نۇرمۇھەممەت توختى
1. «مىللىي بۇرژۇئازىيە»نىڭ ئېنىقلىمىسى
ئوتتۇرا مەكتەپتە سىياسەت دەرسى ئۆتىدىغان ئوقۇتقۇچۇم «دەللال بۇرژۇئازىيە» نى باشقا يۇرت ۋە باشقا ئەللەردە ياسالغان سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى يۆتكەپ سېتىپ باي بولغانلار دەپ، «مىللىي بۇرژۇئازىيە»نى ئۆز يۇرتى ۋە ئۆز ئېلىدىكى خام ئەشيالارنى پىششىقلاپ ئىشلەپ، سانائەت مەھسۇلاتلىرىغا ئايلاندۇرۇپ باي بولغانلار دەپ چۈشەندۈرگەن. ماۋجۇشى جۇڭگو جەمئىيىتىنى سىنىپلارغا بۆلگەندە «دەللال بۇرژۇئازىيە»نى دۈشمەن قاتارىغا، «مىللىي بۇرژۇئازىيە»نى ئىتتىپاقداشلار قاتارىغا تىزغان. ئەگەر بىز ماۋجۇشىنىڭ نېمىشقا ئاشۇنداق ھۆكۈم قىلغانلىقىنىڭ سەۋەبلىرىنى تەھلىل قىلىشقا كىرىشىپ كېتىدىغان بولساق، گەپ بەكلا ئۇزىراپ كېتىدۇ. بىزگە كېرىكى، پەقەت ئاشۇ ئىككى خىل «بۇرژۇئازىيە» توغرىسىدىكى ئېنىقلىمىلا خالاس. ۋاھالەنكى ھازىر ئېلىمىزدە «بۇرژۇئازىيە»يوق. ئۇلار ئىسلاھات – ئېچىۋېتىشنىڭ تۈرتكىسىدە «ھالال ئىشلەپ، ئۆز قان – تەرى بەدىلىگە باي بولغان» دەپ قارىلىدۇ. بۇ قاراش بويىچە ھازىرقى جۇڭگو بايلىرىنى «دەللال بۇرژۇئازىيە» ۋە «مىللىي بۇرژۇئازىيە» دەپ سىنىپلارغا ئايرىش خاتا بولىدۇ. ئەمما پارا يېمەي ياكى دۆلەت كارخانىلىرىنى ھۆددىگە ئېلىۋالماي تۇرۇپمۇ باي بولغانلارنى يۆتكەپ سېتىش سودىسى بىلەن باي بولغانلار ۋە پىششىقلاپ ئىشلەش ھەرىكىتى بىلەن باي بولغانلار دەپ ئايرىش خاتا بولۇشى ناتايىن.
ئەمەلىيەتتە ئالدىنقىسى دەللال سودىگەرلەر، كېيىنكىسى خۇسۇسىي كارخانىچىلاردۇر. بىزنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىز ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئاز بولسىمۇ باي بولغانلار ئىچىدە ئاشۇ ئىككى خىل تەبىقە ھەر ھالدا مەۋجۇت. ئىسلاھات – ئېچىۋېتىش سىياسىتى يولغا قويۇلۇپ، بۇرۇنقى رامكىلار ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن، ئەڭ دەسلەپ ئاتۇشلۇقلار دەللال سودىگەرلىك يولىغا قاراپ ماڭدى. باشقا يۇرتلۇقلار ئەگەشتى. كېيىنچە غۇلجىلىقلار ئېچىۋېتىلگەن چېگرا ئېغىزلىرىغا يېقىن بولۇشتەك ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، چېگرا ھالقىغان سودىغا تۇتۇش قىلىپ خەلقئارا دەللالغا ئايلاندى. بۇنىڭدىمۇ باشقا يۇرتلۇقلار ئەگەشتى. مەيلى ئىچكى دەللاللار ياكى خەلقئارا دەللاللار بولسۇن، ئۇلارنىڭ ئالاھىدىلىكى باشقىلارنىڭ سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى پۇل قىلىپ بېرىش ئەۋزەللىكى بولسا، ئارىدىن پايدا ئېلىپ مەبلەغ جۇغلاشتا ئىپادىلىنىدۇ.
2. يېڭى تۇغۇلغان موزاي يولۋاستىن قورقماس
ئېھتىياج ئارزۇنى پەيدا قىلىدۇغۇ. ئۇنىڭ قەلبىدە ئاستا – ئاستا ئۆز گىرىم بۇيۇملىرىمىزنى، ئۆز پاكىزلىق بۇيۇملىرىمىزنى ياساش، ئۇنى تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىش ئارزۇسى باش كۆتۈردى. ئارزۇنىڭ ئىمكانىيەتلىكى ئارزۇ، ئىمكانىيەتسىزى خام خىيال. ئابدۇۋەلى ئۇنىۋېرسىتېتتا ئىشلىتىلىشچان خىمىيە ئوقۇۋاتقان بولغاچقا، سۇبيېكتىپ جەھەتتىن ئېيتقاندا ئۇنىڭ ئارزۇسى ئىمكانىيەتكە ئىگە ئىدى. ئىمكانىيەتلىك ئارزۇ ئىدى. شۇڭا ئۇنىڭ ئارزۇسى ئىپتىدائىي ئورمانغا تۇتاشقان ئوتتەك ئاستا – ئاستا ئۇلغىيىپ باردى….
ئەگەر بىز ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىگە، مىللىي جىسمانىيىتىگە، قۇرغاق، سوغۇق، شامال – بورانلىق تەبىئىي شارائىتىغا ماس كېلىدىغان ئۇيغۇر گىرىم خۇرۇچلىرىنىڭ سانائەت مەھسۇلاتىغا ئايلىنالمىغۇدەك بۇ ئەپسۇسلۇق ھالەتنى ئابدۇۋەلىلا ھېس قىلدى، تونۇپ يەتتى دېسەك، راست گەپ قىلمىغان بولىمىز. ئۆز ھۆسن ئاسراش، ھۆسن تۈزەش بۇيۇملىرىمىزنى ياساش، سانائەت مەھسۇلاتىغا ئايلاندۇرۇش، تۈركۈملەپ بازارغا سېلىش ئارزۇسى ئابدۇۋەلىنىڭلا قەلبىدە پەيدا بولدى دېسەك، بۇمۇ رېئاللىققا نىسبەتەن مۈشۈككە ئوخشاش كۆز يۇمۇۋالغانلىق بولىدۇ. ئاشۇ يىللاردا ئالىي مەكتەپلەر خىمىيە ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ بىلىم بىلەن توشۇپ كەتكەن كاللىلىرىدا بۇنداق پىكىرلەر، بۇنداق ئارزۇلار ئاللىقاچان پەيدا بولۇپ بولغان، تېخى ئۇلارنىڭ زاۋۇت قۇرۇشقا كېتەرلىك يۈز مىڭلاپ، مىليونلاپ سوممىدىكى مەبلەغ تەلەپ قىلىش دوكلاتلىرى مەكتەپ مۇدىرلىرىنىڭ يېزىق شىرەسى ئۈستىگە يېتىپ بېرىپمۇ بولغانىدى.
ئوسما تەركىبلىرىنى ئىشلىتىپ چوڭ تىپتىكى كارخانىلار تەرىپىدىن ئىشلەپ چىقىرىۋاتقان بولسىمۇ ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر تېبابىتى ۋە تۇرمۇش ئادەتلىرىدىكى بايلىقلارنى قېزىش يېتەرلىك بولمايۋاتاتتى. پۇرسەتمۇ كەلگەنىدى. ئوقۇش پۈتتۈرۈش پراكتىكىسى ئۈچۈن ئۇ ئاپتونوم رايونلۇق پەن تەتقىقات ئاكادېمىيىسىگە تەقسىم قىلىندى. ئۇ يەردە ئەۋزەل شارائىت يېتەرلىك ئىدى. دوكتور ئۆمەرجان مۇئەللىمىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ياش يىگىت سىياداننى خام ئەشيا قىلغان تۇنجى چاچ ئاسرىغۇچى، چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنىڭ ئەۋرىشكىسىنى ياساپ چىقتى. بارلىق دورا ياسىغۇچى تېبابەتچىلىك ئالىملىرى يېڭى دورىسىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆز جىسمانىيىتىدە سىناپ باققاندەك، ئۇمۇ چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆز چېچىدا سىناق قىلدى. چاچلار بىلەن تولا ئۇچرىشىپ چاچ باھالاش، سوپۇن باھالاش مۇتەخەسسىسىگە ئايلانغان ساتىراش ئۇستامنى باھالىغۇچى قىلدى. خۇرۇچلارنىڭ نىسبىتى يۈز قېتىم تەڭشەلگەندۇ. يۈز قېتىم تەجرىبە قىلىنغاندۇ. يۈز قېتىم قايتا ياسالغاندۇ ۋە ئابدۇۋەلىنىڭ ئۆز چېچىدا يۈز قېتىم سىناق قىلىنغاندۇ. ئاخىر ساتىراش ئۇستامنىڭ تەستىقىدىن ئۆتتى. تەستىق – باھالاشتىن ئۆتۈش باشقا گەپ. ئەمەلىي نەتىجە بولسا يەنە باشقا گەپ. بىر خىل چاچ ئاسرىغۇچى سۇيۇقلۇقنىڭ ئۈنۈمىنى بىر قېتىمدىلا كۆرىمەن دەپ خام خىيال ئەيلىمەڭ. ئۇ دەرھال ئاغرىق توختىتىدىغان ئاسپىرىن ئەمەس. ئۈنۈم ئاستا – ئاستا يۈز بېرىدۇ. يۈز قېتىملاپ ئۆز چېچىدا قىلىنغان يۇيۇش سىنىقى جەريانىدا ئابدۇۋەلىنىڭ چېچى قاپقارا، قويۇق، تاللىرى توم، ئەۋرىشىملىكى كۈچلۈك، ئاسان تۆكۈلمەيدىغان ئەلا ھالەتكە ئېرىشتى. ئۈنۈم دېگەن مانا مۇشۇ، يەنە قانداق بولسا بولاتتى؟
مەھسۇلات ئەۋرىشكىسى سىناقتىن ئۆتتى. ئەمدى تۈركۈملەپ ئىشلەپ چىقىرىپ بازارغا سېلىشى كېرەك. زاۋۇت قۇرۇشقا پۇل قېنى؟ يېڭى مەھسۇلاتنى بازار قوينىغا ئالارمۇ؟ چەت ئەلنىڭ، ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ داڭلىق مەھسۇلاتلىرى ئالدىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرالارمۇ؟ سېتىۋالىدىغان خېرىدار چىقارمۇ؟…
بازار بۆرە ۋە يولۋاسقا ئوخشايدۇ. ھەيۋەت ۋە چىرايلىق، ئۇنىڭ يۇمشاق تېرىسىنى سىلاپ بېقىشنى، ئۇنى قۇچاقلاپ ئەركىلىتىشنى كىم خالىمايدۇ؟ بۆرە، يولۋاسقا يېقىنلاشساڭ، ساڭا ئەركىلەپ قۇيرۇق شىپاڭشىتىپ بېرىشىمۇ، سېنى ھاپ قىلىپ يەۋېتىشىمۇ، تالاپ، ئۈستۋېشىڭنى قان قىلىۋېتىشىمۇ مۇمكىن. ئالىي مەكتەپلەر خىمىيە ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ بازاردىكى ئاشۇ مەھسۇلاتلارنى ياسىيالايدىغان تۇرۇقلۇق ئىككىلىنىپ، ئەنسىرەپ يۈرىشىدىكى، ئالدىدا يولۋاس، كەينىدە بۆرە باردەك قورقۇپ توختاپ قېلىشىدىكى سەۋەب شۇ. «كۆمسەم پىشارمۇ، ياپسام پىشارمۇ؟» دەپ بىر نىيەتكە كېلەلمەسلىكىدىكى سەۋەب شۇ. ئەمما بىزنىڭ ئابدۇۋەلى ئۇنداق ئىشلارنى ئويلاپ يۈرمىدى. بەلكى ئۇنىڭ باغرىغا دادىل قەدەم باستى. «يېڭى تۇغۇلغان موزاي يولۋاستىن قورقماپتۇ» دېگەن مانا شۇ.
3. بۈركۈت چۈجىسى قانات قاقتى
دەللال سودىگەرلەر ئارىدىن پايدا ئېلىپ جۇغلىغان مەبلەغ بار. مەبلەغ سېلىشقا ئۇنارمۇ؟ ھەمكارلىشىشقا قىزىقارمۇ؟ ئابدۇۋەلى ئۇلارنى ئىزدەشكە باشلىدى. ئۆزى ياساپ چىققان ئەۋرىشكە چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنى كۆيۈپ – پىشىپ تونۇشتۇردى. پىلانلىرىنى بايان قىلدى. ئۇلار تېخى مەكتەپ پۈتتۈرمىگەن ياش ستۇدېنتنىڭ سۆزلىرىگە ئىشەنمىدىمۇ ياكى ئاران جۇغلىغان پۇللىرىنىڭ بازار ئاتلىق يولۋاسنىڭ قارنىدا يوق بولۇپ كېتىشىدىن قورقتىمۇ؟ رەت قىلىندى. قەرز بېرىشنىمۇ، ھەمكارلىشىشنىمۇ رەت قىلدى. خېلى داڭلىق مىللىي سانائەتكە كۆڭۈل بۆلىدۇ، دەپ تەرىپلىنىۋاتقان بىرسىمۇ رەت قىلدى. دەللال دېگەن بەرىبىر دەللال ئىكەن. باشقىلارغا دەللاللىق قىلىپ، ئۇلارنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى پۇل قىلىپ بېرىشتىن باشقىنى بىلمەيدىكەن. ئۇلارغا ئۈمىد باغلىغانلىق يىراقتىكى يۇلتۇزنىڭ نۇرىدا ئىسسىنىشنى ئويلىغاندەكلا بىر ئىش ئىكەن. ھەي ئىسىت…
ئابدۇۋەلى ئاشۇنداق قىلىش قارارىغا كەلدى. بۇ چاغدا ئۇنىڭ كۆيۈپ – پىشىشلىرىغا ئىچ ئاغرىتىدىغان ئادەممۇ تېپىلدى. بېشىڭغا كۈن چۈشسە، بىرەر نەرسىگە موھتاج بولساڭ ئەڭ ئاۋۋال ئىچ ئاغرىتىدىغىنى، ئەڭ بۇرۇن ياردەم قولىنى سۇنىدىغىنى يەنىلا قېرىنداش. «ئاغرىپ باش ياستۇققا يەتسە ئۆز قېرىنداش ئۆزگىدۇر» دېيىلىدۇ ناخشىلاردا. بولۇپمۇ ئاچا – سىڭىل قېرىنداشلىرىڭ يۇمشاق كۆڭۈل كېلىدۇ. كۆيۈپ – پىشىشلىرىڭغا قاراپ تۇرالمايدۇ. ئابدۇۋەلىنىڭ يۇمشاق كۆڭۈل ھەدىسى تىللاقىز ياردەم قولىنى ئۇزاتتى. يېمەي – كىيمەي يىغقان ئىككى مىڭ يۈەن پۇلىنى قەرز بېرىپ تۇردى. ئابدۇۋەلى يەنە دوست – بۇرادەرلىرىدىن ئىككى مىڭ يۈەن قەرز ئالدى. ئەمدى تۆت مىڭ يۈەن مەبلەغ بىلەن تەلەي سىناپ بېقىشقا بولاتتى. ئۇ ئوقۇتقۇچىلىقتىن مائاش ئېلىۋاتىدۇغۇ. ئەگەر ئىش قاملاشماي، بازار يەكلەپ قالسا، ئۇنچىلىك قەرز دېگەننى تۆلەپ كېتىشكە بولاتتى. ئابدۇۋەلى بىر قازان، بىر چېلەك، بىر نوغۇچ، بىر مەش سېتىۋېلىپ ئىش باشلىدى. ئاكىلىرىمۇ قاراپ تۇرمىدى. ئۆزلىرى ئىشلەيدىغان 7 – ترانسپورت شىركىتىنىڭ بىر تاشلاندۇق مۇنچىسىنى سېخ قىلىش ئۈچۈن ئىجارىگە ئېلىپ بەردى. ئىش باشلاندى. دەسلەپكى مەھسۇلات تەييار بولدى. قاچىلاشقا قۇتا، قۇتا ئۈستىگە ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈشلۈك ماركا كېرەك ئىدى. ئەمما ئىچكىرىدىكى ئاشۇ زاۋۇت 1000 دانە قۇتىنى ئىشلەپ يۈرمەيدىكەن. ئەڭ ئاز بولغاندا 20 مىڭ قۇتا زاكاز قىلىنسا ئاندىن ئىشلەيدىكەن. 20 مىڭ قۇتىنى سېتىۋېلىشقا نەدىمۇ پۇل بولسۇن؟ كۆپ يالۋۇرۇشقا، يېلىنىشقا توغرا كەلدى. ئۇلار ھەر ھالدا چېگرا رايوندىكى كىچىك كارخانىنى قوللىدى. ئۈستىدە «سىيادان» دەپ ئۇيغۇرچە ماركىسى بار مىڭ دانە قۇتا ئاخىر يېتىپ كەلدى. شۇنداق قىلىپ «كروران گىرىم بۇيۇملىرى زاۋۇتى»نىڭ تۇنجى چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقى «سىيادان» بازارغا سېلىندى.
ئۇيغۇرچە «سىيادان» دېگەن ماركىسى، ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈشلىرى بار، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز خام ئەشيالىرىدىن ئىشلەنگەن مىڭ قۇتا «سىيادان» ماركىلىق چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقى بازارغا سېلىنىۋىدى، ماۋۇ كارمەتنى كۆرۈڭ! بىر ئايغا قالمايلا ھەممىسى سېتىلىپ بولدى. ئۇيغۇرلارمۇ ئۆزىگە تونۇش خام ئەشيالاردا ئىشلەنگەن، ئۆزىگە ماس كېلىدىغان، ئۆز شارائىتىغا ئۇيغۇن كېلىدىغىنىنى ئالىدىكەن. ئىزدەپ – سوراپ بەش دۇكان، ئون دۇكان نېرىسىغا بېرىپ سېتىۋالىدىكەن. قەشقەردىن، كۇچادىن، ئۈرۈمچىدىن توپ ئېلىپ – توپ تارقىتىدىغان خېرىدارلار يېتىپ كەلدى. ئەڭ ئاخىرقى ئىستېمالچى بىۋاسىتە ئىشلەتكۈچىنىڭ ئىنكاسىنى ئاڭلاڭ: «سىيادان» ياخشى ئىكەن. مانا كۆرۈڭ: نەچچە يۈز مىڭ يۈەن، نەچچە مىليون يۈەن بولمىسىمۇ ئىش پۈتتۈرگىلى بولىدىكەنغۇ؟ مەھسۇلاتىڭ ياخشى ۋە ئىشەنچلىك بولسا ئۆزۈڭگە ئىشەنسەڭ، ئىش يۈرۈشۈپ كېتىدىكەنغۇ؟ نەچچە مىليون مەبلەغ ئۈچۈن قايتا – قايتا دوكلات يېزىپ يۈرۈشلىرىڭ بىھۇدە. ئۇچۇش دېگەن كۆۋرۈكتىن تاقاققا، تاقاقتىن ئۆگزىگە، ئۆگزىدىن پەغەزگە، پەغەزدىن كۆك ئاسمانغا بولىدۇ. كۆك ئاسمانغا چىقىۋېلىپ بىراقلا پەرۋاز قىلماقچى بولغانلار موللاقلاپ، پالاقلاپ يەرگە چۈشىدۇ. قۇرۇق قول ئىش باشلاپ كاتتا ئىگىلىك تىكلىگەن كارخانىچىلار، مىليونېر، مىليادىرلارغا ئايلانغانلار كۆپقۇ بۇ دۇنيادا. مانا شۇلارنىڭ بىرسى – كۆز ئالدىمىزدىكى مىسال ئابدۇۋەلى.
قەشقەردىن، ئاقسۇ، كۇچادىن، قۇمۇل، تۇرپاندىن، ئۈرۈمچىدىن، قارامايدىن، غۇلجىدىن مال سېتىۋالىدىغان خېرىدارلار كېلىشكە باشلىۋىدى، ئىشلەپ چىقىرىشنى كېڭەيتكىلى بولمىدى. ئىشلەپ چىقىرىشنى كونا چېلەك، ئىپتىدائىي قازان بىلەن كېڭەيتكىلى بولمايدۇ. يېڭى، زامانىۋى ئۈسكۈنە سېتىۋېلىش كېرەك. دەسلەپكى سېتىشلاردىن توپلانغان مەبلەغ بار ئىدى. ئۇرۇق – تۇغقانلارمۇ ئەمدى ئابدۇۋەلىنىڭ كارامىتى بارلىقىغا ئىشەنگەنىدى. 40 مىڭ يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىپ، شاڭخەيدىن چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقى ئىشلەپ چىقىرىدىغان زامانىۋى ئۈسكۈنە سېتىۋېلىندى. نېمىنى دەيمىز؟ ئاشۇ جەريانلارنىڭ ھەممىنى سۆزلەپ ئوقۇرمەنلەرنى زېرىكتۈرۈشنىڭ ھاجىتى بارمۇ؟ كونا مۇنچىدا ئىشلەپ چىقىرىش ئېلىپ بېرىشلارنى، يېڭى – يېڭى ئۈسكۈنىلەرنى سېتىۋېلىشلارنى، زاۋۇت قۇرۇش ئۈچۈن يەر تەلەپ قىلىپ ماڭغان يوللارنى بايان قىلىشنىڭ ھاجىتى بارمۇ؟ ۋاقىت ئىسراپ قىلىشنىڭ ئورنى يوق. غەلىبە شادلىقى، زەپەر تەنتەنىسى تۆكۈلگەن ئىسسىق قانلارنى ئۇنتۇلدۇرىدۇ. نۇرانە مەنزىل چەككەن جاپالارنى ئەستىن كۆتۈرۈۋېتىدۇ. ۋىسال دەملىرىدە سېغىنىش پىراقىنى ئەسكە ئېلىشنىڭ ھاجىتى يوق. مانا ئالدىمىزدا ئالتە مو قورۇ – جايغا 900 كۋادرات مېتىرلىق ئىشخانا بىنالىرى، ئىسسىتىش بىناسى ۋە ئامبارلارغا، چىرايلىق كۆكەرتىلگەن مەيدانلارغا، يېرىم مىليونلۇق زامانىۋى ئىشلەپچىقىرىش ئۈسكۈنىلىرىگە، يېرىم مىليونلۇق ئايلانما مەبلەغقە، بەش خىل تاۋار ماركا ھوقۇقىغا ئىگە «كروران گىرىم بۇيۇملىرى زاۋۇتى» خوتەن شەھىرىنىڭ شىمالىي قىسمىدا «توپچا» دېگەن مەھەللىدە 315 – نومۇرلۇق دۆلەت يولىنىڭ بويىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرۇپتۇ. نامرات، كەمبەغەل دېھقانلارنىڭ 22 نەپەر ئوغۇل – قىزى ئىشلەپ يۈرۈپتۇ. شىنجاڭنىڭ ئون چوڭ شەھىرىدىكى ئون چوڭ سېتىش نۇقتىسى يۈرۈشۈپ تۇرۇپتۇ. مانا شۇ زاۋۇتنى نەۋقىران يىگىت ئابدۇۋەلى قۇرۇپ چىقتى. يېتەرلىك مەبلىغى، ئوبدانلا پايدىسى، خېلىلا ئىناۋىتى بار، كەڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن، شىنجاڭ تەۋەسىدە ئوبدانلا ئاتىقى بار زاۋۇت قىلىپ قۇرۇپ چىقتى.
4. توققۇز يەردە توققۇز مۈشكۈلات
يەنە نېمىسىنى دەيمىز؟ «تەتۈر قىيناش»لارغا دۇچار بولىدىغىنى «كروران» ۋە ئابدۇۋەلىلا ئەمەسقۇ. خۇسۇسىي كارخانىلار ساھەسىلا ئەمەسقۇ. ھەممە يەردە «تەتۈر قىيناش»لار بولۇپ تۇرىدۇ. شۇنداقتىمۇ كىشىلەر چىداپ كېلىۋاتىدۇ. «كروران» بىلەن ئابدۇۋەلىمۇ چىدىسۇن! سۈرۈشتۈرسەك، «كروران»لىكلەر بىر قېتىممۇ پارا بېرىپ باقماپتۇ. ھېچ يەردە ھېچكىمگە پارا بەرمەپتۇ. پارا بەرمەي تۇرۇپ شۇنچىۋالا رەسمىيەتلەرنى، يەرلەرنى، ئىشلارنى ھەل قىپتۇ. بۇ ئوڭاي ئەمەس. قارىغاندا، «تەتۈر قىيناش»لار توغرىسىدا بەكلا ۋايساپ كېتىشنىڭ ھاجىتى يوقتەك قىلىدۇ. پارا بەرمەي تۇرۇپ سۈنۋۇكۇڭ باشلىغان ئاچارىيا شۈەنزاڭنىڭ نوم ئەكېلىش ئەترىتى مۈشكۈلاتلارنى يېڭىپ ساكلار يۇرتىغا قاراپ ئىلگىرىلىگەندەك ئالغا باسقانىكەن. ئۇلار دۇچ كەلگەن مۈشكۈلاتلارنىڭمۇ كارى چاغلىقتەك قىلىدۇ…
5. «كروران»گە كۆز تەگمىسۇن
قايسىدۇر بىر ماتېرىيالدىن 20 ياشتا ساغلام بولالمىساڭ، 30 ياشتا دۇنيا قاراش تۇرغۇزالمىساڭ، 40 ياشتا باي بولالمىساڭ، 50 ياشتا ئەقىل تاپالمىساڭ، 60 ياشتا ئارىف (ئويغاق)لىق ماقامىغا يېتەلمىسەڭ دۇنيادىن قۇرۇق قول يانغان بولىسەن، دېگەن گەپلەرنى ئوقۇغانلىقىم يادىمدا. قارىغاندا، ئابدۇۋەلى 30 ياشقا بارماي تۇرۇپلا ئالدىنقى ئۈچ نۇسرەتكە ئېرىشكەندەك قىلىدۇ. كېيىنكى ئىككى نۇسرەتمۇ ئۇنىڭغا نېسىپ بولغاي، «كروران» ۋە ئابدۇۋەلىگە كۆز تەگمىسۇن!