ئۇيغۇر رەسسام غازى ئەمەت

غازى ئەھمەد جۇڭگو گۈزەل سەنئەت ساھەسىدە تەسىرى ناھايىتى ياخشى، ئەقىل – پاراسەتكە، يۇمۇرىستىك خۇسۇسىيەتكە باي ئادەم بولۇپ، رەسساملىق ساھەسىدىكى ‹‹نەسىردىن ئەپەندى›› دېگەن نامى بار. نەسىردىن ئەپەندى لەتىپىلىرىنى ئېيتالايدىغانلار كۆپ بولسىمۇ، غازى ئەھمەدتەك جانلىق، قىزىقارلىق ئېيتالايدىغانلار كۆپ ئەمەس. ئەگەر نەسىردىن ئەپەندى ئۇيغۇرلار مەدەنىيىتىنىڭ دېڭىزى دېيىلسە، مەھمۇد كاشغەرى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ يۈكسەك چوققىسىدۇر. غازى ئەھمەد ئۆزىگە بۇ ئىككى پېرسوناژنىڭ ئەقىل – پاراسىتىنى مۇجەسسەملىگەن بولۇپ، تۇرمۇشتا كىشىلەرگە يېقىملىق مۇئامىلە قىلىدۇ، خۇشاللىق بەخش ئېتىدۇ. كەسىپ جەھەتتە بولسا ئالاھىدە تۆھپە ياراتقان تۆھپىكاردۇر.

ئەگەر غازى ئەھمەدنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئابدۇكېرىم مۇھەممەتئېلى، سابىق شىنجاڭ ئىنستىتۇتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىدىغان رۇس رەسسام گىريانوۋ ۋە لېي ياڭ قاتارلىقلار شىنجاڭ ھازىرقى زامان ماي بوياق رەسىم تارىخىدىكى تۇنجى ئەۋلاد رەسساملار دېيىلسە، غازى ئەھمەد ئىككىنچى ئەۋلاد رەسساملارنىڭ ئەڭ سەرخىلى ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر تۇنجى ئەۋلاد رەسساملار يولغا تاش تىزغانغا ئوخشاش شىنجاڭنىڭ ماي بوياق رەسساملىقى ئۈچۈن ئاساس سېلىپ بەردى دېيىلسە، غازى ئەھمەد توختىماي ئىلگىرىلەپ چېچەكلەپ مېۋە بېرىپ، كىلاسسىك تۈس ئالغان ئەسەرلەرنىڭ مەيدانغا كېلىشى ۋە بەدىئىي سۈپەتنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق شىنجاڭ ماي بوياق رەسىمىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچتى، دېسەك ئارتۇق كەتمەيدۇ.

20 – ئەسىرنىڭ 60 – يىللىرىدا يېڭى جۇڭگونىڭ ئەدەبىيات – سەنئەت ئىشلىرى گۈللىنىش دەۋرىگە قەدەم قويدى، بۇ جەرياندا دۆلىتىمىز تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن ئاز سانلىق مىللەت گۈزەل سەنئەت تالانت ئىگىلىرىمۇ ئەدەبىيات – سەنئەت ساھەسىدە كارامىتىنى كۆرسەتتى.شۇ چاغلاردا ياش غازى ئەھمەد ‹‹غېرىب – سەنەم›› ناملىق دۇغ بوياق رەسىمىنى يېڭى يىل سوۋغىسى سۈپىتىدە شىنجاڭدا باستۇرغانىدى. ئۇ تارىختا ئۆتكەن ئۇيغۇر يىگىت – قىزلىرىنىڭ مۇھەببەت ئەركىنلىكىنى مەدھىيەلەش ئوبيېكتى قىلىپ، مۇستەبىت كۈچلەرنىڭ يوشۇرۇن قەست قىلىشىدەك زىددىيەتلىك ۋەقەلىكنى ئاساس قىلىپ، رەھىمدىللىك بىلەن رەزىللىك، ئەركىنلىك بىلەن مۇستەبىتلىك، پاك مۇھەببەت بىلەن مۇھەببەتنى دەپسەندە قىلىش ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشلارنى ئېچىپ بەرگەن. ئۇشبۇ رەسىم 1964 – يىلىدىكى ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلغان ئىستىل تۈزىتىش ھەرىكىتىدە خان پادىشاھ، لەشكەر بېشى، ۋەزىر، ئۆلىما ۋە نازىنىنلار مەدھىيەلەنگەن دەپ قارىلىپ كۆيدۈرۈۋېتىلگەندىمۇ، غازى ئەھمەدنىڭ بەدىئىي ئەقىدىسىنى تەۋرىتەلمىگەن، شۇ يىلى يەنە ‹‹جىنايى ھۆكۈم›› ناملىق ماي بوياق رەسىمى ئارقىلىق چوڭ ھەجىملىك تېماتىك تارىخىي رەسىم ئىجاد قىلالايدىغان ئىقتىدار ھازىرلىغانلىقىنى تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا دەلىللىگەن. ئۇ مۇشۇنداق غايەت زور توقۇنۇش ۋە كىشىلىك تۇرمۇش تىراگىدىيەسىنى تۇنجى بولۇپ خەلققە نامايان قىلىشتىن بۇرۇن، غازى ئەھمەد ئۈچۈن چوڭ تەۋەككۈلچىلىك ۋە خىرىس ھېسابلىناتتى. ‹‹جىنايى ھۆكۈم››نىڭ دۆلەتلىك گۈزەل سەنئەت سارىيىدا ئەتىۋارلاپ ساقلىنىشى ھەم ئۇنىڭ جۇڭگونىڭ ماي بوياق رەسىم تارىخىغا كىرگۈزۈلۈشى غازى ئەھمەدنىڭ كومپوزىتسىيەلىك پىكىر يۈرگۈزۈش ۋە پېرسوناژلار ئوبرازىنى بوياق ئارقىلىق يارىتىش، دىراماتىك توقۇنۇشلارنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنىلا ئەمەس، ئۇيغۇرلارنىڭ گۈزەل سەنئەت ساھەسىدىكى ئەقىل – پاراسىتى ۋە ئىقتىدارىنىمۇ مۇئەييەنلەشتۈرۈش ھېسابلىنىدۇ. غازى ئەھمەد تۇرپان ناھىيەسىدە سوتسىيالىستىك تەلىم – تەربىيەدە تۇرۇۋاتقان مەزگىلدە، كەمبەغەللەردىن ھال سورىغاندا، ئاددىي پۇقرالارنىڭ تۇرمۇش سەرگۈزەشتىلىرىدىن قاتتىق تەسىرلەنگەن.بۇ تەسىرلىنىش ئۇنىڭ ‹‹جىنايى ھۆكۈم›› ۋە ئۇنىڭ ھەمشىرىسى بولغان‹‹ھېساب ئېلىش››رەسىمى ئارقىلىق يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ رېئالىستىك روھىنى، ھەققانىيەت تۇيغۇسىنى ۋە ئاددىي پۇقرالىق ئېڭىنىڭ ئويغىنىشىنى، شۇنىڭدەك ئاشۇ ئالاھىدە تارىخىي بوشلۇقتا بېشىدىن كەچۈرگەن مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى ئېڭىنىڭ، ئىجتىمائىي سىنىپلار ئېڭىنىڭ ئەگەشمە تەپەككۇر مۇساپىسى بىلەن مۇناسىپ ئىزنالىرىنىمۇ ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. شۇڭا ئۇ نادىر ئەسەر بولۇش سۈپىتى بىلەن ئاۋامغىلا ئەمەس، تارىخقىمۇ مەنسۇپتۇر؛ سەنئەت تارىخىغىلا ئەمەس، مەدەنىيەت تارىخى ۋە مىللەت تارىخىغىمۇ مەنسۇپتۇر.

شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، كۈچلۈك مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسىغا ئىگە غازى ئەھمەد بىر يۈرۈش ماي بوياق رەسىملەرنى ئىجاد قىلدى، ئۇ رەسىملەرنىڭ بەزىلىرى جۇشقۇن – كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق، بەزىلىرى خۇشال كەيپىياتقا، بەزىلىرى قايغۇ – ھەسرەتكە تولغان بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ جۇمھۇرىيەت بىلەن تەڭ قەدەمدە بېسىپ ئۆتكەن قاينام – تاشقىنلىق مۇساپىسى يارقىن خاتىرىلەنگەن. 1980 – يىللىرىغا كەلگەندە، ئىدىيەدە ئازاد بولۇشقا ئەگىشىپ، غازى ئەھمەد مۇدىرنىزم ئۇسلۇبىدىن ئاددىي ھالدا پايدىلانماستىن، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئۇيغۇر تارىخى توغرىسىدا رېئالىزملىق سەنئەت قانۇنىيىتى بويىچە ئويلىنىشقا باشلىدى. ئۇ، 1984 – يىلى ››مۇقام‹‹ ناملىق رەسىمى ئارقىلىق شەكىل يارىتىش، ھەرىكەت قىلدۇرۇش، شۇنىڭدەك بەش ئەزايى بىر – بىرىدىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان پېرسوناژلار ئىندىۋىدۇئاللىقىنى يارىتىدىغان ئىقتىدارىنى نامايان قىلدى. بۇ رەسىمنى كۆرۈپ، مەكىت ناھىيەسىدە مەشرەپكە قاتناشقان چاغدىكى گۈزەل مەنزىرىلەر ئېسىمگە كەلدى. رەسىمدىكى ئوبرازدا ھەيۋەتلىك مۇزىكا ساداسىغا جور بولغان يوشۇرۇن ئېقىم ۋۇجۇدىڭىزغا شۇڭغۇپ كىرىپ، گىرەلەشمە تەسىرات پەيدا قىلىدۇ. ‹‹مۇقام››مۇزىكىسىنىڭ تەسىرلىك يېرى شۇكى، ئۇ سىزنى رىتىم قاينىمىغا باشلاپ كىرىپ، مەستخۇش قىلىدۇ. ئېسىمدە ئېنىق تۇرۇپتىكى، ‹‹مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى›› دا ئوخشاش بولمىغان قاراشتىكى ئۇيغۇرلارمۇ تەرەپ – تەرەپلەردىن بىر يەرگە توپلىشىپ ‹‹مۇقام››دىن لەززەت ئالغانىدى. غازى ئەھمەد مۇشۇلاردىن تەسىرلىنىپ، <<مۇقام>>دا مۇزىكا – ئۇسسۇل رىتىمىنى كۆرۈش سېزىمى شەكلىگە ئۆزگەرتكەن. رەسىمدىكى ئوخشىمىغان سەرگۈزەشتە، ئوخشىمىغان خاراكتېرغا ئىگە جانلىق ئادەملەر ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا مۇقام ئورۇنداشتىن ئىبارەت ئومۇمىيلىققا كىرىشىپ كەتكەن، ھەم ئوخشاش بولمىغان ئۆزگىچە سالاھىيىتى، ئۆزگىچە مىجەزى ۋە ھەرىكەت شەكلىنى نامايان قىلغان. روشەن ئىندىۋىدۇئاللىققا ئىگە بۇ پېرسوناژلار ئاساسىي قاتلامدىكى تۇرمۇشتىن كەلگەن. غازى ئەھمەدنىڭ ئوبرازلار ئامبىرىدا ئىندىۋىدۇئاللىقى بىر – بىرىگە ئوخشىمايدىغان نۇرغۇن شەخسلەر بار. مەن شىنجاڭدىكى ۋاقتىمدا شۇنداق تەسىراتقا كەلدىمكى، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن كەلگەن كۆپ ساندىكى رەسساملار شىنجاڭنىڭ ئۆرپ – ئادەت تۈسىنى ئالغان تاشقى كۆرۈنۈشىنى سەزگۈرلۈك بىلەن تۇتۇۋالالىسىمۇ، قاڭشارلىق، كۆزى يوغان، شاپ بۇرۇتلۇق پىرۇتۇتىپلارنى سىزالمايدۇ. غازى ئەھمەدنىڭ رەسىملىرىدىن ھەقىقىي ئۇيغۇرلارنى كۆرگىلى، ئۇيغۇرلارنىڭ روھىي دۇنياسىغا ئىچكىرىلەپ كىرگىلى بولىدۇ. چەۋەندازلارنىڭ كۈچ سىناشقاندىكى ھەرىكەتلىرى، سودا – سېتىق قىلغۇچىلارنىڭ باھا تالىشىۋاتقاندىكى قول ھەرىكەتلىرى، ئۇسسۇلچىلارنىڭ چەبدەس ھەرىكەتلىرى ئۇنىڭ رەسىملىرىدە جانلىق ئىپادىلەنگەن بولۇپ، كىشىگە پۈتمەس – تۈگىمەس لەززەت ئاتا قىلىدۇ.

‹‹مۇقام››دا سوتسولوگىيە تەنقىدىدىن مەدەنىيەت ۋارىسلىقى ۋە تەپەككۇرىغا ئۆتۈپ، مۇقامدىن ئىبارەت يۈرۈشلەشكەن مۇزىكىنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ ئاغزاكى غەيرىي ماددىي – مەدەنىيەت مىراسلىرى قاتارىغا كىرىدىغانلىقىنى ئالدىن بىلىدىغانلىقىدىن بېشارەت بېرىلگەن. شۇنىڭدىن كېيىن، غازى ئەھمەد مەھمۇد كاشغەرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ قاتارلىق مەشھۇر ئالىملارنىڭ پىرۇتۇتىپىسىنى ئارقا – ئارقىدىن ياراتتى، بۇ ھازىرقى زامان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ماددىي مەدەنىيەتكە باي بولۇپلا قالماي، مىللىي مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرۇشقىمۇ ماھىرلىقىنى ئىسپاتلىدى.

غازى ئەھمەدنىڭ پېرسوناژلارنىڭ ئوبرازىنى ھېس قىلىش ۋە يارىتىش ئىستېداتى تېخىمۇ قىممەتلىكتۇر. ئۇ ماي بوياق رەسىم تىلىنى شۇ قەدەر سەزگۈرلۈك بىلەن ئىگىلەپلا قالماستىن، ئاۋامنىڭ زوقلىنىش ئادىتىگىمۇ ماسلىشىپ، تەكشى نۇر، ئەسلى رەڭ، شۇنىڭدەك سىزىق بىلەن بەتلەرنى بىرلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت ماھارىتى ئارقىلىق جۇڭگوچە ماي بوياق رەسىمىنىڭ سەلتەنەتىنى قايتا نامايان قىلدى. بۇنداق سەنئەت ئېڭى ۋە ئىقتىدار ئۇنىڭ باشقا تام رەسىمى ئىجادىيىتىدە تېخىمۇ گەۋدىلىك.

ئىلگىرى شىنجاڭدا مەدەنىيەت – سەنئەت ئەمەلدارى، جۇڭگو گۈزەل – سەنئەتچىلەر جەمئىيىتىنىڭ ئەمەلدارى بولغان، يېشى 70 تىن ئاشقان بولسىمۇ، يەنىلا ئىجادىيىتىنى داۋاملاشتۇرۇش بىلەن بىللە، پۈتكۈل شىنجاڭ ۋە پۈتكۈل جۇڭگونىڭ مەدەنىيەت – سەنئىتىنى ئېسىدىن چىقارمىغان غازى ئەھمەدنىڭ شىنجاڭ ماي بوياق رەسىم تارىخى ھەققىدىكى ئىلمىي ماقالىسىدە ئۇنىڭ مەدەنىيەت مەسئۇلىيىتى يەنە بىر قېتىم گەۋدىلەندۈرۈلدى. غازى ئەھمەدنىڭ تەربىيەلىشىدە بىر تۈركۈم ئوتتۇرا ياش ۋە ياش رەسساملار ئۆسۈپ يېتىلىپ، مۇشۇ كاداڭ دەرەخنىڭ ئەتراپىدا ئانار گۈلگە ئوخشاش پورەكلەپ ئېچىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇپتىمەن. نەچچە ئون يىللىق تارىخنى ۋە ئۆزىنىڭ سەنئەت تەجرىبىلىرىنى، تەپەككۇر مۇساپىسىنى قانداق قىلغاندا تېخىمۇ چوڭقۇر يەكۈنلەپ چىقىپ، شىنجاڭنىڭ ھازىرقى زامان ماي بوياق رەسىمىنى مەدەنىيەت تارىخىدا تەپسىلىي ۋە ئېنىق، پۇختا تىكلەپ، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيىتىنى يەنىمۇ شان – شەرەپكە ئىگە قىلىش تېخىمۇ مۇھىم ئىشتەك قىلىدۇ. غازى ئەھمەد ئادەتتىكى رەسسام ئەمەس، شۇڭا ئۇ ئۆزىگىلا مەنسۇپ بولماستىن، بەلكى شىنجاڭ مەدەنىيىتىگە تەۋەدۇر، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ شەكىل يارىتىش سەنئىتى تارىخىدىكى مەھمۇد كاشغەرىدۇر.

2010 – يىلى 4 – ئاي، بېيجىڭ.

— ئاپتور جۇڭگو گۈزەل سەنئەتچىلەر جەمئىيىتى نەزەرىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، جۇڭگو گۈزەل سەنئەت مۇزېيى نەزەرىيە بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، تەتقىقاتچى. جۇڭگو گۈزەل سەنئەت مۇزېيى مۇتەخەسسىسلەر كومىتېتىنىڭ ئەزاسى

ياسىن ھاۋازى تەرجىمىسى