چىمەنگۈل ئاۋۇت

چىمەنگۈل ئاۋۇت

ياش شائىرە چىمەنگۈل ئاۋۇت 1973- يىلى 6- دىكابىر قەدىمىي شەھەر قەشقەردە تۇغۇلغان. 1991- يىلى ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتوتىنىڭ جوڭگۇ تىل-ئەدەبىيات كەسپىگە قوبۇل قىلىنغان. ئۇنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىللىرىدىلا شىنجاڭ ياش ئۆسمۇرلەر نەشىرىياتى تەرىپىدىن تۇنجى شېئىرلار توپلىمى «تەتۇر چىقىن» نەشىرقىلىنغان، 1996- يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتىغا خىزمەتكە تەقسىم قىلىنغاندىن بۇيان ھازىرغىچە ئۇيغۇر تەھرىر بۆلىمىدە مۇھەررىر بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ.

ئەدىپلىك ھاياتى
ئۇنىڭ ئارقا-ئارقىدىن نەشىر قىلىنغان «قىساس غۇنچىسى»، «تاش ياپراق»، «بارسا كەلمەس يول» قاتارلىق شىئېرلار توپلاملىرى ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئىزچىل ياخشى باھاسىغا ئىرىشكەن. «شور دەريانىڭ ئۇ تەرىپى» ناملىق داستانى 14- نۆۋەتلىك «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى» غا ئىرىشكەن.

چىمەنگۈل ئاۋۇت 2004- يىلى شىنجاڭ بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى قېتىملىق «ئاياللار ئەدەبىياتى مۇھاكىمە يىغىنى» دا «شىنجاڭدىكى ئون مەشھۇر ئايال ئەدىپ» نىڭ بىرى بۇلۇپ باھالانغان. «بارسا كەلمەس يول» ناملىق شىئېرلار توپلىمى 2008- يىلى 11- ئايدا مەملىكەتلىك 9- نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر «تۇلپار ئەدەبىيات مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن.

شائىرە چىمەنگۈل ئاۋۇت يەنە ئەدەبىياتقا ئوخشاشلا سەنئەتنىڭمۇ كۈچىگە سەل قارىماي ئۆز ئىقتىدارىنى نامايان قىلىپ يول ئېچىپ ئالغا ئىلگىرلەۋاتقان ياشلىرىمىزنىڭ بىرى. ئۇ تېكىستىنى يازغان، ئىززەت ئىلىياس ئورۇنلىغان «سىىم-سىم يامغۇر» ناملىق ناخشا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن مودا ناخشىلار مۇسابىقىسىدە ئالتۇن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. ئۇ، شىنجاڭ قارلۇق مىدىيا پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئىشلىگەن «مۇھەببەت مەنزىلى» ناملىق ئىككى قىسىملىق كىنو پىلاستىنكىسى 2010-يىلى 3-ئايدا بازارغا سېلىنغاندىن باشلاپلا ئامما ئارىسىدا بەلگۈلۈك تەسىر قوزغىغان.

چىمەنگۈل ئاۋۇت ھازىر شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىئىتىنىڭ ئەزاسى.


چىمەنگۈل ئاۋۇت شېئىرلىرىدىن تاللانمىلار

كۈتۈش

ئاپتاپقا قاقلىدىم يالغۇزلۇقۇمنى،
قىسمەتنىڭ پايانى كۆرۈندى تىمتاس.
سەن نەدە مەغرۇرسەن ئېزىلدى باغرىم,
كۆزۈمنى بوش يۇمۇپ قىلدىم مەن قىياس.

كىملەرنى ياد ئەتتىڭ ،كىملەرنى كۈتتۈڭ,
مېھرىمدە بارلىقىڭ بولماقتا ئايان.
ئالدىراش يولنى كېسىپ ئۆتكەنسەن بەلكىم,
ئاخىرىنى ئويلاشتىن قىلىمەن گۇمان.

تېرەكلەر قارايدۇ ماڭا بەك غەمكىن,
بويۇڭدەك بىر ئىشەنچ پارلايدۇ يارقىن.
يەنىلا سەن ئامان قالىسەن جېنىم,
تۇيۇقسىز زېمىندا يۈزبەرسە قىرغىن.

مۇڭ باسقان كۆزلىرىڭنى ئەسلىيەلەيمەن,
سەن چۇقۇم ئۆيۈڭدىن چىققان لاۋۇلداپ.
مانا يەنە بىر كۈن ئۆتتى مىڭ تەستە,
يۇلتۇزلارغا قوشۇلدۇم يولۇڭغا قاراپ !

* * * * *

ئايالمۇ يامغۇر …

تەبىئەت تۆكىدۇ مېنىڭ يېشىمنى,
لېۋىمنى چىشلەيمەن چىدامىڭ ئۈچۈن.
ئۆزۈمدىن، مېھرىڭدىن كېچەلەيمەن، بەس,
بىپەرۋا بولغىن سەن ۋە ياكى ئۆكۈن.

ئەينەكمۇ يىغلايدۇ گۈلگە قوشۇلۇپ،
تېرەكلەر تىكلىنىپ تۇرار بەھۇزۇر.
شاخلارنى سىلكىتىپ باقمىدىم تېخى,
پاتقاقلار چېچەكلەپ كۆيمەكتە مەغرۇر.

چوڭ يولدا كۈنلۈكسىز كېتىۋاتىمەن,
يىرتىلغان پايپىقىمدا چاقنايدۇ بىر نۇر.
چېچىمنى چۇۋۇشقا بارمىدى رايىم،
بىلمەيمەن، مەن ھازىر ئايالمۇ، يامغۇر…

باغرىمدەك سۈزۈك ھەم باغرىمدەك چوڭقۇر,
سىقىلىپ، سىلكىنىپ ھورلانماقتا يەر.
ئويلىسام، ساڭىلا دەپ باقماپتىمەن،
ياشىغۇم كەپ قالدى شەيتاندىن بەتەر!

* * * * *

ئوغلۇمنىڭ قانىتى

مەن پەرۋىش ئەيلىگەن چىملار خارۇ – زار،
سەن دەسسەپ چەيلىگەن گۈللەردە ھىد بار.
مەن سۆيگەن سەھەرنىڭ قۇياشى يوقتۇر،
سەن تامغان كۆكلىگەن ئۈنلەردە قۇت بار.

مەن تۆككەن تەر بىلەن ياشنايدۇ ئازاب،
سەن تۆككەن كۆز ياشتا ئۈمىد چايقىلار.
قىسمىتىم ئاي بولۇپ پارلىسا مۇڭلۇق،
خىيالىڭ يۇلتۇزدەك تۈنگە تارقىلار.

ۋىسالنىڭ جەھلىدە بولساممۇ چۇلچۇل،
ھەر سەھەر باغرىمغائاقىسەن تىم – تىم.
دۇنيادا ھېچكىمسىز ياشىيالايمەن،
سەن تۇرغاچ مېھرىمگە چىلىشىپ، جېنىم.

ئازابىم خىلۋىتى ساڭا ناتونۇش،
ئاينىيدۇ، ئاھ،ئۇندا مېنىڭ بارلىقىم.
قۇمۇشلۇق لەيلەيدۇ غالىبلىقىمدا،
ئانامنىڭ قولىغا چىقسا تارغىقىم.

زەردابتەك ئىسسىقمەن، ياردەك گۈزەل،
دادامنىڭ مۇڭلىرىنى يالمايدۇ ئورمان.
جان بالام، چۇرۇلداپ كەتسەڭ بىتاقەت،
تۇيۇلار قۇشلارغا كىرگەندەك زۇۋان.

كۆزۈڭدىن يامرىغان مەڭگۈلۈك ئوتنى،
پارچىلاپ ئالەمگە چاپساممەن تولۇق.
تەخىڭگە ئەل بولۇپ كۆكلەر تەبىئەت،
يار بولغاچ قىسسەدىن ياسالغان قوۋۇق.

سۆيىسەن تۇپراقنى چاپچىشلىرىڭدا،
كۆككىمۇ سوزىسەن قولۇڭنى ھازىر.
ئاۋازىڭ چوڭقۇرىدا قۇملارنىڭ تەپتى،
تاغلارنىڭ سۈلكىتىدىن پارلايسەن ئاخىر!

* * * * *

چىمەنىستان

(1)

ئازاپ پۈتكەن ۋۇجۇدۇمدا سېزەرمەن مىسلى غەلياننى.
قازارمەن تىرنىقىم بىرلە بېسىلغان ئىزگۈ ئارماننى.

يۈسۈپ چۈشكەن قۇدۇقتا ئاي يۇيۇنسا كۆك چاراسلايدۇ،
پەرق ئەتمەس ھايات بەرقى سۈزۈك كۆز ياش بىلەن قاننى.

ۋىسالنىڭ پەيتى بىر مەررە، لىكىن قىسمەتلىرى چەكسىز،
كېزەرمەن بىر ئۆمۈر قەھرىم خاراپ ئەتكەن بۇ ئورماننى.

قىيامى ئۆچمىگەن لەۋلەر لىغىرلار چۈش سىياقىدا،
قەپەزگە تاشلىغاي كىملەر كۆيۈك ئالقاندىكى داننى.

ئىشقسىز بىر كۈنۈم ئۆتسە ياغار قەلبىمگە مىڭ كۈلپەت،
كۈتەر تۈننىڭ چىمەنزارى ئاراملىق ئىستىگەن جاننى.

(2)

يىرىڭلىق لەۋ پايانىدىن تاراملار ئىشق لاۋا چەندان.
ھايات كۆكىدە پارلايدۇ دىلى ھۆرلەر ئۇرۇپ خەندان.

قەدەملەر ئۆركىشى يالماپ يۇتار ئويلارنى، ئايلارنى،
خازانلىق يولدىمۇ، ھەيھات، تېپىلماس شۇ كەبى غەمخان.

قىياندەك يامرىغان چاچلار بەدەنلەر قەھرىگە تال-تال،
كۆيەر ھەر لەھزە كۆز ياشتا چېچەكلەپ شام كەبى ئارمان.

چاقار ئەينەكنى، بىلمەيسەن، سوزۇلغان قايسى قابىل قول؟
قىلار مېھرىڭدە توختاۋسىز خىياللار دەھشىتى جەۋلان.

ئۆمۈرنىڭ سەلكىنى يەلپۈپ ئۆتەر گۈللەرنى، يوللارنى،
پۇرار خۇشبۇي ئازابمۇ ھەم قۇچاق ئاچسا چىمەنىستان.

(3)

ئەتىرگۈل شاخلىرى قات-قات كۆيەر تىمتاس يۈرەكلەردە
ئەقىل زەنجىرىدەك دەردلىك بۇلۇت يامرار پەلەكلەردە.

ھارارەت تەپتىدىن ياشناپ كۆكەرگەن چۈش باياۋانى
ئۇچۇرما بولمىغان قۇشتەك بۇقۇلدايدۇ تىلەكلەردە.

ئىشىك، تۇڭلۇك ئېتىلگەن چىڭ شامالنىڭ شەپىسى كىرمەس
لىكىن تاملار قاراسلايدۇ مىھىر سىڭگەن بىلەكلەردە.

قوناقلىققا كىرىپ كەتكەن جۇۋاننىڭ كۆزلىرى كۈندەك
پۈتۈن خۇۋلۇق-ئازاپلارنى چىقار يۆگەپ ئېتەكلەردە.

چىمەنلەر باغرىدا نەمخۇش قەدەملەر سەلكىنى يۇمران
خىيالنىڭ قۇردىشى بىرلا بەخىت-سۆيگۈ كېرەكلەرگە.

(4)

چىلان رەڭلىك تورۇق ئاتنى مىنىپ كەلسەڭمۇ نە ھاسىل؟
بولالمايمەن مانا ئەمدى سېنىڭ ۋەسلىڭگە مەن نائىل.

كۈنۈم ئۆتكەندە يامغۇرلۇق ئۈنۈمنى باقمىدىڭ ئاڭلاپ
بىلەلەيسەن سېغىنچىمنى ھايات بولساڭلا، ئەي ئاقىل.

مېنىڭ قەھرىمگە رەڭداشتۇر ھىدىمنى سەزمىگەن شۇ يول
يۇشۇرمايمەن، نېسىپ بولماس ماڭا ھابىل ۋە يا قابىل.

قىلىچلاپ ئۆز تېنىمنى، ئاھ، قوياشنى ئەيلىسەم سەۋدا،
بىراق شۇ دەمدە زەنجىرلەپ دىمەس ھېچكىم مېنى قاتىل.

سۆيۈلگەن، سۆيگنىم راستتۇر ئۆمۈرلۈك قىسمىتىم بىرلە
قالارمەن ئەسلىنىپ شەكسىز چىمەنلىكتە، خۇدا ئادىل!

(5)

يۈرەكنىڭ بېغىشى بىرلە غۇۋا ئۈن يانچىلار رەت-رەت،
سۈرەنلەر ئەۋجىدە بۇ دەم قارا كۆزدىن ئاقار زۇلمەت.

رىزق شاخىدا شىلدىرلاپ ئۈزۈلگەن ئۇشبۇ نۇرلۇق تەن
سۈزۈك قان مەۋجىدە يامرار غېرىپلىققا بېرىپ تاقەت.

مىھىر ئازغۇنلىقى سىڭگەن چىغىر يوللاردا سۇسىزلىق
ئۈمىد گۈلشەنى چەيلەنگەن ئازاپتا بىر تۇتام راھەت.

ۋىسال-ھېجران پەرقسىزدۇر خىياللار بولمىسا تۇتقۇن،
ئۇچار روھ قۇشلىرى ئاتەش داۋانلاردىن تىلەپ ئاپەت.

كۆيەر جان مۈلكى ھەركىمنىڭ چېقىنلار دەشتىدە شۇ چاغ
داۋالغۇيدۇ گۈزەل چۈشتەك چىمەنلەر ياشنىغان خىلۋەت.

(6)

سىلكىنەر تەن قورغىنى خۇلقى-سىياقى مىسلى قار.
سەزگۈلەر ھىجرىدە كۈندىن ئىزدەيدۇ كۆزلەر شەرم-ئار.

تەشۋىشى يوقتۇر كۆيۈك روھنىڭ ئازابتىن زەررىچە،
ئەھلى ئىنسانلار بىلۇر بۇندا مۇقەددەس ناخشا بار.

ئاي يۈزىدە سۇپسۈزۈك داغ نۇرلىنار پىل-پىل قىلىپ،
ئاھ، ئۆلۈمنىڭ دەھشىتى قىلماس كۆڭۈل چۆلىدا كار.

قىز چانايدۇ چاچلىرىنى ھەسەن-ھۈسەن يىتكەن كىچە،
غۇنچىلايدۇ تىترىگەن بارماق ئارا بىر سېھرىتار.

قۇش پېيى توزۇپ تۆكۈلگەن باغلارمۇ ھىچ سولغۇن ئەمەس،
ياپيېشىل ئوت ھەم چىمەندەك دىل قەسرىگە كۆچكەن باھار.

(7)

ئېغىر دەملەردە سەن بار دەپ لېۋىمنى چىشلىدى قان-قان،
قولۇمنى جۈپلىدىم مۇڭلۇق يۈرەكىمگە ياساپ ئايۋان.

رىيازەت ئىستىگەن قۇشتەك قونۇپ مەن تۈن پىراقىغا
بۇلۇت چۆككەن قاراقىمنى قىلىپ ھەمدە ئۆزۈمگە دان.

لىغىرلار ئىرىگەن يۇلتۇز كۆزۈمنى يۇممىقىم مۈشكۈل
قوڭۇررەڭ چاچ كەبى، ھەيھات، چاراسلاپ كۆيگىنى ئورمان.

ئارامىم پەسلىدە كۆكلەپ ئىمان سۈيىدە نۇرلاندىڭ
بالام، ئەمدى يەنە مىڭ رەت جېنىم بىرلە بېرەي دەرمان.

نادامەت چەكمەيدۇ ھېچبىر ئەر چىمەنلىك بولمىسا قاقشال
ئاناڭ كۆكسىدىن قان ئاقسا ئۆزەڭ باش بوپ كۆتەر غەليان.

(8)

يېپىنچامنى شامال قايرىپ ئۇچۇرسا سەن تامان كۈندە،
پىراقىڭغا ئىلىنغايمۇ يېنىپ ئاتەش بولۇپ تۈندە.

سۇلايمان ھېكىمىتى بىرلە ياشارغايمۇ ھايات ۋەسلى،
ماكانى كۆكتىكى قۇشنىڭ تىلىنى بىلسە گەر بەندە؟

كۆزۈڭنىڭ زۇلمىتى چىرماپ شوراپ يىتكەن بۇ باغرىمنى،
بۇ دۇنيالىق مېلىم شۇ دەپ ئاۋايلاپ يۈرىمەن تەندە.

تىنىقلار ئەۋجىنى پۈتكەن ئۇلۇغلۇققا چۆكەلمەس كىم،
لېۋىنى قان قىلىپ كاككۇك پىغان چەكسە غېرىپ ئۈندە؟

ياقاڭنى سۆك، يېشىڭنى تۆك قېنىم دەرياغا ئايلانسۇن،
جىمى ئالەم گۇۋاھ بولسۇن چىمەننىڭ يىلتىزى سەندە.

(9)

پۇچۇلاپ كۈلگىن ئۈنۈڭدە ھىجرىڭنى سەن ئەتسەڭ بايان.
بىر ساڭا مۇشتاقلىقىم ئالەم ئارا بولۇر ئايان.

كۆكسى چۇڭقۇر كۆك دېڭىزنىڭ ئاستىدا يۈرگەن بېلىق
ۋەسلى ئىمكانى پۈتۈپ بولغان يۇنۇسقا ھۆر ماكان.

قىسمىتىمنى مۈشكۈلات كەلكۈنى ھىچ قىلماس خاراب،
سەن مېنىڭ باغرىمدا نۇردەك چايقىلىپ بولساڭ ئامان.

ئىشقىمىز ھەم مىھرىمىزدىن ئوت بولۇپ يانسا زىمىن،
كار قىلامدۇ كۈلكىمىزگە بۇ ھايات سالغان توغان!؟

مەي بولۇپ پىشقان ئۈمىدنىڭ لەھزىدە بىر تال چىمەن،
قىيغىتىپ دۇلدۇللىرىڭنى قول سوزۇپ كەلگىن جانان.

(10)

بىز مېڭىپ گۈللۈككە كەلسەك ئاي مېڭىپ يانىمغا كەلدى.
ئول پىراقىڭنىڭ ئوتى ئەمدى بۇ جانىمغا كەلدى.

سىلكىتىپ سۇمبۇل چېچىمنى ئەيلىسەم باغرىمنى قان،
سەن ئۇچۇرغان ئىزگۈ قۇشلار ئايلىنىپ تارىمغا كەلدى.

قەھرىتان كۈنلەر ئۇزاپ قالدى يىراقتا ھەممىسى،
مىھرىڭ ئۇيۇتقان نۇر-زىيا بۇ كۆڭۈل غارىمغا كەلدى.

يايرىدىم ئاشىقلىقىمنى پەيمانە ئەيلەپ دىل ئۈچۈن،
ئەشئارلىرىمنىڭ سۈلكىتى قاينىغان قانىمغا كەلدى.

سەندە بولغاچ يەتتە ئىقلىم غۇلمانلىرىنىڭ بەركىتى،
بارچە خۇش ھىد، بار پەزىلەت گۈل چىمەن باغىمغا كەلدى.

(11)

سەۋرنىڭمۇ چېكى باردۇر، مۇراد ۋەسلىڭنى گۈل قىلغىن.
مۇشەققەت ئىچرە بۇ جاننى قارا بەختىڭگە ئۇل قىلغىن.

قۇرۇتتىن پاكلىنىپ ئەييۇب يۇيۇنغان نۇر-زىيا بىرلە،
كۆيۈشنى ئىستىسەڭ شۇدەم ئارامىڭنى ئۇيۇل قىلغىن.

جاراھەتتەك ۋىلىلدايدۇ بۇلاقنىڭ كۆزلىرى، ئەركەم،
ئېقىشنى بىلمىگەنلەرنى كۆڭۈل باغىدا تۇل قىلغىن.

يېشىنى مەي قىلىپ تۇتقان غېرىبنىڭ كۆكسىدە خەنجەر،
ئۇرۇلسا سەن تامان ھەردەم سالام بىرلە قوبۇل قىلغىن.

جاھان يەكتالىرى بىلگەي چىمەننىڭ قۇردىشى ئوتتۇر،
مەگەر بىلسەڭ بۇ ئۆمرۈڭنى ئىشق ئەھلىگە قۇل قىلغىن.

بۇ «چىمەنىستان» – شائىرە چىمەنگۈل ئاۋۇتنىڭ قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن 2003-يىل 4-ئايدا نەشر قىلىنغان «تاش ياپراق» ناملىق شېئىرلار توپلىمىدىن ئېلىنغان

* * * * *

ھېچكىمگە دېمىدىم

شۇ قەدەر تىنىچ ھەم رەزىلدۇر ئەتراپ،
ھىجراننىڭ رەڭڭىدە مەي بولدى كۈنلەر.
ئادەملەر ئۆزىگە تۈزگەن قانۇندەك،
گۈللەرنىڭ يىلتىزىغا چۆكمەكتە ئۈنلەر.

كۆزۈمنى بۇش يۇمۇپ ھاياجان بىلەن،
قۇرۇغان لىۋىمنى قاناتتىم گۈلدەك.
ساڭىلا ئايلاندى يەنىلا جېنىم،
بېغىمدا ئۇچۇپ يۈرگەن يالغۇز كېپىنەك .

ھېچكىمگە دېمىدىم سىغىنغىنىمنى،
قىياملار زەرداپقا قوشۇلدى بىر-بىر.
خۇدىنى بىلمەستىن كۆيىدۇ قوياش،
مەن يەنە ياشاشقا كۆنمەن ئاخىر.

چىداشقا مەجبۇرسەن تەرسالىقىمغا،
قۇشلارمۇ پەرۋازىنى ئېلىپ كېتىدۇ.
كېچىنىڭ يارىسى قالار شۇ پېتى،
بۇ ئۆمۈر سۇ دەكلا ئېقىپ ئۆتىدۇ.

بىمالال ئۇزايمەن ھەسرەتلىرىمدىن،
باغرىمدا پورەكلەپ ئېچىلار كەچ كۈز.
كىمكىنە، بىلگۈم بار ئول زامانلاردا،
يارى ئۈچۈن تاياق يېگەن بىر مىڭ ئالتە يۈز!

* * * * *

مەنتىقىسىزلىق

سېغىندىم مەن سېنى غايىب پەرىشتەم،
بىلىمەن، سەنمۇ ھەم سېغىندىڭ مېنى.
مۇزلىغان تۇپراققا ئىسسىق ياش تۆكۈپ،
كېلىسەن دۇنياغا مەن ئۆلگەن كۈنى.

سېغىندىڭ سەن مېنى مەجروھ پەرىشتەم،
بىلىسەن، مەنمۇ ھەم سېغىندىم سېنى.
ساڭىمۇ، ماڭىمۇ ناتونۇش لېكىن،
قەبرىدىن ئاڭلانغان بوۋاقنىڭ ئۈنى.

(شائىرەنىڭ «تەتۈر چېقىن» ناملىق توپلىمىدىن)

* * * * *

بۈگۈنمۇ شۇنداقلا ئۆتۈپ كەتتى، ھەي …

كەڭ يېيىپ ئولتۇرىمەن ئېتەكلىرىمنى ،
ۋاقىتمۇ شۇقەدەر كەتمەكتە يۇمشاپ .
ئۇرۇلاردىمىغىمغا ئىسسىق تەر ھىدى ،
يۇلتۇزمۇچاقنايدۇ مېھرىمدەك قاناپ .

قىرىق بىركېچە ھەم كۈندۈزمۇ ئۆتتى ،
سانايمەن بارمىقىمدا كۈنلەرنى تەكرار .
ناۋاداچۆچەككە ئايلانسا دۇنيا ،
ئوغۇزخان تۇلپارىغا مىنەتتى دەرھال .

بىر قاچقۇن كېلەتتى دارنىڭ ئالدىغا ،
ياكى بىريالغۇز قىز بولاتتى خانىش .
بۈگۈنمۇ شۇنداقلا ئۆتۈپ كەتتى ھەي …
تىلىدىم ئۆزەمگە چىدام ۋە قارغىش .

* * * * *

نورۇز شېخىدا چىمەنقۇش

ناۋادا نورۇز بىر تال گۈل بولسا،
ئېچىلىدۇ مېنىڭ قەلبىمدە.
ناۋادا نورۇز تامچە ياش بولسا،
تۆكۈلىدۇ مېنىڭ بەرگىمگە.

ناۋادا نورۇز يالغۇز قۇش بولسا،
قەپىسىمدە ئۇخلار بۇ كېچە.
يارىسىنى پۈۋلەيمەن تىنىقلىرىمدا،
مەنمۇ قۇش بولىمەن تاكى تاڭغىچە.

ناۋادا نورۇز قارا يەر بولسا،
كۆتۈرىدۇ يەنە ئۇيغۇرنى.
ناۋادا نورۇز بۈك ئورمان بولسا،
دانلىتىدۇ تۈمەن قۇرغۇينى.

ناۋادا نورۇز بىر پىچاق بولسا،
يېڭىسار پىچىقى بولار ئۇ چوقۇم.
ئانارمۇ يېرىلىدۇ يۈرەكتەك ئاخىر،
كۈنلەرمۇ-تۇنلەرمۇ پەقەت بىر يۇتۇم.

ئاشۇ پىچاقتا يېلىم كولايدۇ قەشقەرلىك ئايال،
پىياز چانايدۇ كۆزلىرى يۇم – يۇم.
ئېتىزىدىن كۆك تېرىدۇ كۆكلەمدەك كۈلۈپ،
پىچاقنىڭ بىسىدا چېچەكلەيدۇ قۇم.

ناۋادا نورۇز بىر تۇلپار بولسا،
چۇلۋۇرىنى ئېشىمەن چاچلىرىم بىلەن.
تۇياقلىرىدىن توزۇسا كۆيۈكنىڭ ھىدى،
يۈزلىرىمنى توسۇمەن رومىلىم بىلەن.

شامال قايرىيالماس، ھىجران پۈكەلمەس،
ئىشىق يولىمىزدىكى نورۇز شېخىنى.
مەن ساڭا دېمىسەممۇ بىلىسەن بەلكىم،
نېمە بىلەن يۇغۇلۇق ھەسرەت دېغىنى.

* * * * *

گۈلبەر

گۈل ئ‍ىدىڭ ياپراغى ياقۇت،
گۈلبەر دېسەم كۈلەر ئ‍ىدىڭ.
يانلىرىمدا شوخ كىيىكتەك،
ئ‍ايلىنىپ يۈرەر ئ‍ىدىڭ.

كۆزلىرىڭدە سۈزۈلۈپ،
توققۇز بۇلاقنىڭ سۇلىرى.
گۈلبەردېگەندە نەۋباھار،
نالە قىلاتتى بۇلبۇلى.

گۈلبەر دىسەم بەرگەن گۈلۈڭ،
قىلغان ئ‍ۆيۈمنى باغۋاران.
بەختىمىزنىڭ يۈلتۇزىنى ،
سەيلانە قىلغان بىز ھامان.

پۇشتىمىزدىن كۈن تۆرەلگەن،
ئ‍ايمۇ ھەم ھەمرا ئ‍ىدى.
گۈلبەر دىسەم ئ‍ۆچتى ئ‍ۈنۈم،
گۈلبەر سېنى تۇپراق يىدى.

نە قىلاي بۇ پۈتمىشىمگە،
دەردۇبالالەر مەندىدۇر،
كىرپىگىڭنى سايە قىلغىن،
مېنىڭ ئ‍ارامىم سەندىدۇر.

2016.3.15 قەشقەر

* * * * *

بارسا كەلمەس يول

كىشنەيدۇ تەبىئەتكە قوشۇلۇپ ئىللىق،
ئەسلىمە كۆركىدە قان بولغان يۈرەك.
يالغۇز بىر ئايالدەك يىقىلدى يەرگە،
ھە ئەنە، يېنىمدىلا كېسىلگەن تېرەك.

مېھرىمگە سېنى دەپ ياغماقتا توپا،
ئاجايىپ گۈزەل ھەم ئاجايىپ دەھشەت.
بىلەمسەن، مەندىكى ئازاب ھوزۇرى،
مۇشۇ دەم تېرەك بولۇپ كۆكلىدى رەت- رەت.

شۇندىمۇ چۇل-چۇل بولۇپ كەتمىدىم يەنە،
سۈكۈتنى مەن سەندىن ئۆگەنگەن، جېنىم.
باغلىرىم پايخان بولسۇن، تاغلىرىم قامال،
ياش بولۇپ ئاقمىدىم ھەرگىز بىر تېمىم.

شۇ كېچە ئاسماندا سېنىڭ يۇلتۇزۇڭ،
كۆزۈمدىن زۇلمەتنى تارتقان ئاۋايلاپ.
ئىسسىق بىر تۇيغۇدا جۇغۇلدايمەن، ئاھ !
سەن يەنە ئۇ يولدا تۇرغاندەك شۇ تاپ.

قەغەزدەك نېپىز ھەم قۇرۇقتۇر ۋاقىت،
ئىشخانا ئەزمەكتە خىياللىرىمنى.
شىۋىرلاپ باقىمەن ئۆزۈمگە تەكرار،
ۋاز كېچىش، ئىرادە دېگەنلىرىڭنى

سادامغا شېئىر ئوقۇپ بەرگۈم كېلىدۇ،
كلىنتون سۇخانىدىن چىقىدۇ ھەيۋەت.
ئامالسىز شىرەدىكى بىر قەۋەت چاڭنى،
سەن تۇتقان قولۇمدا سۈرتىمەن رەت- رەت.

مۈشۈكنىڭ تىرناقلىرى ئېسىمگە كېلىپ،
بىر قۇتا سىياھنى تۆكىمەن يەرگە.
ئانىلار خاتىرجەم، ئاتىلار رازى،
قىزىنى بەرسىلا ئوبدان بىر ئەرگە.

ئۆيۈمنىڭ ئىشىكىدىكى قاپقارا قۇلۇپ،
شاراقلاپ ئېچىلار كېچىدەك گويا.
ئوت ياقسام ئوچاققا چاي قاينىتاي دەپ،
ئۆمۈرلۈك پىغانىم قاينايدۇ چايدا.

چېچىمنى چۇۋۇماي، يالاڭ ئاياغ پېتىم،
چېقىلغان ئەينەككە قارايمەن ئىللىق.
دېرىزە تۈۋىدە چېچەكلەر تىمتاس،
جان بالام ئات ئېتىپ ئوينىغان چىۋىق.

ھەيرانمەن، ھېسلىرىمغا تۆكىدۇ ئارمان،
ئۇ بىلىپ قالغاندەك كۆڭلۈمدىكىنى.
باغرىمدا بېلىقتەك پىلتىڭلاپ تۇرۇپ،
ئوقۇيدۇ سادىرنىڭ قوشاقلىرىنى.

پاختىنىڭ ئىچىدە بىر تال چوغ ساقلاپ،
كۈنلەرنى ئۆتكۈزۈش ئاسانمۇ ئەمەس.
قۇشلارنىڭ دەردىنى سۆزلىيەلمەيدۇ،
قۇرۇغان گۈل بىلەن لىق تولغان قەپەس.

ماشىنا چاقىدا چەكسىز رېئاللىق،
چانالغان يىلاندەك تولغاندى يوللار.
كېچىنىڭ تىنىقىنى يالمايدۇ يۇلتۇز،
ئاھ ، يەنە مۇلايىم كىرىشتى قوللار.

بۇ يولدا تېرەك يوق، چىملار كۆرۈنمەس،
يىراقتا ۋىلىلدار كوچا چىرىغى.
ئۈچ ئىشەك ھارۋىسى ئۇزىدى لەرزان،
كېلىدۇ ئۇنىڭدىن سامان پۇرىقى.

ھەيرانمەن، ھېسلىرىمغا تۆكىدۇ ئارمان،
ئۇ بىلىپ قالغاندەك كۆڭلۈمدىكىنى.
باغرىمدا بېلىقتەك پىلتىڭلاپ تۇرۇپ،
ئوقۇيدۇ سادىرنىڭ قوشاقلىرىنى.

پاختىنىڭ ئىچىدە بىر تال چوغ ساقلاپ،
كۈنلەرنى ئۆتكۈزۈش ئاسانمۇ ئەمەس.
قۇشلارنىڭ دەردىنى سۆزلىيەلمەيدۇ،
قۇرۇغان گۈل بىلەن لىق تولغان قەپەس.

* * * * *

تىزىق

1

جان پارەم ،
سەن چىدا !
تاغلارنىڭ دەردىنى ،
سۇلارنىڭ ۋەسلىنى ،
توپىنىڭ قەدرىنى ،
ھىچكىم سەندەك سىزەلمەيدۇ .
كۆكلەم ئۈچۈن
باغرىنى خۇن ئىتەلمەيدۇ .

جان پارەم ،
مەنمۇ چىداي !
كەچمىشىڭنى ،
كەلمىشىڭنى ،
پۈتمۈشىڭنى ،
ھىچكىم مەندەك سۆيەلمەيدۇ .
بەختى ئۈچۈن يىغلاپ تۇرۇپ كۈلەلمەيدۇ .

جان پارەم ،
سېنى كۈتىۋاتىمەن …
پىلسىرات كۆۋرىكىدىن ئۆتىۋاتىمەن ،
يۈرىكىمنى
سېنىڭ قولۇڭدا تۇتىۋاتىمەن .

جان پارەم
بۇ كۈتۈش
تاشتەك ئېغىر ئەمەس ،
ياشتەك ھەم چوڭقۇر .
ماڭا دېگەن گەپلىرىڭنى
ئويلۇدۇم بىر قۇر….

سەن ماڭا ئىشەن ،
بۇ كۈنلەر
ھەرگىزمۇ ئەمەستۇر كىشەن!
چىدامىڭغا جېنىمنى بىرەي،
قىزىل گۈلگە قېنىمنى بىرەي.
سەھەردىكى ئىبادىتىمدە ،
ساقلىقىڭنى خۇدادىن تىلەي …

2

ئاسمانىڭغا قارىدىم،
يۇلتۇز بولۇپ تارىدىم.
سېنى دەپ غۇنچىلىغان ،
گۈللىرىمنى پۇرىدىم .

ئەركىكىم
ئىشەنگەن تاغلىرىڭدا كىيىك ياتمىدى،
يا بىرسى ئۆزىنى
باغرىڭغا كېلىپ ئاتمىدى .
مانا ئەمدى
سېنى سۆيگىنىم
كىملەرگە بىلىندى زۇلمەت ؟
ئەتراپىمىزغا غەۋغا پاتمىدى !

يىغلىيالمىدىم،
كۈلدۈم قاقاھلاپ .
قوۋۇرغامنى
بىرتال-بىرتالدىن
قويدۇم ياراقلاپ.

چاچلىرىڭنى
بارمىقىمدا تارىدىم .
سېنى دەپ ئۆتكۈزگەن
تىزىقلىرىمنى سانىدىم .

تىنىقلىرىڭ،
قىلىقلىرىم…
ئۇنتۇلدۇردى بىزگە ھەممىنى .
كۆزلىرىمىز قاپقارا،
لېكىن قىسمەت ،
بەختىمىزنى قىلالماس قارا .

قاراسلىدى سۆڭىكىم ،
يېرىلمىدى يۈرىكىم !
ساقاللىق يۈزۈڭگە ئايلاندى دۇنيا ،
ئارىمىزدىن
ئۆتۈپ كەتتى بىرتاللا ئوقيا …

3

كېتىۋاتىمىز!
دوقمۇشتىكى مايلامچى بالا،
دۆڭ كۆۋرۈكتىكى سەرتىراچ ،
شىۋاق باسقان قوڭۇررەڭ تۇپراق ،
ھەممە-ھەممىسى
شېۋىرلىدى بىز ئۈچۈن .
غالتەكتىكى لەڭپۇ مۇ ،
لىغىرلىدى بىز ئۈچۈن .
پۇخادان چىققۇدەك
«ئۇھ» دېدىم .
ۋارقىرىدىم بىمالال
يېنىمدىكى مېنىڭ لۈكچىكىم !!!

ئىشىق لەرزىدە
تونۇردىكى كۆك سامسىسى سويۇلدى،
بۇلاقلارنىڭ كۆزلىرىمۇ ئويۇلدى.
يوللار ماڭا،
قىزىرىپ پىشقان چىلاندەك
تۈگۈلۈپ ياتقان يىلاندەك
…….تۇيۇلدى .

كېتىۋاتىمىز!
بۇ قوۋۇقتىن كىردىم سەن بىلەن،
ئۆيۈڭنىڭ دەرىزىسىگە قارىدىم بىردەم .
بىر قىز گۈللۈكتە ئويناۋاتىدۇ ،
كەينىمىزگە قايرىلساق
ئىككى تاغ
باغرىمىزنى ئارلاۋاتىدۇ …

بەرداشلىقىڭ
توپا قىلدى تېنىمنى .
يىغلاپ تۇرۇپ
چىقارمىدىم ئۈنۈمنى .
كېتىۋاتىمىز!
بارچە ئازاپ
ئارقىدا قالدى…

تاغلارمۇ،
تاشلارمۇ،
چىدىيالماي باغرىنى ياردى!!!!!

* * * * *

سېغىندىم مېھىرلىك تىللاشلىرىڭنى

قۇشنىڭمۇ ئۆيى بار قۇرتنىڭمۇ ھەم،
ئۆيۈمنىڭ تاملىرىغا قارىدىم جىمجىت.
سېغىندىم مېھىرلىك تىللاشلىرىڭنى،
ۋاقىتلا يېنىمدىن ئۆتىدۇ شىپ – شىپ.

كۆزۈمنى بوش يۇمدۇم كىرىشتى چىشىم،
تاتلىق بىر ھېس بىلەن كەتتىم جۇغۇلداپ.
جەڭگاھتىكى ئاتتەك كىشنەر رېئاللىق،
چېچىمنى تارىدىم ساڭىلا ئاتاپ.

بۇ كۈتۈش بىر ئۆمۈر كۈتكىنىمگە تەڭ،
چاچلىرىم دەريادەك دولقۇن ياسىدى.
مەن شۇنداق رازىلىق بەردىم ھاياتقا،
پەريادىم باغرىمنى كېلىپ قاپسىدى.

مەن بۇرۇن نەلەردە يالغۇز پەرىشان،
سەن بۇرۇن نەلەردە ئوت بولۇپ يانغان.؟!
گۇناھ بولسا ئەمدى سېنى سۆيۈپ قالغىنىم،
ئادەم بىلەن ھاۋانىڭ بارلىقى يالغان!!!

* * * * *

ماشىنا كۆزنىكى چېقىلسىمۇ ئاھ

زىمىستان قۇشلىرى قونغان زەنجىردەك،
يۈرەككە چىرمىشىپ كۆيمەكتە بىر ئوت.
جاراھەت باغرىدەك ئىسسىق دۇنيايىم،
كەل ئۈنسىز، مۇزلىغان قوللىرىمنى تۇت.

يېقىمسىز ۋىسالدەك كۈلسۈن تەبىئەت،
قار كېچىپ تۇرايلى بىردەم يانمۇ يان.
مۇھەببەت ھەم نەپرەت كېسىشكەن دەمدە،
سارغايغان ھېسلاردىن سىرغىمىسۇن قان.

ماشىنا كۆزنىكى چېقىلسىمۇ ئاھ،
كۆز يېشىڭ ئۈمىدنى قالمىسۇن سۆيۈپ.
مەن ئەمدى ئۇزايمەن خىياللىرىڭدەك،
چۈنكى بىز ھىجرانغا قېلىشقان كۆنۈپ.

* * * * *

كەچۈر، قارلىغىچىم

چوقۇما ئەينەكنى، ئوماق قارلىغىچىم،
ئۇسسۇزلۇق بېرەيمەن ئالقانلىرىمدا.
ئۆزۈمنى بىمالال تاشلىيالمايمەن،
سەن كۆيۈپ قارايغان گۈلخانلىرىڭغا.

يارىلانغان تۇمشۇقۇڭ ئېچىشسا سىم-سىم،
ھورلانغان تىنىقىمدا قويايمەن پۈۋلەپ.
يېشىمدا يۇسام گەر قاناتلىرىڭنى،
باغرىمدىن يۇلغۇنۇپ ئۇچۇۋەر ئۆرلەپ.

كەچۈرگىن سەن ئۈچۈن سالمايمەن ئۇۋا،
بوغقۇم يوق مېھرىمدە ئەركىنلىكىڭنى.
چۈنكى كۆك ئاسمانلا تولۇق بىلىدۇ،
ئاھ، سېنىڭ شۇ قەدەر يەڭگىللىكىڭنى.

* * * * *

بىر تامچە نۇر

مىنى ئېلىپ قاچالماس ھىچكىم،
قۇمۇشلۇققا ئوت قۇيالماس ھەم.
ئات مىنىشنى ئۆگەنگۈم كېلىپ،
يىغلىۋالدىم ئۈن سېلىپ بىردەم.

قۇشتەك يەڭگىل قۇشتەك ئوماق مەن،
چاينىڭ رەڭگى سۈزۈلدى ئاستا.
شور ئۆرلىگەن ئالىقانلاردا قۇم،
بىر تامچە نۇر سانجىلدى تاشقا.

چىپىلدايدۇ يامغۇر يېقىملىق،
تۈتەكلەرنى قىلغانچە يەكسان.
ئانىلارنىڭ كۆزىدىكى مۇڭ،كۆكلىمەكتە بولۇپ بۈك ئورمان.

* * * * *
ئوينايدىغان بالا بارمۇ

سۇ ئىچىدە ئۆرۈم–ئۆرۈم چاچ،
گۈل بەرگىدەك يېرىلدى قات–قات.
بارمىقىمدا ئوچۇم–ئوچۇم نۇر،
ئاپئاق تامغا يازىمەن پەرياد.

ئۆگزىسى يوق ئۆيدىن تولۇن ئاي،
قارىيالماي بولماقتا چاك–چاك.
نەمخۇش پۇتلار سىلكىنەر يېنىك،
يامغۇردىكى خىيالغا ئوخشاپ.

كىچىكلىكتە ياسىغان ئۆيۈم،
كېلىپ قالدى يەنە يادىمغا.
ئۇنلىرىم–قۇم، سېيىم–يوپۇرماق،
ئاش ئېتەتتىم بالىلىرىمغا.

كۈلۈپ سېلىپ ئۆزۈمچە غەمكىن،
ئېچىۋەتتىم روجەكلىرىمنى.
ئاينىسۇن دەپ كېچە باغرىدا،
چېچىۋەتتىم چېچەكلىرىمنى.

ئاق تاش، كۆك تاش،
دەريا بويى سۈزۈك تاش.
سېنىڭ بىلەن مەن ئاداش،
ئوينايدىغان بالا بارمۇ.

بولمىسىمۇ بۇ جايدا بىر تاغ،
ئەكس سادا ياندى ئاھ دەرھال.
ھايات دېگەن مۇشۇدۇر بەلكىم،
ئوت ئىچىگە تاشلاندى ئايال.

ئاق تاش، كۆك تاش.
دەريا بويى سۈزۈك تاش،
ئويناي دېسەم دەريادا،
يولۇم تۇرسا قارا تاش…

* * * * *

نوزۇگۈم

نوزۇگۇم!
سېنى چاقىرسام
قومۇشلار تىترەپ كەتتى،
يالاڭ ئاياغ پۇتلىرىمغا تىكەن پاتتى.
سەن يېنىمغا كەلمىدىڭ،
قولۇڭدىكى پىچاقنى قولۇمغا بەردىڭ.
چۇۋۇلغان چاچلىرىمىز،
يىرتىلغان كۆينىكىمىز…
سوغۇق شامالدا يەلپۈندى،
كۆزلىرىمىز يىراقلارغا تەلپۈندى.

ـ نوزۇگۇم!
ـ ھە…
ئۆزىمىزچە كۈلۈشۈپ كەتتۇق،
يېشىمىز بىلەن،
توپىلارنى لاي،
قومۇشلارنى نەي ئەتتۇق.
نوزۇگۇم
قوللىرىڭنى مۇجۇدۇم.
لەۋلىرىمنى قانىغۇدەك چىشلىدىم،
بىر چاغلاردا مەنمۇ،
سەندەك قېچىشنى،
سەندەك كۆيۈشنى،
سەندەك ئۆلۈشنى ئويلايدىغان قىز ئىدىم!
ئاتلارنىڭ كىشنەشلىرى ئاڭلاندى،
پەريادىڭ بىلەن
يۈرەك باغرىم داغلاندى:
«تاغدىن چۈشكەن لاي سۈنى،
سۈزۈپ ئىچەر ئەر بارمۇ؟
نوزۇك باشىغا مۇڭ چۈشتى،
ئېلىپ قاچار ئەر بارمۇ؟ »

ـ نوزۇگۇم!
قەپەزدە سايرايدۇ مېنىڭ بۇلبۇلۇم،
ئۇنىڭمۇ تاغى بار،
بەلبېغىدا پىچاق،
يۈرىكىدە داغى بار!
مەنلا ئېچىلىدىغان
قىيامەتلىك باغى بار…
مېنىڭمۇ ساڭا ئوخشاش توۋلىغىم كېلەر!
ئىچىمدىكى ئوتنى بىر ئۇ بىلەر،
بىر ئاللاھ بىلەر:
«يالغۇز كېيىك تاغدا قالدى،
كۈن چۈشكىدەك يەر بارمۇ؟
بۇ قىسمەتنى ئىگەم سالدى،
ئېپ قاچقۇدەك ئەر بارمۇ»
نوزۇگۇم!
ئاتلارنىڭ كىشنەشلىرى ئاڭلاندى،
ھەسرەتلىرىم ھەسرىتىڭگە باغلاندى.