىكا − سەنئەت تارىخىدىكى مۆجىزە دەپ تونۇلغان «ئون ئىككى مۇقام»، خەلقىمىزنىڭ ئەقىل − پاراسىتىدىن چاقنىغان مىخ مەتبەئە، قەغەز ئىختىرالىرىدىن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىجاد قىلىشقا، يېڭىلىق يارىتىشقا، ئىسلاھ قىلىشقا، تەرەققىي قىلىشقا ماھىر، ئەمگەكچان، باتۇر خەلق ئىكەنلىكى مەلۇم بولىدۇ.

شۇنداق، ئۇيغۇر خەلقى ئەقىل بەيگىسى، ئىختىرا بەيگىسى ۋە يۇقىرى دەرىجىدىكى ئەقىل پاراسىتىگە تايىنىپ، بىر تەرەپتىن ئىگىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىي تۇرمۇش سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرگەن، بۇنىڭ خاسىيىتى شۇ بولغانكى، بىر تەرەپتىن ئۆزلىرىنىڭ مىللىي خاسلىقى ۋە مىللىي ئالاھىدىلىكىنى روشەن ھالدا يۇقىرى كۆتۈرگەن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئەتراپتىكى ئەللەرنىمۇ ئوخشىمىغان شەكىلدە ئۇيغۇرلاشتۇرغان. شۇنداق قىلىپ ئۇلار ھايات − ماماتلىق بەيگىسىدە غالىپلىق تۇغىنى كۆتۈرگەن ئەجرى بەدىلىگە ھېچبولمىغاندا مەۋجۇتلۇقتىن ئىبارەت ئەڭ شەۋكەتلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.

3. تارىخىمىزدا مەدەنىيەت جەھەتتە ياتلىشىش ۋە مىللىي خاسلىقنى يوقىتىۋېتىشنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى ۋە ئاچچىق ساۋاقلار

«ئادەمنىڭ روھى چۈشسە ئېتى يۈگۈرەلمەيدۇ» دېگەن بىر ھېكمەت بار. ھەقىقىتىنى ئېيتقاندا، ئىنسانلار دۇنياسى ھەقىقىي مەنىسى بىلەن روھلار دۇنياسى، روھلارنىڭ ئۆزئارا كۈرەش قىلىش جەريانى؛ تارىخ بولسا روھلارنىڭ ئۆزىنى ئۆزى ئۈزلۈكسىز تاكامۇللاشتۇرۇش جەريانى؛ جەمئىيەت بولسا روھنى يېڭىلىشىدىكى سەھنىسى. مانا شۇنداق قارىمۇقارشى روھىيەت ئالىمى ئىنسانىيەت جەمئىيىتى مەۋجۇدىيىتىنىڭ مەنبەسى. ئىنسانلاردا روھ بولمىسا ئىنسانىيەتمۇ بولمايتتى، رەڭگارەڭ روھلار جىلۋىسى بولمىغاندا ئىنسان ئۆز كامالىتىنىڭ نۇرانە مەشئىلىنى يورۇتۇشنىڭ سېھرىي كۈچىدىن مەھرۇم بولۇپ قالاتتى. بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، روھنىڭ ئەركىن پەرۋاز قىلىشى، روھنىڭ روھ ئۈستىدىكى ئىسيانى مەڭگۈلۈك مۇقەددەس جەريانى. بۇنداق چەكسىز مۇساپە ئىچىدە سەپەر قىلىۋاتقان ئىنسانلار بېشىدىن ئىنتايىن جەلپكار، سېھرىي كۈچكە باي بولغان ئىجابىي روھلارنىڭ يېتەكلىشىنىمۇ، روھنىڭ روھ ئۈستىدىكى دەھشەتلىك، رەھىمسىز شاللىشىنىمۇ كەچۈرۈشكە مەجبۇر. بۇ ھەرگىزمۇ روھلارنىڭ ئۆز ئىرادىسى ئەمەس، بەلكى تارىخ تەرەققىياتىنىڭ مەڭگۈلۈك قانۇنىيىتى.

تارىخ ئۆزىنىڭ جەلپكار چېھرىنى ناھايىتى نۇرغۇن قېتىم ئۆزگەرتتى. تارىخنىڭ ھەم روھنىڭ ھەر قېتىمقى يېڭىلىنىشى مېھمان كۈتكەندەك ئۇنداق سىلىق − سىپايە بولغىنى يوق، بەلكى ئۈمىد بىلەن ئۈمىدسىزلىك، يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كونىدىن قىيالماسلىق، غايە بىلەن رېئاللىق، تەرەققىيات بىلەن مۇتەئەسسىپلىك، ئىلغارلىق بىلەن قالاقلىق، ھەسرەت بىلەن سۆيۈنۈش، بەھرىمەنلىك بىلەن مەھرۇملۇق ئوتتۇرىسىدىكى نازۇك روھىيەت پرۇتىدا ئۇزۇنغا سوزۇلغان كۈرەش ئارقىلىق قايتىدىن تۇغۇلغان. تارىختا يۈز بەرگەن ھاكىمىيەت ئۆزگىرىشلىرى، ئېتىقاد سەھىپىسىدىكى سەھنە ئۆزگەرتىشلەر، ئىنسانلار جەمئىيىتىدە ئوينالغان تراگېدىيىلىك ۋە كومىدىيىلىك ئويۇنلارنىڭ ھەممىسى ئاخىرقى ھېسابتا تارىخنىڭ ۋە روھنىڭ يېڭىلىنىشىنىڭ مۇقەددىمىسى سۈپىتىدە بارلىققا كەلگەن. ئىنسانىيەت تارىخىدا ئۆزلىرىنىڭ ھەققانىي بايقاشلىرى بىلەن تارىختىكى خاتا بىلىش ۋە خاتا ھۆكۈملەرگە جەڭ ئېلان قىلغان ۋە مۇشۇ يولدا رىيازەت چەككەن ھەم دارغا ئېسىلغان. پىلاتون، گالىلى، مەنسۇر ھەللاجى … ۋە تۈمەنلىگەن كىشىلەر «يەر يەنىلا ئايلانماقتا»، «ئىنەل ھەق، مىنەل ھەق» دېگەنگە ئوخشاش ئىسيانلىرى بىلەن دارغا ئېسىلغاندا، بۇ پاجىئەلەرگە شاھىت بولۇپ تۇرغان دەۋرداشلىرى ئۇلارنىڭ چۇقانىنىڭ روھىنىڭ ئىسيانى، ئۇلارنىڭ تراگېدىيىسى روھىنىڭ تراگېدىيىسى ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ تېڭىرقىماسلىقى ئۈمىد، ئىشەنچ مۇقەددەسلىكىنىڭ يىمىرىلمەس ئۇچقۇنىنىڭ ئەتىكى جىلۋىسى بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ھېس قىلىشمىغانىدى. شۇنداق! ئەركىن، مۇقەددەس روھقا مەڭگۈ كىشەن سېلىپ بولغىلى بولمايدۇ. قەلب بوستانىدا يېنىۋاتقان مۇقەددەس پىكىرنى، روھنىڭ يېڭى ئىستەكلىرىنى ئۇجۇقتۇرۇشقا ئۇرۇنۇش ھاكىم مۇتلەقلىق بىلەن قاپلانغان ئاشۇ دەۋرلەردە ئەمدى تۈك چىقىرىۋاتقان بۈركۈتنىڭ قانىتىنى يۇلغانغا باراۋەر ئىش ئىدى. لېكىن، يۇلۇنغان قانات كېيىن بۇلۇتلار باغرىنى يارالايدىغان تېخىمۇ مۇستەھكەم تۆمۈر قاناتقا ئايلانغانىدى.

ھەرقانداق بىر مىللەتنىڭ ئىلغار ھاياتىي كۈچكە تولغان ئىلغار روھىمۇ، زەئىپ، چۈشكۈن روھىمۇ، شۇنىڭدەك ئىلغار ئەنئەنىسىمۇ، ھەم قالاق ئەنئەنىسىمۇ بولىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭمۇ شۇنداق، ئۇيغۇر خەلقىمۇ ئاشۇنداق قارىمۇقارشى روھلار كۈرىشى داۋامىدا بەزىدە غالىپ كەلدى ۋە بەزىدە چۈشكۈن، زەئىپ روھلار غالىپ كېلىپ، ئىلغار روھ چەتتە قىپقالدى ۋە بەزىدە خارلاندى.

بىز بۇنىڭدىن بۇرۇن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەھرىمانلىقى، جاپادىن قورقمايدىغانلىقى، ۋەتەنپەرۋەرلىكى، قۇربان بېرىش روھىغا بايلىقى، يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش روھىنىڭ يۇقىرىلىقى، مەرىپەتنى سۆيۈش قىزغىنلىقى، ھەققانىيەتنى ياقىلاش مەيدانى، ئەدەپ − ئەخلاق جەھەتتىكى ئۈستۈنلۈكى قاتارلىق ئىلغار مىللىي خاسلىقلىرىنى ئېغىزىمىز بېسىلماي تىلغا ئېلىپ ماختاپ كەلدۇق. بىراق، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىختا قانداق چوڭ سەۋەنلىكلەرنى ئۆتكۈزگەنلىكى، قانداق پسىخىك ئاجىزلىقلىرىنىڭ بارلىقى، ئىستىقبالىنى بەربات قىلىشقا سەۋەب بولغان قانداق ناچار ئىللەتلىرىنىڭ بولغانلىقى، تارىختىن بىزگە مىراس بولۇپ قالغان قانداق − قانداق ئىللەتلىرىمىزنىڭ يەنىلا ساقلىنىپ تۇرۇۋاتقانلىقى، ئۇنى قانداق قىلغاندا تۈگەتكىلى بولىدىغانلىقى ھەققىدە تېخى تولۇق، ئەتراپلىق ئىزدىنىشكە، تەجرىبە − ساۋاقلارنى يەكۈنلەشكە ئۈلگۈرۈپ بولالمىدۇق. بىراق، ھەرقايسى تارىخىي دەۋرنىڭ ئەڭ ئۇقۇمۇشلۇق شاھىتلىرى مىللەتنىڭ روھىدا ساقلانغان چىرىتكۈچى باكتىرىيىگە ئوخشاش يامان ناچار ئىللەتلەرنى يۈرەكلىك پاش قىلغان، شۇنداقلا ئۇنداق ناچار، يامان ئىللەتلەرگە قارشى رەھىمسىزلەرچە ئىسيان كۆتۈرۈپ، مىللەتنىڭ روھىنى ساپلاشتۇرۇش ئۈچۈن ناھايىتى زور ئەجىرلەرنى قىلغان، شۇنداق قىلىپ ئۇلار مىللەتنى خاراب قىلىدىغان، ھالاكىتىنى تېزلىتىدىغان يامان ئىللەتنىڭ زىيانكەشلىكىدىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ ئۈنۈملۈك چارە − تەدبىرلىرى ئۈستىدە بىر ئۆمۈر كۈرەش قىلىشقانىدى.

7 − ئەسىردىن بۇرۇنقى تارىخىي تەجرىبە − ساۋاقلارنى مۇپەسسەل ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن تارىخىي خاتىرىلەر ناھايىتى ئاز. «ئورقۇن مەڭگۈ تاش يادىكارلىقلىرى» ئۇيغۇرلارنىڭ كۆزلىرىگە قويغان دىئاگنوزنىڭ بىزگە مەلۇم بولغان ئەڭ قەدىمكى مەلۇماتى. مەڭگۈ تاش يادىكارلىقلىرىنىڭ ئاپتورلىرى كۆلتېكىن، بىلگە خاقان، تونيوقۇقلار ئۆز دەۋرىنىڭ مىلودىيىسىنى ئەڭ ياخشى چۈشەنگەن، ئۆزلىرىنى ئېتىراپ قىلىشقا جۈرئەت قىلالىغان گىگانت ۋەكىللىرى ۋە ئەزىمەتلىرى ئىدى.

قاراخانىيلار سۇلالىسى بولسا ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىدا سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت مۇنبىرىدە ئەڭ شانلىق سەھىپە ئاچقان پارلاق دەۋرى. شۇنداق گۈللەنگەن، تەرەققىي قىلغان تارىخىي باسقۇچتىمۇ دۆلەت، خەلقنىڭ ئوبرازىغا داغ چۈشۈرىدىغان زىيانلىق ئىللەتلەر باش كۆتۈرۈپ، دۆلەتنى خاراب قىلىش، ۋەتەننى مۇنقەرز قىلىش خەۋپىنى تۇغدۇرغان.

بۇنداق يامان كېسەلنى داۋالاشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئۆزىنىڭ مۇقەددەس مەسئۇلىيىتى دەپ بىلگەن يۈسۈپ خاس ھاجىپ باتۇرلار بېگىدەك قورقماس يۈرەك بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىپ، بىر تەرەپتىن جەمئىيەتتە باش كۆتۈرگەن ئىللەتلەرنىڭ ماھىيىتىنى، مەنبەسىنى، ئۇنىڭ ئاقىۋەتلىرىنى ئوچۇق ئوتتۇرىغا قويغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن مىللەتنىڭ بۇنداق چىرىتكۈچى مەرەز كېسەلنىڭ ئۈنۈملۈك رېتسېپىنىمۇ بايقاپ چىققان.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ خەلق ئىچىدىكى مەنىۋى بۇزۇلۇشقا، ئاق − قارىنىڭ ئارىلىشىپ كېتىپ بارغانلىقىغا، ھەق بىلەن ناھەقنىڭ ئاستىن − ئۈستۈن بولۇپ كېتىپ بارغانلىقىغا، ئەسلىدىكى پاك روھنىڭ شەخسىيەتچىلىك، تەمەخورلۇق، قۇلچىلىق بىلەن پەسكەسلىشىپ كېتىپ بارغانلىقىغا قاتتىق ئېچىنىدۇ. ئۇنىڭ ۋىجدانى ۋە خەلق ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتى بۇنداق نابۇت بولۇپ كېتىشكە يول قويمايدۇ. ئۇنىڭ پاك روھى دەھشەتلىك تىپىرلايدۇ، ۋىجدان تارىسى ئۇنىڭغا تېخىمۇ قاتتىق جاكا بېرىدۇ − دە، ھۆكۈمدارلارغا ۋە خەلقىگە ھەقلىق يوسۇندا مۇنداق مۇراجىئەت قىلىدۇ:

«ئەي ئالىم، بۈگۈنكى بۇ زامانىڭغا نەزەر سال! ھەممە ئىش − ئەمەللەر تامامەن باشقىچە بولۇپ كەتتى، بىلىملىكلەر خارلاندى، ئەقىللىقلار كېكەچ بولۇپ ئېغىز ئاچالماس بولۇپ قالدى. ئەلدە يارىماس كىشىلەر كۆپىيىپ كەتتى، ياۋاشلار ئازار يەپ بېشىنى كۆتۈرەلمىدى. قاراپ باققىن، مەي بىلەن يۈزىنى يۇيۇپ ناماز تاشلىغانلار مەرد، باتۇر ئاتالدى، پىتنە − پاسات قىلغۇچىلار ئەركەك سانالدى، مەي ئىچمەيدىغان ئوغلانلار خەسىس دەپ ئاتالدى. ئەلدە ھالا يوقالدى، ھەممىدە ھارام ئۈستۈنلۈكنى ئالدى، ھارام يېگۈچىلەرنىڭ كۆڭلىنى قارا كىر بېسىپ كەتتى، ھالالنىڭ نامىلا قالدى، ئۇنى كۆرگىنى بولمايدۇ، ھارام بولسا تالاشتا قالدى، ئۇنىڭغا ھېچكىم تويمىدى. قاراپ كۆر! دۇنيانىڭ قىلىقلىرى تامامەن باشقىچە بولۇپ كەتتى، كىشىلەرنىڭ كۆڭلى تىلىدىن باشقىچە بولۇپ كەتتى. خەلقتىن ۋاپا كېتىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا جاپا ئۈستۈنلۈكنى ئالدى. ئىشەنچلىك بىرەر ئادەمنىمۇ ئىزدەپ تاپقىلى بولمايدىغان بولۇپ كەتتى. قېرىنداشلار ئارىسىدا يېقىنلىق يىراقلاشتى، ياخشى دوستلارمۇ مېھرىبانلىقتىن كەچتى. كىچىكتە ئەدەپ قالمىدى، ئۇلۇغدا بىلىم سۇسلاشتى. قوپال − نادانلار كۆپىيىپ، سىلىقلار ئازايدى. كىشىلەر ئارىسىدىكى يېقىنلىق پەقەت پۇل ئۈچۈنلا بولدى، ھەقىقەت ئۈچۈن توغرا، ھەق ئىش قىلىدىغانلار قېنى؟ قېنى ياخشىلىققا دەۋەت قىلغۇچى كىشى، قېنى يامانلىقتىن توسقۇچى كىشى؟ سودىگەرلەر ئامانەت مەجبۇرىيىتىنى ئۇنۇتتى، ھۈنەرۋەن − ئۇستىلار نەسىھەتلىرىدىن ۋاز كەچتى. بىلىملىكلەر سۆزلىرىنى توغرا سۆزلىيەلمەيدىغان بولدى. خوتۇنلاردىن ھايا كۆتۈرۈلۈپ كەتتى. توغرىلىق يوقالدى، ئۇنىڭ ئورنىنى ئەگرىلىك ئىگىلىدى. كىشىلەرنىڭ ھەممىسى پۇلنىڭ قۇلى بولۇپ كەتتى، كىمدە پۇل بولسا شۇنىڭغا باش ئەگدى، مۇسۇلمانلار قارشىلىشىپ بىر − بىرىنىڭ گۆشىنى يېيىشمەكتە، كاپىرلار بولسا ھۇزۇر − ھالاۋەتتە ياشىماقتا. مۇسۇلمانلارنىڭ مال − دۇنياسى تالان − تاراج قىلىندى. ھارامنى ھالالدىن پەرقلەندۈرىدىغان كىشى قېنى؟ كۆر، پىتنە − پاسات شاۋقۇنى قىلچە ئۇخلاتمايدۇ، ئىلمى قۇرئان ئاۋازى قېنى، كۆڭۈل قاتتىقلاشتى، تىل يۇمشىدى، ھەقىقەتنىڭ ئۆزى يوقاپ كەتتى، پۇرقى قالدى. نەزەر سالغىن، ئاتىغا ئوغۇل دادىلىق قىلىۋاتىدۇ، ئوغۇل بەگ بولۇپ، ئاتا قۇل بولدى. كەمبەغەل، تۇل − يېتىملارغا شەپقەتچى يوق، جاھان ئاستىن − ئۈستۈن بولۇپ كەتتى. بۇنىڭغا ئەجەبلەنگۈچى قالمىدى. ئوغۇل − قىزلار ئاتا ھۆرمىتىنى تاشلىدى. <قېرى> دېگەن نام كىشى ئۈچۈن ھاقارەت بولۇپ قالدى. قانۇن − قائىدىلەر پۈتۈنلەي ئاستىن − ئۈستۈن بولۇپ كەتتى، ئاق بىلەن قارا ئارىلىشىپ كەتتى. بۇنىڭ ھەممىسى قىيامەت ئالامىتىدۇر، ئالامەت كۆرۈلسە كېلىدىغىنى كېلۇر. قۇدرەتلىك تەڭرىم ئىمانىمىزنى ساقلىسۇن، پىتنە، بالا − يامانلىقلارنى ئوتتۇرىدىن كۆتۈرسۇن.»

مانا بۇ فېئودالىزم تۈزۈمى ئاستىدا ياشاۋاتقان بىر گىگانت جەڭچىنىڭ ئىسيانى. بۇ قەتئىي ئىسيان بىلەن يۈسۈپ دارغا ئېسىلىشى مۇمكىن ئىدى. بىراق، شاھ ۋە دەۋر ئۇنىڭ ئىسيانىنى قوبۇل تاپتى. ھەققانىيەت ئۈستۈنلۈك قازاندى. شۇنىڭ بىلەن يۈسۈپ قاراخانىيلار دۆلىتىنىڭ شاھتىن قالسىلا ئەڭ ئالىي ھۆكۈمدارى − ئۇلۇغ خاس ھاجىپلىق شان − شەرىپى بىلەن تارتۇقلاندى.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئەينى دەۋردىكى خەتەرلىك مەنىۋى كېسەلنىڭ تۈپ يىلتىزىنى ئۈچ نۇقتىغا يىغىنچاقلاپ كۆرسەتكەن. بىرى، نادانلىق، ئىككىنچى، قانۇن − تۈزۈمنىڭ توغرا، ھەق بولماسلىقى، ئۈچۈنچى، ئىقتىسادىي جەھەتتىكى قىيىنچىلىق ۋە موھتاجلىق.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ يۇقىرىقى ئۇلۇغ بايقىشى بىلەن قانائەت قىلمايدۇ. ئۇ ئۆز دەۋرىدىكى مەنىۋى ئىللەتلەرنى داۋالاشنىڭ ئۇلۇغ مۇتەخەسسىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن خەلق ئارىسىدا ئەۋج قىلىشقا يۈز تۇتقان مەنىۋى ئىللەتلەرنى داۋالاشنىڭ ئۈنۈملۈك رېتسېپىنى ھەم كۆرسىتىپ بەرگەن.