بۈيۈك ئۇيغۇر ماتېماتىكى – مۇھەممەت مۇسا خارازىمى

بۈيۈك ئۇيغۇر ماتېماتىكى - مۇھەممەت مۇسا خارازىمى

مۇھەممەت مۇسا خارازىمى 780 – يىلى خارازىمنىڭ خىۋە شەھرىدە دۇنياغا كەلگەن.بۇ شەھەر كىيىنچە شەرقىي قارىخانىلار سۇلالىسىنىڭ تەۋەلىكىدە بولغان.
ئۇ ياش ۋاقتىدا خاقانىيە تىلى (ئۇيغۇر تىلى ) دىن باشقا ئەرەپ ، يۇنان ، پارىس ، ھىندى تىللىرىنىمۇ پىششىق ئۆگەنگەن . ھەمدە ماتېماتىكا ، ئاستۇرنومىيە ، جۇغراپىيە ، مىدىتسىنا ۋە تارىخ پەنلىرىنى ئالاھىدە بىرىلىپ تەتقىق قىلغان . كىيىن مەشھۇر ماتىماتىك بولۇپ يىتىلگەندىن كىيىن ئەينى چاغدىكى شەرىق مەدەنىيىتىنىڭ مەركىزى باغداتقا تەكلىپ قىلىنىپ ئابباسىلار خاندانلىقىنىڭ 5- خەلىپىسى بولغان ھارۇن رەشىدنىڭ ئوغلى خەلىپە مەئىمۇن رەشىدنىڭ سارىيىدا < ھىكمەت ئۆي > دەپ ئاتالغان كۇتۇپخانىدا كۇتۇپخانا رەئىسى بولۇپ ئىشلىگەن .

ئۇ ئاساسلىق ئەسەر ۋە تەتقىقاتىنى مۇشۇ يەردە ۋۇجۇتقا چىقارغان .
ئۇنىڭ بۇ يەردە تۇنجى يازغان ئەسىرى < تىرىگونۇمىتېرىك قىممەتلەر جەدىۋىلى > دۇر .
مۇسا خارازىمى ماتېماتىكىدىكى بىرىنچى ۋە ئىككىنچى دەرىجىلىك تەڭلىمىلەرنىڭ ئانالىتىك يىشىش ئۇسۇلىنى گېئومىتىرېيىلىك يىشىش ئۇسۇلىغا بىرلەشتۇرگەن تۇنجى ماتىماتىك . ئالگېبىرا ئىلمىنىڭ ئاساسچىسى ، ئۇنىڭ < ئالگىبېرا > دىگەن ئەسىرى دۇنيا ماتىماتىكا تارىخىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ .ئۇ يازغان < ئەلجەبىر ۋە مۇقابەلا > ( ئەزا يوتكەش ۋە ئوخشاش ئەزالارنى ئىخچاملاش ) ، < ھېساب ئىلمى > قاتارلىق ئەسەرلىرى شەرىق ئىلىدە ئۇزۇن بىر مەزگىل دەرىسلىك بولۇپ قوللىنىپلا قالماستىن ، 1140- يىلغا كەلگەندە لاتىنچىغا تەرجىمە قىلىنغاندىن كىيىن ( روبېرت تەرجىمە قىلغان ) باشقا ياۋرۇپا تىللىرىغىمۇ تەرجىمە قىلىنىپ ئۇزۇن مۇددەت يوۋرۇپالىقلارنىڭ ماتىماتىكا دەرىلىكى قىلىپ ئىشلىتىلگەن .
ماتېماتىكىنىڭ تارماقى < ئالگىبېرا > مۇ ئەل خارازىمىنىڭ تۆھپىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر .
مۇسا خارازىمى ئوتتۇرغا قۇيغان تەڭلىمە يىشىشتىكى < ئەزا يۆتكەش > ، < ئەسلىگە قايتۇرۇش > ئۇسۇللىرى ئۇنىڭ كىتابىدا < ئەلجەبىر > دەپ يىزىلغان بولسا ، يوۋرۇپالىقلار ئۇنى (Algebr)
دەپ تەرجىمە قىلغان . شۇنىڭدىن كىيىن بۇ پەن ئىسمى < ئالگىبېرا > دەپ تارقىلىپ مۇقۇملاشقان . دىمەك بۇ پەن ئىسمى ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن قويۇلغان ئىسىم !!
كومپىيوتېر بارلىققا كەلگەندىن كىيىن ، ھېسابلاش پىرۇگراممىسىنى تۇزۇشكە قوللىنىلدىغان پىروگرامما تىلىمۇ مۇشۇ ئالىمىمىزنىڭ نامى بىلەن < ئالگۇل تىلى > ( Algol تىلى ) دەپ ئاتالدى . چۇنكى بۇ ئالىمنىڭ لاتىنچىلاشتۇرۇلغان ئىسمى Alqaritmus بولىدۇ ، بۇ شۇ ئىسىمنىڭ قىسقارتىلمىسى!!
مۇسا خارازىمى ياشىغان دەۋىرلەردە ھىندىلارنىڭ ماتېماتىكا ۋە ئاستۇرنومىيىگە دائىر < سىند ھىند > دېگەن ئەسەر ئوتتۇرا شەرىقتە دەستۇر كىتاب ھېسابلىناتتى ، مۇسا خارازىمى بۇ ئەسەرنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا خاتالىق ۋە چۇشۇنۇكسىزلىك بارلىقىنى بايقاپ ، زور ئەجىر قىلىپ ئۇنى تۇزەپ توغرىلاپ ، چۇشىنىشلىك قىلىپ قايتا يىزىپ چىقىدۇ . بۇ ئەسەرگە يەنە يېڭى مەزمۇنلارنى قوشۇپ < يېڭى سىند ھىند > دېگەن ئوقۇشلۇقنى يىزىپ چىقىدۇ . بۇ ئەسەر ياۋرۇپا تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنغاندىن كىيىن ياۋرۇپالىقلارمۇ بۇ ئەسەردە قوللىنىلغان ئەسلى ھىندىلەردە بولغان 0 نى ئۆز ئىچىگە ئالغان رەقەم شەكلى ( 0 ، 1، 2، 3، 4، 5، 6، 7، 8، 9 ) بىلەن تونۇشۇپ ، ئۆزلىرى ئەسلى قوللىنىۋاتقان رىم رەقەملىرى ئورنىدا قوللانغان . ھەمدە بۇ ئەسەرنىڭ ئەرەپ تىلىدا يىزىلغىنىغا ئاساسەن ئۇنى < ئەرەب رەقىمى > دەپ ئاتاشقان .بۇ نام ھىلىمۇ شۇنداق ئاتالماقتا .
دىمەك : بۇ خىل ئەڭ مۇكەممەل ، قوللىنىشقا ئەپلىك بولغان رەقەم سىستېمىسىنىڭ ئەسلى ئىجاتچىسى ھىندىلار بولسىمۇ پۇتكۇل ئىلىم دۇنياسىغا تونۇتقان ۋە تاراتقان كىشى دەل ئۇيغۇر ماتېماتىكى مۇسا خارازىمى بولىدۇ !!
ئەرەپ ئالىملىرىدىن سارتۇن 9- ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يىرىمىنى < خارازىم دەۋرى > دەپ ئاتىغان ، شۇنداقلا < مۇسا خارازىم ئۆز دەۋرىنىڭ ئەڭ ئۇلۇق ماتېماتىكى ، شۇنداقلا ئەڭ ئۇلۇق ئالىمىدۇ > دەپ تەرىپلىگەن .
بۇيۇك ئۇيغۇر ئاتېماتىكى مۇسا خارازىمى 847 – يىلى ۋاپات بولغان . ئۇيغۇر خەلقى ئۇنى مەڭگۇ ياد ئىتىدۇ !
ئىلاۋە : بۇ بۇيۇك ماتېماتىكا ئالىمىمىزنىڭ مىللەت تەۋەلىكى ھەققىدە خەلىقئارادا نۇرغۇن ئىختىلاپ بار ، پۇتكۇل ئوتتۇرا ئاسىيە قەۋىملىرى ئۇنى تالىشىدۇ ، ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئەرەپ تىلىدا يىزىلغىنى ۋە ئەرەپ دۇنياسىدا ئىلىم تەھسىل قىلغىنى ئۇچۇن نۇرغۇن ماتېرىياللاردا ئەرەپ ماتېماتىكى -دەپ يىزىلغان.بۇ ھەقتە ئابلىز مۇسا سايرامى ئەپەندى نۇرغۇن تارىخىي پاكىتلارنى كۆرسۇتۇش نەتىجىسىدە ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئالىمى ئىكەنلىكىنى مۇئايەنلەشتۇرپ ئىلمىي ئەسەرلەرنى ئىلان قىلغان . شۇڭا بىز شۇنداق قارىشىمىز كىرەك : ئۇنىڭ ئۇيغۇر ماتىماتىكا تارىخىدىكى ئورنىنى ھەرگىزمۇ ئسانلىقچە باشقىلارغا ئۆتۇنۇپ بىرىشكە بولمايدۇ !

ئاپتۇرى: ئېنىق ئەمەس