ﻳﯩﭙﻪﻙ ﻳﻮﻟﯩﺪﯨﻦ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﻰ ﺋﻪﯕﮕﯜﺷﺘﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﺗﯧﭙﯩﯟﯨﻠﯩﺶ

ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن

1.كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن دۇنيا ۋە زامانىۋى ئەقىل

«غايە رېئاللىققا مۆكۈنگەن بولىدۇ ، غايە رىئاللىقنىڭ كۆچۈرمىسى ئەمەس، بەلىكى ئەقىل بىلەن كۆرۈلىدىغان، تەسەۋۋۇر بىلەن تەقلىد قىلىنىدىغان مەلۇم نەرسىنىڭ مۇمكىنلىكى.»-بېلىنىسكى
ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى بىلەن پەن – تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ بۈگۈنكى سەۋىيىسى ئىنسانىيەت تارىخى ئىككى مىڭ يىل ئىچىدە ئېرىشكەن ھەممە مەدەنىيەت سەمەرىلىرىنىڭ جەمئىيىتىدىن ئېشىپ كەتتى. مەدەنىيەت ئىنسانىيەتنىڭ (سىۋىلىزاتسىيە) – جەمئىيەت ۋە ئىچكى مۇناسىۋەتلىرى ئۈستىدىكى ئاڭ ۋە تىزگىنلەش ئىقتىدارى ساھەسىدە يېڭى بۇرلۇش دەۋرىنىڭ مۇقەرەرلىكلىرىنى پەيدا قىلدى. ئىنسانىيەت تەبىئەت – زېمىن ۋە ئالەم سەھنىسىدە ئۆز قۇدرىتىنى كۆرسىتىپ قالماستىن، يەنە ئۆز – ئۆزىنى بىلىش، تىزگىنلەش، ئىنسانىيەتنىڭ ھەر قايسى تۈركۈملىرى – دۆلەت، رايون، مىللەتلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى ئاقىلانە، گارمونىك يېڭى رېلىسىغا كىرگۈزۈش جەھەتتىمۇ ئۆز مۇمكىنلىكلىرىنى رېئاللاشتۇرۇشقا يۈزلەندى. ئىلىم – پەن مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى مۇھىتىنى بۇلغاش، دۈشمەنلىكىنى كۈچەيتىش، ھەربىي ئەسلەھەلەر مۇسابىقىلىرىنى ئاشۇرۇش، ئۇرۇش ۋە ئىجتىمائىي ئاپەتلەرگە ھېرىسمەنلىك قىلىش قاتارلىقلارغا قارىتىش، قىسقىسى مەدەنىيەت ( كۈلتۈر ) بىلەن مەرىپەت تېخنىكا بىلەن ئاقىلانە ئاڭ ئارىسىدىكى كەسكىن زىدىيەتلەر ئورنىغا، ئۇلار ئارىسىدىكى يېڭىچە تەپەككۇر ۋە راتسىئونال مەرىپەتنى يېتەكچى قىلغان گارمونىك بىردەكلىكنى دەسسىتىش تارىخنىڭ ماھىيەتلىك جەريانىغا ئايلانماقتا.
شۇنى ئايرىم كۆرسىتىش ھاجەتكى، بۈگۈنكى تارىخ ئادەتتىكى كالېندار تەرتىپى بويىچە 19- ئەسىرنىڭ 20- ئەسىرگە ئالمىششىدىن ئىبارەت مىقدار قىممىتىنى كۆرسىتىش بىلەن ئەمەس، شۇنىڭدەك، پەن – تېخنكا تەرەققىياتىنىڭ يېڭى تېزلىكى ئاساسىدا، ئۇچۇر ئىلمى ۋە پەن – تېخنىكىنىڭ سېستېمىلىرى ۋە قۇرۇلمىلىرى ساھەسىدىكى كۈنتەرتىپلەر قىممىتىنى كۆرسىتىش بىلەنمۇ ئەمەس، مۇھىمى، پۈتۈن پەن- مەدەنىيەت ۋاستىلىرىنىڭ سۇبىكتىپ مەقسىتى بولغان ئىنسانىيەتنىڭ ئاقىلانە- مەرىپەتتىن ئىبارەت يېڭى سۈپەتتىكى تاكاممۇللنىش دەرىجىسى بويىچە ئىزاھلىنىشى لازىم، تارىخ پەن- تېخىنىكا ۋاستىلرىنى ئىشقا سىلىپ، ياتلاشقان ئىنساننى تىخىمۇ ياتلاشتۇرۇش، ئۇنىڭ بەختسىزلىك سەۋەبلىرى ۋە شارائىتىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇش، ئىجتىمائىي ۋە روھى پاجىئەلەرنى پەن تېخنىكا ۋاستىلىرى ۋە ئەسەبىي تەنتەك ۋەھىمىلەر بىلەن تېخىمۇ كۈچەيتىش، مەدەنىيەت ئېرىشكەن تېخىمۇ ئېلېكتىرونلۇق ۋە ئىنفورماتسىيىلىك « گۈرزە » ۋە « سېھرىيئالخىميە » لەر ئارقىلىق، ئىنسانىيەتنىڭ ئەقىل ۋە قەلبىنى تېخىمۇ دەپسەندە قىلىشقا خاتىمە بېرىدىغان مىسلىسىز زور ئەقىل -ئاڭ ئويغىنىشىنىڭ مۇقەددىمىسىنى باشلىدى. مانا بۇ ھازىرقى زامان تەرەققىياتىنىڭ تارىخى ماھىيىتى، تارىخى خاراكتېرىستىكىسى !
بىز كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن دۇنيا دېگەندە، دەل مۇشۇ ماھىيەت، دەل مۇشۇ خاراكتېرىستىكىنى نەزەردە تۇتىمىز .
زامانىۋىي ئەقىل دېگەندە، ئىككى قاتلاملىق مەنىنى ئاڭقىرالايمىز. بىرىنچىسى، زامانىۋى ئەقىل- زامانىۋى ئاڭ بولۇپ، ئاڭنىڭ ھازىرقى زامان شەكلىنى نەزەردە تۇتىمىز. بۇ رېئاللىقنىڭ ھازىرقى زامان ئىنسانىيىتى مېڭىسىدىكى ئىنكاسى، زامانغا لايىق ھەر خىل ئاڭ شەكىللىرى ۋە سەۋۋيىسىنى كۆرسىتىدۇ. ئىككىنچىسى، ھازىرقى مەرىپەتكە خاس ئاقىلانە (راتسىئونال ) تەپەككۇر باسقۇچىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ دېگەنلىك، مەلۇم ئەسىردىن ئىبارەت ئەسىر خاراكتېرلىك، كالېندار خاراكتىرلىك ئاڭ شەكلىدىن پەرقلىق بولغان پۈتكۈل تارىخىي خاراكتېرلىك، سۈپەت خاراكتېرلىك، ئىنساننىڭ ئۆز- ئۆزىنى قايتا تېپىۋېلىشى خاراكتېرلىك ئەقىل دېگەنلىكتۇر. بىز تۆۋەندە شۇ مەنىدىكى زامانىۋىي ئەقىل توغرىسىدا توختىلىمىز.
ھازىرقى زامان ئەقلىي مەدەنىيەت بىلەن مەرىپەتنىڭ، جۈزئىي ئىنسان گۇرۇھى بىلەن پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ، مەقسەت بىلەن ۋاستىنىڭ، ئۆتمۈش بىلەن كەلگۈسىنىڭ مۇناسىۋىتىنى تۇغرا ھەل قىلىشقا يۈزلەنگەن ئاڭدىن ئىبارەت. ئۇ ئىنسانىيەتنىڭ تاكاممۇللىنىش يولىدىكى غايەت زور قەدەم .
ھازىرقى زامان ئەقلى تەرەققىي قىلغان مەملىكەتلەر بولسۇن، تەرەققىي قىلىۋاتقان مەملىكەتلەر بولسۇن، ھازىرقى زامان سەۋىيىسىدىن تولىمۇ يىراقتا قالغان مىللەتلەر بولسۇن ، ئۇلارنىڭ رېئال تۇرمۇشى ۋە كەلگۈسىگە ئېنتىلىشلىرىگە كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتمەكتە، تارىختا بولۇپ ئۆتكەن مىللىي ئويغىنىش، مەدەنىيەت ئويغىنىشى، مەرىپەتچىلىك دەۋرى، پەن – تېخنىكا ئىنقىلابلىرىدىن پەرقلىق ھالدا، ھازىرقى ئىدېئولوگىيىلىك ئىنقىلابىي ئويغىنىش ئۇچۇر دەۋرىگە خاس ئالەمشۇمۇل، پۈتكۈل ئىنسانىيەت خاراكتېرى ئالغان. ئۇ ھەم مەھەللىۋى ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە، ھەم مەھەللىۋى چەكلىمىلەر بىلەن چەكلەنمىگەن. ھەر قانداق تەرەققىيپەرۋەر، ھەر قانداق ئىلىم – مەدەنىيەتپەرۋەر، ھەر قانداق ۋەتەنپەرۋەر ۋە ئىنسانپەرۋەر زامانىۋى ئاڭ ئويغىنىشىغا يىتەرلىك پائالىيەتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشى كېرەك. ئۇنداق بولمىغاندا ئۇ ھازىرقى زامەن تارىخنىڭ تۈپ يۆنىلىش ئۇرغىلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان، دەۋر ئېقىمىدىن ئارقىدا قالغان بولىدۇ. بۇ ئەستايىدىل ئويلىنىشقا تېگىشلىك تۈپمەسىلە، تارىختا ھەر قېتىملىق ئاڭ ئىنقىلابى ۋە مەدەنىيەت ئويغىنىشلىرىغا قارشى مەيداندا تۇرغانلىقلىرى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ تارىخى خاراكتىرىسكىسىغا مۇتەئەسسىپلىك ئالامەتلىرىنى مۇقۇملاشتۇرىۋالغان مەشھۇر نوپۇز ئىگىلىرى بولۇپ ئۆتكەن. بۇ ئۇلارنىڭ بىلىملىرىنىڭ ئەينى زامان سەۋىيىسىدىن كەملىكى تۈپەيلى ئەمەس، بەلكى ئەقىل – پاراسەت ۋە ئالدى كۆرۈش، تەپەككۇر ئىقتىدارىنىڭ كەملىكى، قاتماللىقى سەۋەبىدىن شۇنداق بولغان. قەدىمكى كۈسەن بۇددا مۇتەپەككۇرى كومراجىۋا بۇددىزمدا ھىنايا مەززىپىدىن ماھايا مەززىپىگە بۇرالغاندا، ئۇنىڭ كۈسەندىكى ئۇستازى بوتۇشما ناملىق مەشھۇر ئالىم قارشى چىققان، كومراجىۋانىڭ كەشمىردىكى ھىنايا بويىچە تەلىم بەرگەن ئۇستازى پانتودادۇ كۈسەنگە كىلىپ ئۆز ئوقۇغۇچىسىنىڭ تەسىرىدە ماھايانا قاراشلىرىنى قوبۇل قىلىپ، بۇددا ئىسلاھاتىغا قاتنىشىپ زور شۆھرەت قازانغان .بۇ ئۇنڭ ئاقىلانىلىقىنى كۆرسەتكەن. چۈنكى « بىلىمبولغانلىق ئەقىللىق بولغانلىق ئەمەس» ( گراكلىت ) . «كىشىلەر ئۆزىنى قەدىرلىشى، ئۆزىنىڭ ئەڭ يۈكسەك نەرسىگە مۇناسىپ ئىكەنلىكىنى بىلىشى لازىم » ( گېگېل)

2. يىپەك يولى ۋە ئۇنىڭ قايتا جانلىنىشى

بىزنىڭ مەنپەئەتلىرىمىزنى ھەمراھلىرىمىزنىڭ مەنپەئەتلىرىدىن ئايرىپ تاشلايىدىغان ئەخلاق ساختا ۋە مەنىسىز ئەخلاقتۇر. ــــ گولباخ
«يىپەك يولى» ئىبارىسى بۈگۈنكى كۈندە ئەڭ يۇقىرى ۋە ئەڭ كەڭ مەنىدە ئىنسانىيەتنىڭ شەرقى ۋە غەربىي قىسىملىرى بىر- بىرى بىلەن قوشۇلغان، ئىنسانىيەتنىڭ ئۆز- ئۆزىنى ئىزدەش تارىخىدا ئالاھىدە بىر قاتلام بىلىش ۋە مەدەنىيەت بەرپا قىلغان ئەڭ زور قۇرۇقلۇق بەلۋېغى مەنىسىدە مۇجەسسەم ئىبارە بولۇپ قوللىنىلماقتا. ئۇ ئىلگىرىكى «ئاتلىقلار مەدەنىيىتى» يولى، «ياۋرو – ئاسىيا مىللەتلەر كۆچۈش يولى»، «قەدىمكى كارۋان يولى»، «ئۇيغۇر – سوغدى يولى» دىگەن مەنىدىكى قىممەت كاتىگورىيىسىدىن ئېشىپ كەتتى، يىپەك يولى ھەقىقەتەن يىپەك يولىنى تۇتاشتۇردى. يىپەك يولىغا خاس سېنكىرىتىك مەدىنىيەت ئالامەتلىرىنى شەكىللەندۇردى، يىپەك يولى مەركىزى قىسمى رايونلىرىنى، بولۇپمۇ شىنجاڭ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن ئۇنڭغا ئالاقىدار مۇڭغۇل- قىپچاق دالالىرىنى دۇنياۋى ئالاقىگە ئېلىپ كىردى. يىپەك يولى ئوتتۇرا- مەركىزى ئاسىيا كۆچمە چارۋىچىلىرى ئارىسىدىكى بىر قەدەر ئالدىغا كەتكەن ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ ئولتۇراقلىشىشى، بوستان، شەھەر -قەلئە ھاياتىغا كىرىشى، خەلقئارا سۇدىغا قەدەم قويۇشى ئارىئان تۈركىي خەلقلەر ئارىسىدا يازما مەدەنىيەت، كلاسسىك ئەدەبىيات ۋە كلاسسىك مۇقامچىلىقتا، جۈملىدىن خەلقئارا تەرجىمە شەرھىچىلىكتە ئالدىغا كېتىشىگە سالماقلىق تەسىر كۆرسەتتى. ئۇيغۇرلار تەسىرىدە ئوتتۇرا ۋە مەركىزى ئاسىيادىكى باشقا خەلقلەر مىڭلىغان يىللار مابەينىدە تەدرىجى يوسۇندا ئۇلار بىسىپ ئۆتكەن مەدەنىيەت باسقۇچلىرىغا قەدەم قويۇشقا باشلىدى. بۇ ئاددىي ساۋات بولۇپ قالغان تارىخىي پاكىتتىن ئىبارەت .
يىپەك يولى تاۋار ئىگىلىكى بويىچە شەرق ۋە غەرىپ ئارىسىدىكى ئەڭ چوڭ قانال سۈپىتىدە ئەڭ كەم دىگەندىمۇ ئىسكەندەرنىڭ شەرققە يۈرۈشى، جاڭ چىيەننىڭ غەربىي دىيارغا كېلىشىدىن تاكى ماركاپولونىڭ جۇڭگوغا قىلغان سەپىرىگىچە 17 ئەسىردىن ئارتۇق داۋام قىلدى. دېڭىز- ئوكيان قاتنىشىنىڭ راۋاجلىنىشى، جۇغراپىيىلىك كەشپىياتلار، ياۋروپا مەدەنىيەت ئويغىنىشى بىلەن تەدرىجىي چوڭ قۇرۇقلۇق قاتنىشى مەھەلىۋىي تۈسكە، بېكىنمىلىك ھالەتكە كىرىپ قالدى. نەتىجىدە يىپەك يولى خارابلىققا، تارىخىي ئۆتمۈشنىڭ ئەسلىمىلىرىدىن بىرىگە ئايلىنىپ قالدى.
يىپەك يولىنىڭ گۈللىنىش ۋە خارابلىنىش تارىخى بىزگە بىر قاتار قىممەتلىك ھەقىقەتلەرنى ئېچىپ بېرىدۇ. ئۇنىڭ ئەڭ مۇھىمى يىپەك يولى ئالاقىلىرى ئېچىۋىتىشنىڭ بىكىنمىلىككە زىت ھالدا شىنجاڭ جەمئىيىتى تەقدىرىگە بىۋاستە، بىر قانچە تىل- يېزىق، بىر قانچە دىنىي مەدەنىيەت، بىر قانچە مەدەنىيەت تىپلىرىنىڭ ئۆز- ئارا ئۇچرىشىپ، سېنتىزلىنىشى، ئاجايىپ بۇددىزىم كېمىر سەنئىتى، چالغۇ- مۇزىكىلار مۆجىزىلىرى، يىپەك يولى تېماتىكىسى ۋە دىتاللىرى بىلەن تويۇندۇرۇلغان كلاسسىك ئەدەبىيات ۋە تەرجىمە شۇناسلىق مۇۋاپپەققىيەتلىرى، ئىلىم-پەن، شىپاگەرلىك، بىناكارلىق، نەققاشلىق ئۇتۇقلىرى يىپەك يولى راۋان ئېقىمى بىلەن مەھەللىۋى مۇنبەت تۇپراق ئاساسىدا مەيدانغا كەلگەن ئالەمگە مەشھۇر بولغان ئۇيغۇر (جۈملىدىن ئۇيغۇرلاشقان سوغدى، توققۇز چاۋۇپ) سودىگەرلىرى يىپەك يولىنى ئېچىش، يىپەك يولى گۈل- چېچەكلىرىنى سۇغىرىش، يىپەك يولى شەھەر- راباتلىرىنى ئاۋاتلاشتۇرۇشتا دېئىمىي باغۋەنلىك خىزمىتىنى كۆرسەتكەن. ئۇلارسىز پادىشاھ سەركەردىلەر، راھىب- ساياھەتچىلەرنىڭ ناگان – ناگاندىكى سەپەرلىرى مۇنداق زېمىن ئۈستىدىكى «سامانيولى» نى دائىمىي راۋان ھالەتكە كەلتۈرەلمىگەن بولاتتى. تاۋار مەنپەئەتلىرى مەدەنىيەت ئېقىمىنى ئۆركەشكە كەلتۈرۈپ تۇرىدىغان يالقۇنلۇق قۇدرەت سۈپىتىدە يىپەك يولىغا ھايات بېغىشلىغانلىقى سىر ئەمەس. شىنجاڭلىقلار، ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلار بېكىنمىلىك ئاسارىتىدە ھەتتا يىپەك يولىنىڭ مىڭلىغان يىللارنى ئاتلاپ گۈللەنگەن ئاۋات مەنزىرىسىنى ئۇنتۇپ كەتكەن. ئۆزىنىڭ ئاجايىپ مەدەنىيەت ئىختىرا قىلىش ئىقتىدارى بىلەن ياراتقان شانلىق تۆھپىلىرىنى ئۇنتۇپ كەتكەن، ئىقتىسادىي تۇرغۇنلۇق، نامراتلىق، مەنىۋىي نادانلىق، خۇراپاتلىق، روھىي كىساللىكلەر ئىچىگە تېرەن چۆكۈپ قالغان. بۇ ھالەت گويا ئەلمىساقتىن شۇنداق دېگەندەك ئۆزىنى بىلمەسلىك دەرىجىسىگە يەتكەن. يىپەك يولى گۈللەنگەن دەۋرگە سېلىشتۇرغاندا ئۇيغۇرلار ياتلىشىپ كەتكەن. قەدىمكىگرېك – رىم ۋە قەندىھار مەدەنىيەتلىرى بىلەن ھۆسىن تالاشقان شىنجاڭ مەدەنىيىتى خارابىلىرى ئۇنىڭ ئېچىنىشلىق ئىپادىلىرىدىن بىرى. ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ بۈگۈنكى تەرەققىياتى، پەن -تېخنىكا، تاۋار- قاتناش، مەدەنىيەت- مەرىپەتنىڭ يېڭى يۈزلىنىشى «يىپەك يولىنى قايتا ئېچىش» شۇئارىنى بارلىققا كەلتۈردى. ئامېرىكا- ياپونىيە مالىيە گۇرۇھلىرى يىپەك يولى بويلاپ دۇنياۋى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول قۇرۇشنى پىلانلىدى، ئەمدى ئىنسانىيەت ئۈچۈن ئۆز دىققەت نەزىرىنى يېڭى ئېچىلغان ئامېرىكا ۋە ئاۋستىرالىيە قىتئەلىرىگە مەركەزلەشتۈرۈش، دېڭىز – ئوكيان قاتنىشىنى قۇرۇقلۇق قاتنىشىدىن قۇلاي كۆرۈش دەۋرى ئۆتۈپ كەتتى. ئىنسانىيەت زېمىننى، ئۇنىڭ ئاتموسفىرا بوشلۇقى، دېڭىز- ئوكيانلىرى، تاغ- داۋانلىرىنى ئومۇميۈزلۈك بوسۇندۇرۇش دەۋرىگە كىرىپ كەلدى. يىپەك يولى قايتا جانلىنىش دەۋرىگە قەدەم قويدى. بۇ ھال يىپەك يولى ھەققىدە ئەقلىي- تارىخىي قاراشنى تىكلەپ، مىللىتىمىز يۈزلىنىۋاتقان يېڭى گۈللىنىش ئىستىقبالىنى ئالدىن كۆرۈپ، رىقابەتكە تولغان، تۈرلۈك مەدەنىيەت ۋە تەپەككۇر تىپلىرى ئۆز- ئارا سۈركىلىشىۋاتقان بۈگۈنكى دەۋردە مۇنەۋۋەر ئەنئەنە ۋە ھاياتى ئىقتىدارىمىزنى جارى قىلىپ، يېڭى قىياپەت بىلەن دۇنياغا يۈزلىنىشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ.

ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئەسەرلىرى – 2 (ئۇيغۇرلاردا ئىسلام مەدەنىيىتى) ناملىق كىتابتىن ئېلىندى