يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ھاياتى

يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە قۇتادغۇبىلىك

※ ئىنسان بالىسىنىڭ قەدىر – قىممىتى ئەقىل ۋە بىلىم بىلەن بولىدۇ.
※ بىلىملىك كىشى قىممەتلىك دىناردۇر، بىلىمسىز نادانلار قىممەتسىز يارماقتۇر.

※ ئادەم بىلىمى بىلەن تونۇلىدۇ، بىلىمسىزلەر تىرىك تۇرۇپ كۆزگە كۆرۈنمەيدۇ.
※ بىلىملىكلەر ئۆلسىمۇ نامى تىرىك بولىدۇ، بىلىمسىزلەر تىرىك بولسىمۇ نامى ئۆلۈك بولىدۇ.
※ ئاتا – ئاناڭ سەندىن رازى بولسا، تەڭرىمۇ سەندىن رازى بولىدۇ.

— يۈسۈپ خاس ھاجىپ

بۈيۈك مۇتەپەككۇر، ئۇلۇغ پەيلاسوپ، ئالىم ۋە شائىر، دۆلەت ئەربابى ، چوڭ ھەجىمدىكى دىداكتىكىلىق داستان — ‹‹قۇتادغۇبىلىك›› نىڭ مۇئەللىپى يۈسۈپ خاس ھاجىپ 11 – ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا قاراخانىيلار پايتەختلىرىدىن بىرى بولغان بالاساغۇن شەھىرىدە تۇغۇلغان ۋە قەشقەردە ياشاپ ئىلىم تەھسىل قىلغان ھەم ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان. يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قايسى يىلى تۇغۇلۇپ، قايسى يىلى ۋاپات بولغانلىقى ھەققىدە تېخى ھازىرغىچە ئېنىق تارىخىي مەلۇمات يوق. لېكىن ‹‹قۇتادغۇبىلىك›› تىكى بەزى بېيىتلاردىن يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ھاياتىغا ئائىت بەزى يىپ ئۇچىغا ئىگە بولىمىز.

يىل ئاتمىش ئىكى ئەردى تۇرت يۈز بىلە،

بىتيۇ تەكەتتىم بۇ سۆز ئۈلگۈلە.

(مەزمۇنى: تۆت يۈز ئاتمىش ئىككىنچى يىل ئىدى،

بۇ سۆزلەرنى تاللاپ، يېزىپ تاماملىدىم.)

تۇكەل ئون سەككىز ئايدا ئايدىم بۇ سۆز،
ئۆدۈردۈم مەن ئەتنوتە كەتتىم تۇرا.
(مەزمۇنى: بۇ سۆزلەرنى ئون سەككىز ئايدا سۆزلەپ تۈگەتتىم،
سۆزلەرنى تاللاپ، ئايرىپ، تېرىپ رەتلىدىم.)
بۇ بېيىتلاردىكى ئۇچۇردىن قارىغاندا داستاننىڭ يېزىلغان ۋاقتى ھىجىرىيەنىڭ 462 – يىلى (مىلادىيە 1069 — 1070 – يىللىرى) غا توغرا كېلىدۇ.

تەگوردى ماڭا ئەلگىن ئەلىگ ياشىم،

قوغۇ قىلدى قۇزغۇن تۇسى تەگ باشىم.

(مەزمۇنى: تەگكۈزدى ماڭا قولىن ئەللىك يېشىم،

قوغۇ(ئاق قۇ) قىلدى قۇزغۇن تۈسىدەك بېشىم.)

بۇ مىسرالاردىن مۇئەللىپنىڭ ‹‹قۇتادغۇبىلىك›› داستانىنى يېزىۋاتقان چاغلىرىدا 50 ياشلاردىن ئاشقانلىقى، داستاننى يېزىپ بولغان ۋاقتى بىلەن سېلىشتۇرۇپ قارىغاندا، تەخمىنەن مىلادىيە 1018 – ياكى 1018 – يىلى تۇغۇلغانلىقى مەلۇم بولىدۇ. داستاننى يېزىپ بولغاندىن كېيىن، مۇئەللىپ ئۇنى قاراخانىيلار ھۆكۈمدارى تاۋغاچ بۇغرا قاراخان ئەبۇئەلى ھەسەنگە تەقدىم قىلغان، شۇنىڭ بىلەن ھەسەن بۇغراخان مۇئەللىپكە خاس ھاجىپلىق (ئارىچى، ۋەكالەتچى، خاننىڭ ئەڭ يېقىن مەسلىھەتچىسى دېگەن مەنىلەردىكى ئەرەبچە سۆز) ئۇنۋانىنى بەرگەن.
‹‹قۇتادغۇبىلىك›› داستانىنىڭ ئەسلى قوليازمىسى تېخى تېپىلغىنى يوق. ھازىر ئىلىم دۇنياسىغا مەلۇم بولغىنى ئۆز زامانىسىدىن خېلى كېيىن باشقىلار تەرىپىدىن كۆچۈرۈلگەن ئۈچ قوليازمىسى يېتىپ كەلگەن. بۇلاردىن بىرى كونا ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن كۆچۈرۈلگەن ۋىنا نۇسخىسى (1939 – يىلى ھىراتتا كۆچۈرۈلگەن ھىرات ياكى ۋىنا نۇسخىسى)، ئىككىنچىسى ئەرەب يېزىقى بىلەن (14 – ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدا) كۆچۈرۈلگەن قاھىرە ياكى مىسىر نۇسخىسى، ئۈچىنچىسى 12 – ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە 13 – ئەسىرنىڭ باشلىرىدا كۆچۈرۈلگەن ئەڭ قەدىمىي ۋە تولۇق نۇسخا بولغان ئەرەب يېزىقىدىكى نەمەنگەن ياكى فەرغانە نۇسخىسىدۇر.
‹‹قۇتادغۇبىلىك›› — بەخت كەلتۈرگۈچى بىلىم دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.

‹‹قۇتادغۇبىلىك›› 82 باب، 6644 بېيىت (13288 مىسرا) تىن تەركىب تاپقان چوڭ ھەجىمدىكى دىداكتىكىلىق داستان بولۇپ، باشتىن – ئاخىر ئارۇز ۋەزنىنىڭ مەسنىۋى شەكلى بىلەن يېزىلغان. ئەسەردە ئاپتور ئاساسەن دۆلەتنى باشقۇرۇش يوللىرىنى ۋە ئۆزىنىڭ پەلسەپىۋى، ئەخلاقىي قاراشلىرىنى ئۆزىگە خاس بىر خىل بەدىئىي ئۇسۇلدا، يەنى ئادالەت ۋە قانۇنغا سىمۋول قىلىنغان پادىشاھ كۈنتۇغدى، بەخت – سائادەتكە سىمۋول قىلىنغان ۋەزىر ئايتولدى، ئەقىل – ئىدراكقا سىمۋول قىلىنغان ئۆگدۈلمىش، قانائەتكە سىمۋول قىلىنغان ئودغۇرمىشتىن ئىبارەت سىمۋوللۇق ئوبرازلار ۋاستىسىدە كۆركەم ئەدەبىي تىل بىلەن بايان قىلىدۇ.

( مەزكۇر تەرجىمىھال ئازاد مىرقاسىم تۈزگەن ‹‹تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئەدەبىيات دەرسلىكى›› دىن قىسقارتىپ ئېلىندى)