ئۇيغۇر دىيارى

چىن ۋە ماچىننىڭ جۇغراپىيىلىك ئۇقۇم دائىرىسى

ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەد ئىمىن چىن ۋە ماچىن ئىبارىسى ئۇيغۇر-تۈرك، ئەرەب ۋە پارىس ئالىم-ئەدىبلىرىنىڭ تارىخ ، جۇغراپىيە، تىلشۇناسلىق دەستۇرلىرىدا ، ساياھەتنامىلىرىدە ۋە شېئىر داستانلىرىدا مىڭ يىللاردىن بېرى ئىزچىل يوسۇندا ئىستىمال قىلىنىپ كېلىۋاتقان، ھەممىگە تونۇش نام بولسىمۇ، لېكىن مۇشۇ ئەسىرگە كەلگەندە ئىبارىنىڭ تارىختىكى…

ھېيتگاھ جامەسىنىڭ تارىخى

ئاپتۇرى:  ئىبراھىم نىياز ھېيتگاھ جامەسى قەشقەردىكى ئەڭ چوڭ جامە، ھېيتگاھ مەيدانى قەشقەردىكى ئاۋات سودا، مەدەنيەت مەركىزىدۇر، ئۇ قەشقەرگە كەلگەنھ كىشىلەرنىڭ دىققەت نەزەرىنى ئۆزىگە تارتماي قالمايدۇ. ئۇنىڭ كۈن چىقىش تەرەپكە ئېچىلغان چوڭ دەرۋازىسى، پەشتىقى، ئاق گۈمبىزى، ئىككى تەرەپتىكى نەقىشلىك مۇنارلىرى شەھەرگە…

ئىدىقۇتتا كالېندارچىلىق

ئىسمائىل تۆمۈرى كالېندارچىلىق ئىنسانىيەت مەدەنىيەت تارىخىدىكى زور ئىلگىرىلەش. ئىنسانلار تەبىئەت ۋە جەمئىيەت قانۇنىيەتلىرى ھەققىدە خېلى مول چۈشەنچىلەرنى ھاسىل قىلغاندىن كېيىن ھاياتنىڭ قەدىر – قىممىتىگە ئېتىبار بىلەن قاراشنىڭ مۇھىملىقىنى، ئىلگىرىكى ئىشلارنى كېيىنكىلەرگە ئۆرنەك ئۈچۈن قالدۇرۇشنىڭ زۆرۈرىيىتىنى تونۇپ يەتتى. كۈن، ئاي، پەسىللەرنىڭ…

«كورلا» نامى ھەققىدە مۇلاھىزە

غالىب بارات ئەرك مۇقەددىمە كورلا شەھىرى رايونىمىزدا تەرەققىياتى بىر قەدەر تېز بولغان ، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىنىڭ ئالاقىسىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان ۋە كېلىپ كېتەر كۆپ قەدىمىي شەھەر . ھەر بىر كېلىپ كېتەر زىيارەتچى شەكسىزكى بۇ قەدىمىي ئۇيغۇر يۇرتىنىڭ تەشۋىقاتچىسى ھېسابلىنىدۇ…

يىپەك يولىدىكى توققۇز ھېكمەت

ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئىمىن 1 سۇمۇرۇغ مېنى جاۋاھىرلار غارىغا ئېلىپ كىردى. قولۇمغا <<جاھاننامە>> ئەينىكىنى ئالدىم. كۆزۈمگە قىزىل يۇلغۇنلۇق يولدا مەرۋايىتتەك تىزىلىپ كېتىۋاتقان تۆگە كارۋىنى كۆرۈلدى… <<جاھاننامە>> دىن 1980 – يىللارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر كېچىسى سەمەرقەندتىكى «ئۇلۇغبەگ رەسەتخانىسى» تەسۋىرلەنگەن ئالبومىنى قولۇمدا تۇتۇپ،…

قەدىمىي خارابىلەردىن ئالۋاستى شەھىرىگە كىرىش

نىياز قاھار قۇمۇل-جۇغراپىيىلىك ئورنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا شىنجاڭنىڭ شەرقىي دەرۋازىسى بولۇپلا قالماستىن ، مەدەنىيەت نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا تولىمۇ ئۇزاق تارىخقا ئىگە . ئۇ يەرلىك ئالاھىدىلىككە ، مىللىي ئەنئەنىگە ئىگە بولۇپلا قالماستىن زور مەدەنىي يادىكارلىقلار ۋە ئارخىئولوگىيىلىك بايقاشلار بىلەن ئىلىم ئەھلىنىڭ دىققىتىنى…

قەدىمكى مەركىزى ئاسىيادا يېڭى تاش قۇراللار دەۋرى

مەركىزى ئاسىيادا مۇز دەۋرى ئاخىرلاشقاندىن كېيىنكى باسقۇچتا ئىپتىدائىي ئىنسان تۈركۈملىرى كونا تاش قۇرال دەۋرىدىن يېڭى تاش قۇرال دەۋرىگە تەدرىجىي ئۆتۈش مۇمكىنلىكلىرىگە ئېرىشتى.يېڭى تاش قۇرال(نېئولىت) دەۋرىدە ئىنسانىيەت تەييار تاشنى قۇرال سۈپىتىدە ئىشلىتىش ۋە تاشنى يېرىپ، سۇقۇپ-سۇندۇرۇپ قۇرال قىلىشتىن تاشنى سىلىقلاپ ئىشلەشكە…

ئۈرۈمچىدىكى بىر قىسىم جايلارنىڭ ئۇيغۇرچە ئاتىلىشى

بانفاڭگۇ —- ئېقىندالا خىي جىيا سەن —– تاشبۇلاق جيۇ جىيا ۋەن —— شاپتۇللۇق

ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇر تىلى يىغلايدۇ

ئۆزگە تىللار ئۇلۇغلىنىپ شاخلايدۇ، يىلتىزىدىن ئورۇن ئېلىپ بىخلايدۇ. تۇيدۇرماستىن سىڭەر-ئىچەر سۈيىدەك… ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇر تىلى يىغلايدۇ.

ئىلى سەنىمى ھەققىدە

سەنەم–ئۇسسۇل پەدىلىرىنىڭ ناخشا بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەن بىر خىل سەنئەت شەكلى بولۇپ، مىلودىيىلىرىنىڭ ئۆزگىرىشچان ۋە لېرىكىلىقى، ئاھاڭلىرىنىڭ بىر–بىرىگە ئۇلىنىپ بىر–بىرىگە يۈرۈشلىشىشى، رېتىم–ئۇدارلىرىنىڭ بالداقمۇ–بالداق شوخلىشىپ بېرىشى قاتارلىق قۇرۇلمىسى بىلەن ئۇسسۇلچىلارنىڭ ماھارىتىنى ئالاھىدە جارى قىلىشىغا زېمىن ھازىرلاپ بېرىپلا قالماستىن، سورۇن ئەھلىنىڭ ئىستېتىك زوقلىنىشىنى ۋايىغا…

ئىلى خەلقىنىڭ يەتتە سۇغا كۆچۈشى

ئىمىنجان باھاۋۇدۇن مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئىلىدا ئۆتكەن تارىخچى ، تىلشۇناس ئىمىنجان باھاۋۇدۇن ( 1897 – 1948 ) نىڭ ” ئىلى تارىخى ” ( ” تارانچى تارىخى “) ناملىق ئەسىرى ئىلى تارىخىنى يورۇتۇپ بېرىدىغان ، ئۇيغۇر مۇئەررىخلەر يازغان ساناقلىق ئەسەرلەرنىڭ…

1864-يىلىدىكى ئىلى دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ بارلىققا كېلىشى ۋە مەغلۇبىيىتى

شېرىپ نىياز خۇشتار 1864 – يىلىدىكى ئىلى دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ بارلىققا كېلىشى ۋە مەغلۇپ بولىشى تەيپىڭ تىيەنگو ئىنقىلىبى پارتىلاپ ئۇزاق ئۆتمەيلا مەملىكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىنىڭ ئەكسىيەتچى سىياسىتىگە قارشى قوراللىق قوزغىلاڭلار ئارقا- ئارقىدىن پارتىلايدۇ. چىڭ ھۆكۈمىتى ئېغىر سىياسى ،…