تۈركى تىللار دىۋانى» ۋە «قۇتادغۇ بىلىك»نىڭ كەچۈرمىشلىرى

يولۋاس مۇھەممەتئىمىن

تارىخى، ئىجتىمائىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئەجداتلىرىمىز تەرىپىدىن ھەر قايسى تارىخىي زامانلاردا يارىتىلغان قىممەتلىك مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ نۇرغۇنلىرى يوقىلىپ كەتتى، تالان- تاراجقا ئۇچرىدى. ئېچىنىشلىق ھالدا ۋەيران قىلىۋېتىلدى. نەتىجىدە تارىخ ۋە مەدەنىيىتىمىزنى تەتقىق قىلىشتا زور دەرىجىدە ئۈزۈكچىلىك پەيدا بولۇپ، تارىخ كەچمىشلىرىنىڭ يارقىن سېيمالىرى خۇنىكلىشىپ كەتتى. باشقىلار ئۆز ئاتا- بوۋىلىرىنىڭ ياراتقان مەدەنىيەت مىراسلىرى بىلەن پەخىرلىنىپ، ئۆزلىرىنى ئىنسانىيەت مەدەنىيەتلىرىنىڭ سەرخىللىرى ھېسابلىشىپ، مەيدىسىنى كۆتۈرۈپ يۈرگىئى خېلى ئۇزاق زامانلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت تارىخى باشقىلار نىمە دېسە شۇ بولۇپ، دۇنيانىڭ نەزىرىدىن يىراقتا قېلىۋەردى. پەقەت تارىخ چاقى چۆرگىلەپ ⅧⅩ ئەسىرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىگە كەلگەندە ئۇيغۇرلارنىڭ يىراق ئۆتمۈشلىرىگە تەۋە قىممەتلىك مەدەنىي مىراسلار ئارقا- ئارقىدىن ئاشكارلىنىشقا باشلىدى. بولۇپمۇ بۇ مەزگىللەردە ئەڭ مۇكەممەل يازما يادىكارلىقلىرىمىزدىن بولغان «تۈركى تىللار دىۋانى» ۋە «قۇتادغۇبىلىك» تىن ئىبارەت ئىككى شاھانە ئەسەرنىڭ تېپىلىشى ئۇيغۇر مەدەنىيەت تەتقىقاتىدىكى قارا تۇمانلارنى سۈپۈرۈپ تاشلىدى. قىسقىسى، بۇ ئىككى قامۇسنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيەت، تارىخ تەتقىقاتىنى تېخىمۇ يۈكسەلدۈرۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتىنى خەلقئاراغا تونۇتۇشقا، ئۇيغۇرلار مەدەنىيەت، تارخ تەتقىقاتىنىڭ يېڭى سەھپىسىنى ئېچىشقا ئاچقۇچلۇق رول ئوينىدى دېيىشكە تامامەن ھەقلىقمىز.

تۆۋەندە قاراخانىيلار سۇلالىسى دەۋرىدە مەيدانغا كەلگەن ئىككى پارچە نامايەندە خاراكتېرلىك شاھنامە مىراس «تۈركىي تىلار دىۋانى» ۋە «قۇداتغۇبىلىك» تىن ئىبارەت ئۇلۇغ يازما يادىكارلىقلىرىمىزنىڭ يوقىلىپ كەتكەن ۋاقىتتىن تاكى قولىمىزغا قايتىپ كەلگەندە قەدەر بولغان توققۇز ئەسىردىن كۆپرەك جەرياندىكى ساقلىنىش، كۆچۈرۈلۈش، تەتقىق قىلىنىش قاتارلىق ئەگرى- توقاي سەرگۈزەشتىلىرى توغرىسىدا كىتابخانلار بىلەن ئورتاقلىشىپ ئۆتىمىز.

ئىنسىكلوپىدىيىلىك ئەسەر«تۈركىي تىللار دىۋانى»

ئۇلۇغ ئالىم، تىلشۇناس مەھمۇد بىننى ھۈسەيىن قەشقەرى Ⅺ-ئەسىرنىڭ 20-يىللىرى قەدىمكى يېپەك يولىدىكى مۇھىم شەھەرلەرنىڭ بىرى بولغان قارا خانىلار سۇلالىسىنىڭ يازلىق پايتەختى قەشقەردە دۇنياغا كۆز ئاچقان. ئۇنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى قارا خانىلار سۇلالىسىنىڭ خاقانلىرىدىن ئىدى. ئۇ سۇلتان سۇتۇق بۇغراخاننىڭ 11-ئەۋلادى ھېسابلىنىدۇ. مەھمۇد قەشقەرىنىڭ بالىلىق چاغلىرى قارا خانىلار سۇلالىسىنىڭ دۆلەت تۈزۈمى زەئىپلىشىپ، ئوردىنىڭ ئىچكى قىسىمىدىكى ھوقۇق تالىشىش زىدىيەتلىرى ۋە ئەتراپتىكى ئەللەر بىلەن بولغان نىزالار ئەۋجىگە چىققان مۇرەككەپ ئىجتىمائىي مۇھىتقا توغرا كەلگەنىدى. بۇ خىل مۇھىت مەھمۇد قەشقەرىنىڭ گۆدەك قەلبىدە چوڭقۇر جاراھەتلەرنى قالدۇرغان بولسا، ئۇنىڭ خاراكتېرى جەھەتتىن قەيسەر، تىرىشچان، ئىرادىلىك بولۇپ چىقىشى ئۈچۈنمۇ مۇئەييەن دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتمەي قالمىدى. ئۇ قارا خانىلار سۇلالىسىنىڭ ھاكىميەت ھوقۇقىغا ۋارىسلىق قىلىش ئالدىدىكى قرانلىق مەزگىلىدە، يەنى مىلادىيە 1058-يىلى ھۈسەيىننىڭ ئوردىسىدا قانلىق سىياسىي ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، ھۈسەيىننىڭ جەمەتىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك قىرىپ تاشلاندى. شۇ قېتىملىق ئوردا سىياسىي ئۆزگىرىشىدە ئامان قالغان مەھمۇد قەشقەرى ئوردىدىن مەخپىي ئايرىلىپ ياقا-يۇرتلاردا بىر مەزگىل پاناھلىنىشقا مەجبۇر بولىدۇ. مەھمۇد قەشقەرى بۇ جەرياندا ئىلى دەريا ۋادىسى، سىر دەريا ۋادىسى ۋە ئوغۇز (دەريايى جەيھۇن) دەريا ۋادىلىرىدا ياشايدىغان تۈرك، تۈركمەن، ئوغۇز، چىگىل، ياغما، قىرغىز قاتارلىق تۈركلەر زىمىنىنى ئايلىنىپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ مەدەنيەت مەركەزلىرىنىڭ بىرى بولغان بۇخاراغا بارىدۇ.

مۇھەممەت بىننى ھۈسەيىن ئوغلى مەھمۇد قەشقەرى كىچىكىدىن تارتىپلا قارا خانىلار سۇلالىسىدىكى ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدىن بولغان «مەدرىسەئى ھامىدىيە» ۋە «مەدرىسەئى ساچىيە»لەردە داڭلىق ئۇستازلارنىڭ تەربىيلىشى بىلەن ھەممىدىن خەۋەردار ياراملىق تالىپلاردىن بولۇپ يېتىشىپ چىقانلىقى سەۋەبلىك، ئۇنىڭ كەڭ تۈرك زىمىنلىرىدىكى يىگانە پائالىيەتلىرى ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك ئۆتىدۇ. ئۇ بارغانلىكى يېرىدە بىر مەزگىل تۇرۇپ، شۇ جايدا ياشاۋاتقان ئۇلۇسلارغا مۇناسىۋەتلىك كۆپ تەرەپلىمىلىك ماتېرىياللارنى توپلايدۇ. 40 ياشقا قەدەم بېسىش ھارپىسىدا سودىگەرلەرگە ئەگىشىپ بۇخارادىن سالجۇق تۈركلىرى ھامىيلىقىدىكى باغدادقا بارىدۇ ھەمدە ئۆزىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا توپلىغان ماتېرىياللىرى ئاساسىدا مەشھۇر قامۇس «تۈركىي تىللار دىۋانى»نى يېزىشقا كىرىشىدۇ.

مەھمۇد قەشقەرى «تۈركى تىللار دىۋانى»نى مىلادىيە 1074-يىلى باغدادتا يېزىپ تاماملايدۇ ھەمدە ئەسەرگە ئۆزىنىڭ قايسى يۇرتقا مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن تەخەللۇسىغا «قەشقەرى» دېگەن نامنى قوللىنىشنى زۆرۈر كۆرىدۇ (ئەسەرنىڭ ئەرەب تىلى بىلەن يېزىلىشى ئالىمنىڭ ئۆز ئانا يۇرتىنىڭ نامىنى تەخەللۇس قىلىپ تاللىشىغا سەۋەپ بولغان بولۇشى مۇمكىن). ئەسەر مىلادىيە 1074-يىل 2-ئايدا يېزىلىپ تاماملانغاندىن كېيىن، دەمەشىقلىق مۇھەممەت ئىبنى ئەبۇ بەكىر ئىبىن ئەبىلپەتىھ بۇ كىتابنى ئەسلى نۇسخىسىدىن ھىجىرىيە 464-يىلى شەۋۋال ئېيىنىڭ 27-كۈنى قايتا كۆچۈرۈپ چىقىدۇ. مەھمۇد قەشقەرى ھىجىرىيە 464-يىلىدىن 466-يىلىغىچە (مىلادى 1074-1073) تەھرىرلەپ قايتا تولۇقلاپ، ھىجىرىيە 467-يىلى (مىلادىيە 1075-يىلى) بۇ قىممەتلىك ئەسەرنى ئابباسىيلار سۇلالىسىنىڭ 27-خەلىپىسى، ھاشىمىيلار ئۇرۇقىدىن بولغان خەلىپە مۇھەممەت ئوغلى ئوبۇلقاسىم ئابدۇللا مۇقتەدى بى ئەمرۇللا ھەزىرەتكە تەقدىم قىلىدۇ.

ئالىمنىڭ ئۆز قەلبىگە پۈككەن ئۇلۇغ ئارزۇ-ئارمانلىرى رېئاللىققا ئايلىنىدۇ. بىراق، ئۇنىڭ قەلبىدىكى ئانا يۇرتقا بولغان سېغىنىش ئوتى بارغانسېرى يالقۇنجاپ، ھىجىرىيە 472-يىلى (مىلادىيە 1080-يىلى) ئايرىلغىنىغا 30 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت بولغان ئانا يۇرتى قەشقەرگە قايتىپ كېلىدۇ. ئۇ قەشقەرگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، كىندىك قېنى تۆكۈلگەن تۇپراق ئوپالنىڭ ئازىخ دېگەن يېرىدە «مەدرىسەئى مەھمۇدىيە» نامدىكى مەدرىسەنى قۇرۇپ، «ھەزىرىتى موللام» (بىلىمگە ھۆددىگەر پىرىم) دېگەن نامدا ئۆزى مۇدەرىسلىك قىلىدۇ. سەككىز يىل مۇدەرىسلىك قىلغاندىن كېيىن، مىلادىيە 1105-يىللىرى ئەتراپىدا ۋاپات بولىدۇ.

مەھمۇد قەشقەرى باغدادتىن قايتىپ كېلىپ ئۇزاق ئۆتمەستىن ئەرەب زىمىنلىرىنى ئۇرۇش تۇمانلىرى قاپلاشقا باشلىغانىدى. شۇ يىللاردىكى ئۇرۇشتا خەلىپە مۇقتەدىنىڭ ئوردىسى كۆيۈپ كۈلگە ئايلىنىدۇ. ئوردا كۈتۈپخانىسىدىكى نۇرغۇنلىغان قىممەتلىك كىتابلارمۇ كۆيۈپ كەتكەن بولۇپ، شۇ قېتىم كۈتۈپخانىدا ساقلىنىۋاتقان «تۈركىي تىللار دىۋانى» نىڭ كۆيۈپ كەتكەنلىكىنى ياكى باشقىلار تەرپىدىن ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ. ئارىدىن 100 يىل ئۆتۈپ كېتىدۇ. بۇ جەرياندا يوقالغان كىتابلارنىڭ بىر قىسىمى كىشلەرنىڭ قوللىرىدا پەيدا بولۇشقا باشلايدۇ. ئەمما «تۈركىي تىللار دىۋانى»نىڭ نەدىلىكىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ. ئەجەبا بۇ قىممەتلىك قامۇس ئەنە شۇنداقلا ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەنمىدۇ؟ مەھمۇد قەشقەرنىڭ قان-تەرى سىڭگەن بۇ ئەسەر شۇنداقلا يوققا چىقارمۇ؟ ئەرەب زىمىنىدا ھېچكىممۇ بۇ قىممەتلىك ئەسەرنىڭ دېرىكىنى قىلىپ باقمايدۇ. ئەمما، ئۇرۇش ئوتلىرى خەلىپىنىڭ ئوردىسىنى كۆيدۈرۈپ تاشلىيالىغىنى بىلەن، بۇ ئېسىل ئەسەرنى كۆيدۈرۈپ تاشلىيالمىغانىدى. ئۇرۇش مالمانچىلىقىدا ئوردىدىكىلەر ئۆز جانلىرىنى ساقلاپ قېلىشنىڭ ئامالىنى قىلىشىۋاتقاندا، مۇقتەدىنىڭ ئوردىسىدا تەلىم ئېلىۋاتقان نامەلۇم بىر تالىپە ۋەيران بولۇپ كېتىۋاتقان ئوردا كۈتۈبخانىسى ئىچىدىن بىر نەچچە پارچە قىممەتلىك كىتابنى ئېلىپ چىقىپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ قولىدىكى كىتابلارنىڭ ئارىسىدا مەشھۇر قامۇس «تۈركىي تىللار دىۋانى»نىڭمۇ بارلىقىنى ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ كىشى بىلمەيدۇ.

تارىخ چاقى مىلادىيە 1200-يىلىنىڭ سۈبھىسىگە قەدەم قويغان كۈنلەرنىڭ بىرىدە باغداد كوچىسىدا چاچلىرى چۇۋۇلغان، جۇلدۇر كېپەن بىر قېرى تىلەمچى ئايال پەيدا بولۇپ قالىدۇ. ئۇ بىر كۈنى ھېچكىمگە پەرۋا قىلماستىن شەھەرنىڭ ئوتتۇرسىدىكى شاھ ئوردىسىغا قاراپ ماڭىدۇ. ئازراقمۇ ئەيمەنمەستىن پادىشاھنىڭ ئوردىسىغا قاراپ كېلىۋاتقان بۇ جۇلدۇر كېپەن تىلەمچىنى كۆرگەن ئىشىك باقارلار ئۇنى قىلىچ-نەيزىلىرى بىلەن توسۇۋېلىپ، نەدىن كەلگەنلىكىنى، پادىشاھقا ئېيتىدىغان قانداق ئەرز-دادىنىڭ بارلىقىنى سورايدۇ. ئۇلار بۇ تىلەمچى ئايالنىڭ شاھ ئالىيلىرىغا ئاتاپ بىر قىممەتلىك سوۋغا ئەكەلگەنلىكىنى، ئۇنى پادىشاھقا ئۆز قولى بىلەن تاپشۇرۇپ بەرمەكتىن باشقا ھېچقانداق ئەرز-دادىنىڭ يوقلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، ئەھۋالنى پادىشاھقا دەرھال مەلۇم قىلىدۇ. پادىشاھ تىلەمچىنىڭ ئوردىغا كىرىشىگە ئىجازەت قىلىدۇ. بۇ جۇلدۇر كېپەن بىچارىنىڭ ئەجەبا ماڭا بەرگۈدەك قىممەتلىك قانداق نەرسىسى باردۇ؟ ياكى ئۇ ماڭا قەست قىلىشقا كىرگەن پىرخونمىدۇ؟ تىلەمچىنىڭ تەقى-تۇرقىنى كۆرگەن پادىشاھ دەمال گاڭگىراپ قالىدۇ. بۇ قېرى تىلەمچى پادىشاھنىڭ ئالدىدا يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ تەزىم بەجا كەلتۈرگەندىن كېيىن، قولىدىكى بوخچىنى ئاۋايلاپ يېشىپ، بوخچىغا ئوراپ نەچچە ئون يىل ساقلاپ يۈرگەن بىر پارچە كىتابنى ئېلىپ پادىشاھقا ئىككى قوللاپ سۇنىدۇ. بۇ چوڭ ھەم نەپىس ئىشلەنگەن كىتابنىڭ ئەرەب تىلى بىلەن يېزىلغان «تۈركىي تىللار دىۋانى» ئىكەنلىكىنى كۆرگەن ئابباسىيلار سۇلالىسىنىڭ 34-ۋارىسى خەلىپە ئەل ناسىر ئىنتايىن رازىمەنلىك بىلەن تىلەمچى ئايالغا كۆپ تارتۇقلارنى بېرىپ يولغا سالىدۇ. بۇ مىلادىيە 1225-يىللىرىغا توغرا كېلەتتى.

خەلىپە ئەل ناسىر (مىلادىيە 1225-1180) بۇ كىتابنىڭ بىباھا، تېپىلغۇسىز كىتاب ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ، دەرھال ئوردا پۈتۈكچىلىرىنى تەشكىللەپ قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا 10 نەچچە پارچە كۆچۈرتكۈزىدۇ ھەمدە ئۇنى ئوردا كۈتۈبخانىسىدا قەدىرلەپ ساقلاشقا بۇيرۇشتىن سىرت، باغدادتىكى مۇھىم مەكتەپلەردە دەرسلىك سۈپىتىدە پايدىلىنىشقا ئىجازەت بېرىدۇ. خەلىپە ئەل ناسىر ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىنمۇ بۇ كىتاب بىر نەچچە زامان باغداد شەھىرىدىكى مۇھىم مەدرىسلەرنىڭ قىممەتلىك ئوقۇشلۇقى سۈپىتىدە ئەتىۋارلىنىپ كېلىدۇ. ئەپسۇس، خىرىستىئان قىساسچىلىرىدىن تەشكىللەنگەن ئەھلى سەلىپ (كرېست قوشۇن) ئىككىنچى قېتىم شەرققە يۈرۈش قىلىپ، ئەرەب زىمىنلىرىنى يەنە بىر قېتىم خانىۋەيرانچىلىققا دۇچار قىلىدۇ. ئاشۇ مالىمانچىلىقتا «تۈركىي تىللار دىۋانى» يەنە بىر قېتىم دېڭىزغا تاش چۆككەندەك يەر يۈزىدىن غايىب بولۇپ كېتىدۇ. ئالتە ئەسىر ئۆتۈپ كەتكۈچە بۇ كىتابنىڭ ئىز-دېرىكىمۇ بولمايدۇ. كىشىلەر قەدىمكى كىتاب خاتىرىلىرىدىن مەھمۇد قەشقەرى ئىسىملىك بىر تۈرك ئالىمنىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى» ناملىق بىر مەشھۇر ئەسەر يازغانلىقىنى بىلىشىدۇ. ئەمما، ھېچكىممۇ بۇنداق كىتابنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈش ئارزۇسىغا يېتەلمەيدۇ.

بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە تۈركىيىنىڭ ئىستانبول شەھىرى ئېغىر بومباردىمانغا ئۇچرايدۇ. بىر پاي زەمبىرەك ئوقى ئاقسۆڭەك دىيار بەكرى جەمەتىدىن بولغان بىر كىتابپۇرۇچنىڭ ئۆگزىسىدە پارتلاپ، ئۇلارنىڭ ئەل ئىمىر نامىدىكى مەشھۇر كۈتۈبخانىسىنى ۋەيران قىلىۋېتىدۇ. كىشلەر كىتاب دۆۋىلىرى ئارىسىدىن ئۆزلىرى كۆرۈپ چۈشىنەلمەيدىغان، ئەمما ئىنتايىن نەپىس ئىشلەنگەن بىر دىۋاننى بايقاپ قالىدۇ. بۇ ئەسلىدە «تۈركىي تىللار دىۋانى»نىڭ شۇ كەمگىچە ساقلىنىپ قالغان بىردىنبىر نۇسخىسى بولۇپ، ئوسمان تۈرك ئىمپېرىيسىنىڭ ۋەزىرلىرىدىن بىرى بولغان نازىپ بىينىڭ ئائىلە-تاۋابئاتىدىن بولغان بىر ئايال ئائىلىسىدە ئۇزاق يىل تەۋەرۈك سۈپىتىدە ساقلاپ، كېيىنچە تۇرمۇش ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن دىيار بەكرى جەمەتىنىڭ ئەل ئىمىر كۈتۈبخانىسىغا رەنىگە قويغان قوليازما نۇسخىسى ئىدى. ئەل ئىمىر كۈتۈبخانىسىنىڭ ۋەيران بولغانلىقىنى ئاڭلىغان مەشھۇر تىلشۇناس كىل سىلى رىفئەت ئەپەندى دەرھال كۈتۈبخانىغا كېلىپ (ھىجىرىيە 1335-يىلى، مىلادىيە 1914-يىلى) بۇ كىتابنى باشقىلاردىن سېتىۋالىدۇ. ئۇ ئۈچ يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ بۇ تەڭداشسىز مىراسنى ئۈچ تومغا ئايرىپ، 1917-يىلى ئەسلىي نامى بويىچە ئىستانبۇلدا مىخ مەتبەئەدە نەشىر قىلدۇرىدۇ. شۇنىڭدىن ئىتىبارەن بۇ كىتاب دۇنيادىكى ھەر مىللەت تۈركولوگلارنىڭ دىققىتىنى جەلىپ قىلىشقا باشلايدۇ. دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئالىملار بۇ كىتاب توغرىسىدا تۈركچە، نېمىسچە، ئىنگىلىزچە، رۇسچە، ۋېنگر تىللاردا كىتاب ۋە ماقالىلەرنى ئېلان قىلىدۇ. گېرمانىيىلىك «تۈركىي تىللار دىۋانى» تەتقىقاتى بىلەن ئەڭ كۆپ شۇغۇللانغان ئالىم، سام تىللىرى مۇتەخەسىسى كارىل.برىككىلىمان 1928-يىلى «تۈركىي تىللار دىۋانى»نىڭ نېمىسچە ئېلىپبە تەرتىپى بويىچە ئىشلەپ چىققان ئىندېكىسىنى ئېلان قىلىدۇ.

ئەمەليەتتە دۇنيانى زىلزىلىگە سالغان بۇ مەشھۇر قامۇسنى چۈشىنىشكە بولغان ئىنتىلىش ⅩⅩ-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىغا كەلگەندە ئاندىن ھەل قىلىندۇ. تۈركىيلىك داڭلىق تىلشۇناس بېسىم ئاتالاي 21 يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، كىل سىلى رىفئەتنىڭ ئىستانبول مىخ مەتبەئە نەشىرىگە ئاساسەن 1941-يىلى «تۈركىي تىللار دىۋانى»نىڭ ئۈچ توملۇق تۈركچە تەرجىمىسىنى نەشر قىلدۇرغاندىن باشقا، يەنە بۇ كىتابنىڭ فاكسىمىل (فوتو سۈرەت نۇسخىسى) نۇسخىسىنىمۇ نەشر قىلدۇرىدۇ.

1960-يىلى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۆزبېك ئالىمى، تىلشۇناس سالىھ مۇتەللىپوپ «تۈركىي تىللار دىۋانى»نى تۈركچىدىن ئۆزبېكچىگە تەرجىمە قىلىپ نەشر قىلدۇرىدۇ. 1955-يىلى قەشقەردە ئاكا-ئۇكا مۇھەممەت پەيزى بىلەن مەرھۇم ئەھمەد زىيائى ئەپەندى بىرلىشىپ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا تەرجىمە قىلغان بىرىنچى ئورىگىنالى قولدىن چىققان، ئەمما نەشىر قىلىنماسلىقى توغرىسىدىكى سەۋەبلەر تېخى ئېنىق ئەمەس.

1963-1966-يىللىرى ئۇيغۇر سايرانى تەرپىدىن بۇ كىتابنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى ئىككىنچى تەرجىمىسى ئىشلەنگەن، ئەمما سولچىل خاتا ئىدىينىڭ تەسىرىدىن نەشىر قىلىنماي نابۇت بولۇپ كەتكەن.

1980-يىلىنىڭ بېشىدا دۆلىتىمىز ھەر مىللەت تىلشۇناس، مۇتەخەسىس، ئالىملاردىن كۈچ تەشكىللەپ، ئىنىسىكلوپىدىيلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان بۇ قىممەتلىك يازما يادىكارلىقنىڭ ۋەتىنىمىزنىڭ مەدەنيەت، تارىخ تەتقىقاتىدىكى يۈكسەك ئورنىنى تولۇق ئېتىبارغا ئېلىپ، ئۇيغۇر ئالىملىرىدىن موللا ئابدىلھىمىت ھاجى يۈسۈفى، ئابدۇرېھىم تىلەشېۋ ئۆتكۈر ئەپەندى، تىلشۇناس ئىبراھىم مۇتئى ئەپەندى، مەدەنيەت-تارىخ تەتقىقاتچىسى ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندى، ئابدۇسالام ئابباس ئەپەندى، تىلشۇناس مىرسۇلتان ئوسمانوف ئەپەندى، سابىت روزى ئەپەندى قاتارلىق كىشىلەرنىڭ جاپالىق ئەجىر سىڭدۈرۈشى بىلەن «تۈركىي تىللار دىۋانى»نىڭ 1941-يىلى بېسىم ئاتالاي تەرپىدىن ئەنقەرەدە نەشر قىلدۇرۇلغان فوتو سۈرەت نۇسخىسى ئاساسىدا نەشرىگە تەييارلىنىپ، 1981-يىلىدىن 1984-يىلىغىچە ھەممە قىسىمى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا ئۇيغۇر دىيارى خەلق نەشرىياتى تەرپىدىن ئارقا-ئارقىدىن نەشر قىلدۇرۇلۇپ، كەڭ كىتابخانلار بىلەن يۈز كۆرۈشكەن. مانا بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئەجدادلىرى ياراتقان قىممەتلىك ئەسەر «تۈركىي تىللار دىۋانى»نى ئاشكارا كۆرۈشكە مۇشەرەپ بولغان ۋاقتىدۇر. بۇ كىتاب 2002-يىلى خەنزۇتىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ نەشر قىلىندى.

«تۈركىي تىللار دىۋانى» مەزمۇن جەھەتتىن تىلشۇناسلىق، ئەدەبىيات-سەنئەت ۋە فولكلور، مەدەنيەت، تارىخ، ئارخېئولوگىيە، دىن، توپونومىيە-يەر ناملىرى، سوتسىئولوگىيە، ئېتنوگرافىيە، پەلسەپە، جۇغراپىيە، تىبابەتچىلىك ۋە ئېكولوگىيە جەھەتلەرگە چېتىلدىغان قامۇسى ئەسەر بولۇپ، دۇنيا لۇغەتچىلىك تارىخىدا ھازىرغىچە كۆرۈلۈپ باقمىغان يۇقىرى سەنئەت ماھارىتى بىلەن، سۆزلۈكلەرگە ئورگانىك بىرلەشتۈرۈش ئاساسىدا «تۈركىي تىللار دىۋانى»غا 242 كۇپلېت شېئىر-قوشاق، 300 پارچىدىن ئارتۇق ماقال-تەمسىلنى ۋە ھېكىمەتلىك سۆزلەرنى كىرگۈزۈپ، تۈرك قەبىلىلىرىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان 7500 دىن ئارتۇق سۆزلەرنى ئىخچام، ئوبرازلىق جۈملىلەر ئارقىلىق فونىتىكىلىق، گرامماتىكىلىق قانۇنيەتلەر ئاساسىدا چۈشەندۈرۈپ ئۆتكەن.

مانا بۇ ئۇيغۇرلارغا مەنسۇپ بولغان شاھانە قامۇسنىڭ كەچۈرمىشلىرىدۇر.

دىداكتىك داستان «قۇتادغۇبىلىك»

ئۇلۇغ بوۋىمىز يۈسۈپ خاس ھاجىپ قالدۇرۇپ كەتكەن دۇنياۋى شۆھرەتكە ئىگە شەرقتىكى ئەبەدىيلىك ئەسەر «قۇتادغۇبىلىك» (بەخت ئاتا قىلغۇچى بىلىم) ئۇيغۇرلارنىڭ قاراخانىيلار سۇلالىسى دەۋرىگە مەنسۇپ بولغان يەنە بىر قىممەتلىك يازما يادىكارلىقلارنىڭ بىرىدۇر. مۇكەممەل يېزىلغان بۇ شېئىرىي داستاندا قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ ماددى، مەنىۋىي قىياپىتى ئوبرازلىق سۈرەتلەپ بېرىلگەن بولۇپ، مىللەتنىڭ مەدەنىيەت،تارىخ تەتقىقاتىدا تۇتقان ئورنى ئىنتايىن مۇھىم بولۇپلا قالماستىن، دۇنيا شەرق كلاسسىك ئەدەبىياتى تەتقىقاتىدىمۇ ناھايىتى يوقىرى ئورۇننى تۇتۇپ كەلمەكتە.
«قۇتادغۇبىلىك» نىڭ مۇئەللىپى يۈسۈپ خاس ھاجىپ مىلادىيە 1018- قاراخانىيلار سۇلالىنىڭ قىشلىق پايتەختى بالاساغۇن (قوزئوردا) دا، ئوردىنىڭ تەجرىبىلىك، بىلىملىك پۈتۈكچىلىرىدىن بولغان رەيھانىدىن ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەنلىكىنى مەلۇم (يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ دادىسى توغرىسىدىكى قاراشنى ئابدۇرېھىم سابىت ئەپەندى 1998-يىلى قەشەردە ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك مەمىلكەتلىك «قۇتادغۇبىلىك»ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئوقۇغان ماقالىسىدە بىرىنچى قېتىم ئوتتۇرىغا قويغان. ئا). ئوردا سىياسىي ئۆزگىرىشىدە رەيھانىدىن ئائىلىسى تۆھمەتكە ئۇچراپ ۋەيران بولغان. يۈسۈپ خاس ھاجىپ كىچىكىدىن باشلاپلا بالاساغۇندىكى مۇھىم مەدرىسەلەردە ئەرەب تىلى، پارس تىلى، سوغدى تىلى قاتارلىقلارنى پىششىق ئۆگىنىپلا قالماي، يەنە نۇرغۇنلىغان تەبىئەت ۋە ئىجتىمائىيەتكە مۇناسىۋەتلىك ئىلىملەرنى ئۆگەنگەن. ئۇ مىلادىيە 1075-يىللىرى بالاساغۇندىكى ئوردىدا يۈز بەرگەن قانلىق سىياسىي ئۆزگىرىشتە ئۇنىڭ ئاتا-ئانىلىرى تۆھمەتكە ئۇچراپ ئۆلۈپ، ئائىلىسى ۋەيران بولغاندىن كېيىن قەشقەرگە كېلشكە مەجبۇر بولغان. مىلادىيە 1070-يىلى (ھىجرىيە 462-يىلى) 18 ئاي ۋاقىت سەرپ قىلىپ 13 مىڭ 290 مىسرالىق دىداكتىك داستان «قۇتادغۇبىلىك»نى يېرىپ تاماملاپ، بۇ كىتابنى قاراخانىيلارنىڭ ھۆكۈمدارى ئەبۇ ئەلى ھەسەن بىننى سۇلايمان بۇغراخانغا مىلادىيە 1074يىلى سوۋغا قىلغان. ھەسەن بۇغراخان ئەسەرنىڭ شەرىپىگە مۇئەللىپكە «خاس ھاجىپ» لىق ئونۋانىنى بەرگەن. ئالىم مىلادىيە 1085-يىلى 68 يېشىدا قەشقەردە ئالەمدىن ئۆتكەن.
مەزكۇر داستان مەزمۇنىنىڭ موللىقى، تىلىنىڭ گۈزەللىكى، پەلسەپىۋى پىكىرلەرنىڭ ئۆتكۈرلۈكى، غايىۋىلىك جەھەتتىكى ئىلغارلىقى، بەدىئىي ئالاھىدىلىك جەھەتتىكى ئۆزگىچىلىكى بىلەن ئۆز زامانىسىدىن باشلاپلا ھەرقايسى ئەللەرگە تارقىلىپ «ئەدەبۇل مۈلىك» (شاھلارنىڭ ئەدەپ-قائىدىلىرى)، «ئاينۇل مەملىكە» (مەمىلكەتنىڭ دەستۇرى)، «زىننەتۇل ئومرا» (ئەمىرلەر زىننىئىتى)، «شاھنامەئى تۈرك» (تۈرك شاھلىرى دەستۇرى)، «پەندى نامەئى مۈلىك» پادىشاھلارغا نەسىھەت)، «قۇتادغۇبىلىك» (بەخىت كەلتۈرگۈچى بىلىم) (بۇلارنىڭ ھەممىس تۈركىي تىللىق خەلقلەر زېمىنلىرىدا بېرىلگەن ھەر خىل ناملار. ئا.) دېگەنگە ئوخشاش ھەر خىل ناملار بىلەن ئاتىلىپ، بىباھا گۆھەر سۈپىتىدە قەدىرلىنىپ كەلگەن. ئالىم ئۆز كىتابى ئۈستىدە توختالغاندا ئىنتايىن زور ئىشەنچ بىلەن يازغان تۆۋەندىكى بېيىتلارمۇ بۇ ئەسەرنىڭ قىممىتىنى نامايەن قىلىپ بېرەلەيدۇ.

پۈتۈن تۈرك، چىن، شەرق ئېلىدە دېمەك،
بۇنىڭدەك كىتاب يوق جاھاندا بۆلەك.
بۇنىڭدەك كىتابنى كىم ئېيتقان ئاۋۋال،
كېيىن كىممۇ ئېيتار بۇنىڭدەكنى دەل؟
كىم ئولسا بۇنىڭدەكنى يازارمۇ قېنى؟
يازىچى بار بولسا، مەن ماختاي ئۇنى.

دېمىسىمۇ، تا بۈگۈنگە قەدەر شۇ دەۋرلەردە مەيلى ئەرەب، مەيلى پارس ياكى ھىندىستان، جۇڭگولاردا بولسۇن، ھېچكىمنىڭ «قۇتادغۇبىلىك»كە ئوخشاش بۇنداق مەشھۇر ئەسەرنى يېزىپ باققانلىقىدىن خەۋەرسىز تۇرۇپتىمىز ھەم بۇ كىتاب ئالىم ئۆزى ئېيتقاندەك ئۇلۇغ كىتابلاردىن بولمىغان بولسا ئىدى، ئۇنىڭدىن ئاز كەم 1000 يىلغىچە يوقالماي ساقلىنىپ كېلىشىمۇ ھەم مۇمكىن بولمىغان بولاتتى.

تا ھازىرغا قەدەر بۇ ئەسەرنىڭ قايسى يىلى، نېمە سەۋەبلەر بىلەن قەشقەر تەۋەلىكىدىن چىقىپ كەتكەنلىكى توغرىسىدا ئېنىق ئۇچۇر يوق. بۇ ئەسەرنىڭ ھازىرغىچە بىزگە ئۈچ خىل نۇسخىسى يېتىپ كەلدى. بىرىنچى خىل نۇسخا، يەنى ۋېنا نۇسخىسى، بۇ قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدا كۆچۈرۈلگەن نۇسخا بولۇپ، ئاۋىستىرىيىنىڭ پايتەختى ۋېنادىن تېپىلغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق ئاتالغان. بۇ ئا نۇسخىدۇر.

ئىككىنچى خىلى قاھىرە نۇسخىسى بولۇپ، 5400 بېيىتتە پۈتۈلگەن مىسىر پايتەختى قاھىرەدىكى «ھىدىۋ» (ھازىرقى قىرال) كۈتۈبخانىسىدىن بايقالغانلىقىدىن شۇنداق ئاتالغان. بۇ ب نۇسخىدۇر. ئۈچىنچى خىلى پەرغانە نۇسخىسى بولۇپ، ھازىرقى ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ پەرغانە ۋىلايىتى تەۋەسىدىكى نەمەنگاندىن (نەمەنگان نۇسخىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) تېپىلغانلىقتىن پەرغانە نۇسخىسى دەپ ئاتالغان، 6095 بېيىتتە پۈتۈلگەن. بۇ ئەسەرنىڭ چ نۇسخىسىدۇر. ئەسەرنىڭب،چ نۇسخىلىرى تۆمۈرىيلەر دەۋردىكى چاغاتاي تىلىدا يېزىلغان. ئەسەرنىڭ تىل تەۋەلىكى ۋە دەسلەپكى قېتىمقى ئاشكارىلىنىشىدىن قارىغاندا، بۇ ئەسەر تۆمۈرىيلەر دەۋرىدە چەتئەللىكلەر تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلگەن بولۇشى مۇمكىن، دەپ پەرەز قىلىشقا بولىدۇ.

«قۇتادغۇبىلىك»نىڭ ۋېنا نۇسخىسى مىلادىيە 1439-يىلى ئافغانىستاننىڭ ھېرات شەھىرىدە ھەسەن قارا سايىل شەمسى دېگەن كىشى تەرپىدىن قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا كۆچۈرۈلگەن. شۇڭا، بۇ نۇسخا يەنە ھېرات نۇسخىسى دەپمۇ ئاتىلدۇ. مىلادىيە 1474-يىلى تۈركىيىنىڭ ئىستانبول شەھىرىگە كەلتۈرۈلگەن، كېيىن ئاۋىستىرىيىلىك شەرقشۇناس ھاممىر پورگىشتال تەرپىدىن سېتىۋېلىنىپ، ئاۋىستىرىيىنىڭ ۋېنا شەھىرىدىكى ئوردا كۈتۈبخانىسىغا قۇيۇلغان. مىلادىيە 1796-يىلى ھاممىر پورگىشتال تەرپىدىن تۇنجى قېتىم دۇنياغا ئاشكارىلانغان.

پەرغانە نۇسخىسىنى تۇنجى قېتىم تاتار ئالىمى زەكى ۋەلىد مىلادىيە 1914-يىلى پەرغانىنىڭ نەمەنگان شەھىرىدىكى مۇھەممەت ھاجى ئىشان لالەرىش دېگەن كىشىنىڭ شەخشى كۈتۈبخانىسىدىن بايقاپ، بۇ توغرۇلۇق ئۇچۇر بەرگەن. مىلادىيە 1224-يىلى ئۆزبېك ئالىمى پىترەت بۇ نۇسخىنى قولغا چۈشۈرۈپ، ئەسەر توغرىسىدا ماقالە يازغان.

قاھىرە نۇسخىسىنى تۇنجى بولۇپ مەشھۇر رۇس ئالىمى رادلوف مىلادىيە 1910-يىلى بايقىغان. ئۇ ئەسەرنىڭ ۋېنا نۇسخىسى بىلەن قاھىرە نۇسخىسىنى سېلىشتۇرۇپ، ئەسەرنىڭ ترانسىكرىپسيىسى بىلەن نېمىسچە تەرجىمىسىنى نەشر قىلدۇرغان.

«قۇتادغۇبىلىك» توغرىسىدىكى تەتقىقاتلار ياۋروپادا XX- ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن باشلاپ قىزىق تېمىغا ئايلانغان. مىلادىيە 1827-يىلى فىرانسىيىلىك زھانبىرت.ئامبىدى تۇنجى قېتىم مەتبۇئاتتا «قۇتادغۇبىلىك» توغرىسىدىكى ماقالىسىنى ئېلان قىلغان ۋە بۇ كىتابنىڭ مەزمۇنلىرىدىن قىسمەن بۆلەكلەرنى نەشر قىلدۇرغان. 1870-يىلى ۋېنگىرىيە ئالىمى ھېرمان ۋامبىرى «قۇتادغۇبىلىك»نى تەتقىق قىلىپ، ئۇنىڭ 1000 بېيىتىنى ترانسىكرىپسىيىلەشتۈرۈپ، «ئۇيغۇر ئابىدىلىرى» دېگەن نامدا نېمىسچە نەشر ئىشلىگەن ۋە مەخسۇس لۇغەت تۈزگەن. 1890-يىلى رۇس شەرقشۇناسى رادلوف ۋامبىرى تەتقىقاتنى راۋاجلاندۇرۇپ، 20 يىل ۋاقىت سەرپ قىلىش نەتىجىسىدە ئەسەرنىڭ ئەرەب تىلىدىكى نۇسخىلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئۇيغۇر يېزىقىدا ترانسىكرىپسىيە قىلىپ، ئىككى توملۇق كىتابچە قىلىپ نەشر قىلدۇرغان. بۇنىڭغا ئۇلاپلا ئۇ يەنە 1943-يىلى «قۇتادغۇبىلىك»نىڭ مانجۇچە تەرجىمىسىنى ئىستانبۇلدا نەشر قىلدۇرغان. 1928-يىلى ئۆزبېك ئالىمى پىترەت پەرغانە نۇسخىسىنىڭ ئايرىم بۆلەكلىرىنى زۆرۈر ئىزاھاتلىرى بىلەن تاشكەنتتە ئۆزبېك تىلىدا نەشر قىلدۇرغان.

«قۇتادغۇبىلىك»نىڭ ھازىرقى ئەڭ مۇكەممەل نۇسخىسىنى 1947-يىلى مەشھۇر تۈرك ئالىمى، تىلشۇناس رەشىت رەھمىتى ئارات (1900-1964) داستاننىڭ ئۈچ خىل نۇسخىسىنى ئۈچ يىل سېلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، بىر-بىرىگە كىرىشتۈرۈپ تولۇقلاپ، 13 مىڭ 290 مىسرالىق تولۇق تېكىستىنى نەشر قىلدۇرۇش بىلەن ئەمەلگە ئاشقان. 1957-يىلى كىتابنىڭ تۈركچە نۇسخىلىرى ئەنقەرەدە ئىككى قېتىم نەشر قىلدۇرۇلغان. 1972-يىلى ئۆزبېك ئالىمى قەيۇم كەرىموف داستاننىڭ پەرغانە نۇسخىسى بويىچە ئۆزبېكچە نەسرىي تەۋسىپىنى تاشكەنتتە نەشر قىلدۇرغان. 1979-يىلى ئېلىمىزنىڭ مەشھۇر تۈركولوگ، ئالىملىرىدىن گېڭ شىمىن ئەپەندى بىلەن ۋېي سۈييى خانىملار بىرلىشىپ داستاننىڭ قىسمەن بۆلەكلىرىنى خەنزۇتىلىغا تەرجىمە قىلىپ، ئۇيغۇر دىيارى خەلق نەشرىياتىدا نەشر قىلدۇرغان. 1983-يىلى ئامېرىكا چىكاگو دارىلفۇنۇننىڭ شەرقشۇناس پروفېسورى روبرىت.دانكوپ داستاننى سۆز بېشى ۋە ئىزاھاتلىرى بىلەن ئىنگىلىز تىلىغا تەرجىمە قىلىپ ئېلان قىلغان. كىتابنىڭ باھاسى ئامېرىكىدا 100 دوللاردىن ئېشىپ كەتكەن. 1980-يىلى 8-ئايدا ئۇيغۇر دىيارى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىمىنوپ ھامۇت مەسئۇللۇقىدا «قۇتادغۇبىلىك» تەرجىمە تەھرىر ھەيئىتى قۇرۇلۇپ، «قۇتادغۇبىلىك»نىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى نەزمىي يەشمىسى مەرھۇم ئابدۇرېھىم تىلەشېۋ ئۆتكۈر ئەپەندى، مەرھۇم ئەھمەد زىيائى ئەپەندى، مەرھۇم مەمتىمىن يۈسۈپ ئەپەندىلەرنىڭ ئەجىر قىلىشى بىلەن 1985-يىلى 5-ئايدا مىللەتلەر نەشرىياتى تەرپىدىن تۇنجى قېتىم نەشر قىلىندى. 1986-يىلى مىللەتلەر نەشرىياتى تەرپىدىن يەنە خاۋگۈئەنجۇڭ، جاڭ خوڭچاۋ ۋە ليۇبىنلارنىڭ خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلغان نۇسخىسى نەشر قىلىندى. 1991-يىلى ئالىملىرىمىزدىن ئابدۇشۈكۈر تۇردى، قادىر ئەكبەرلەر تەييارلىغان نەسرىي يەشمىسى مىللەتلەر نەشرىياتىدا نەشر قىلىندى.1992-يىلى تۇرغۇنباي قىلىچبىك، نۇرۇز ھۈسەن ئالىيلارنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى نەزمىي يەشمىسىدىن قىرغىزچە نەسىرىي شەكىلىگە ئۆرۈگەن تەرجىمە نۇسخىلىرى ئۇيغۇر دىيارى خەلق نەشرىياتى تەرپىدىن نەشر قىلىندى.

شاھانە ئەسەر «قۇتادغۇبىلىك»نىڭ ھازىرغا قەدەر ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ ھەر قايسى دۆلەت ئالىملىرى تەرپىدىن تەتقىق قىلىنىپ، تەرجىمە قىلىنىپ، تۈركچە، ئۆزبېكچە، قازاقچە، مانجۇچە، قىرغىزچە، رۇسچە، نېمىسچە، ئىنگىلىزچە تىللاردىكى تولۇق تەرجىمىلىرى، ئوكرائىنچە، ياپونچە تولۇق بولمىغان تەرجىمىلىرى ئىشلىنىپ دۇنياغا كەڭ تارقالدى، شۇنىڭدەك بۇ داستان ئۆز نۆۋىتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنيەت تارىخىنى خەلقئارا ئورۇنغا كۆتۈرۈشتە غايەت زور رول ئوينىدى. ھازىرغا قەدەر «قۇتادغۇبىلىك» توغرىسىدا بىر قېتىم خەلقئارالىق، ئۈچ قېتىم مەملىكەتلىك مەخسۇس ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى.

مەشھۇر يازما يادىكارلىق «قۇتادغۇبىلىك» مەزمۇن جەھەتتىن ئىلىمنىڭ ھەممە ساھەسىگىچە چېتىلغان شېئىرىي تىلدىكى داستان بولۇپ، ئەسەرنىڭ مەزمۇنى ئاسترونومىيە، تەبىئەت پەلسەپەسى، ئالگېبىرا، گېئومېتىرىيە، قانۇن-سىياسەت، ئىقتىسادشۇناسلىق، ئەلنى ئىدارە قىلىش، ئەدەبىيات-سەنئەت، پىسخولوگىيە، پىداگوگىكا، ئىستىلىستىكا، ئائىلە-نىكاھ، ئاممىۋى مۇناسىۋەت، ئەدەپ-ئەخلاق، كەسپىي ئەخلاق، ھەربىي-سىپاھگەرلىك، تىلشۇناسلىق، سېلىشتۇرما ئەدەبىيات، ئېتىكا، تىبابەت، ئوزۇقلۇق ئىلىمى، مەدەنيەت، تارىخ، مېتودولوگىيە قاتارلىق ساھەلەردە مەخسۇس توختىلىپ ئۆتكەن، ئىدىيە جەھەتتىن دەۋردىن ھالقىغان مەنىۋى مىراستۇر.

XX-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن خخ-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىغىچە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ھەر خىل ناملار بىلەن تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان ئەجنەبىيلەر ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى ۋە ئىسلامىيەتتىن كېيىنكى دەۋرلىرگە تەئەللۇق بولغان نۇرغۇنلىغان بىباھا مىراسلارنى ئۆز دۆلەتلىرىگە ئېلىپ كەتكەن.گېرمانىيە ھانبۇرۇگ ئونىۋېرىستېتىنىڭ پروفېسسورى، تۈركشۇناس گابائىن خانىمنڭ (ۋون.گابائىن.ئا) مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، گېرمانىيە پەنلەر ئاكادىمىيسىنىڭ يەتتە چوڭ ئىشكاپى گېرمانىيىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بارغان تۆت قېتىملىق ئېكىسپىدىتسىيە ۋە ئارخېئولوگىيە ئەترەتلىرى تەرپىدىن تېپىلغان ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك ھەر خىل مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بىلەن تولغان. بۇ ئاددىي بىر مىسال. يەنە لوندون، توكيو، ستوكھولىم، پارىزھ، موسكىۋا، قاتارلىق شەھەرلەردىكى مەشھۇر كۈتۈبخانا ۋە مۇزىيلاردا قانچىلىك بارلىقىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ. مۇشۇنداق ئەھۋالدا، دۇنيا خەلقىنىڭ مەڭگۈلۈك تەتقىق قىلىشىغا ئەرزىيدىغان قەدىمكى يازما يادىكارلىقلىرىمىزدىن «تۈركىي تىللار دىۋانى» بىلەن «قۇتادغۇبىلىك»نىڭ ئانا تۇپرىقىغا قايتىپ كېلەلىگەنلىكىنىڭ ئۆزى بىر چوڭ غەنىيمەت.

مەنبە: قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى(ئۈستى ئۇچۇق مۇزېي قەشقەر)