ئۇيغۇر مەدەنىيىتى

قەشقەرنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە جۇغراپىيىلىك ئەھۋالى توغرىسىدا قىسقىچە بايان

يولۋاس مۇھەممەتئىمىن مىلادىيە 1887-يىلى گېرمانىيە بېرلىن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، مەشھۇر جۇغراپىئون، شەرقشۇناس زىچ خوفىن دېڭىز يوللىرى ئېچىلىشتىن ئىلگىرى غەرب بىلەن شەرقنىڭ بارلىق ئالاقىلىرىنى تۇتاشتۇرىدىغان قەدىمكى قورۇقلۇق يولىنىڭ نامىنى ناھايىتى چىرايلىق نام بىلەن، يەنى «يىپەك يولى» دېگەن نام بىلەن ئاتىدى. شۇنىڭدىن باشلاپ…

ئۇيغۇرلاردىكى قىزلارنىڭ قۇلىقىنى تېشىش ئادىتى

ئۇيغۇرلاردا قىزلار يەتتە ياشقا كىرگەندە ئۇلارنىڭ قۇلىقىنى تېشىپ ھالقا سېلىپ قويۇش ئادىتى بار بولۇپ، بۇ ئادەت ناھايىتى ئۇزۇن زامانلاردىن بىرى ئىزچىل داۋاملىشىپ كەلمەكتە. گەرچە بۇ ئادەت ئالاھىدە بىر مۇراسىم شەكلىنى ئالمىغان بولسىمۇ، ئاتا ئانىنىڭ زىممىسىدىكى چوقۇم ئۆتەشكە تېگىشلىك بىر مەسئۇلىيەت…

تۇرپاندىن تېپىلغان قەدىمكى ئۇيغۇرچە ھۆججەت تۈركىيە كۈتۈپخانىلىرىغا قانداق كېلىپ قالغان؟

ئوسمان فىكرى سەرتكايا تۈركىيىدىكى بىرقانچە كۈتۈپخانىدا ئىسلامىيەت دەۋرىدە قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن يېزىلغان ھۆججەتلەر ۋە بەزى ئۆرنەكلەر ساقلىنۋاتىدۇ. ئىسلامىيەت دەۋرىدە يېزىلغان بۇ ھۆججەتلەرنىڭ تىلى قەدىمكى ئۇيغۇرچە ئەمەس، بەلكى شەرق تۈركچىسى (ئۇيغۇر چاغاتايچە) ۋە شىمال تۈركچىسى (قىپچاقچە) ئالاھىدىلىككە ئىگە. تۈركىيىدىكى كۈتۈپخانلاردا…

ئۇيغۇرلارنىڭ پۇتبول تارىخى

ئۇيغۇرلاردا ئۆزىگە خاس مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ھەر خىل تەنتەربىيە تۈرلىرى بار. بۇنىڭ ئىچىدە پۇتبول ئالاھىدە ئورۇندا تۇرىدۇ. بەزى تارىخىي مەلۇماتلاردا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي قوۋملەرنىڭ قوزىنى تۇلۇمچىلاپ سويۇپ ئىچىگە يەل (ھاۋا) تولدۇرۇپ ئىشلەنگەن توپنى تېپىش ئۇسۇلى بىلەن قارىمۇ قارشى قەلئەلەرنىڭ ئىچىگە…

ئوتتۇرا ئەسىردە قەشقەر مەركەز قىلىنغان ئۇيغۇر مائارىپى

ئۇيغۇر كلاسسىك مائارىپى ئۇرخۇن، شامان ۋە مانى دەۋرى (552 – 844 – يىللار)، ئىدىقۇت مائارىپى دەۋرى (850 – 1250 – يىللار) ۋە بۇددىزم مائارىپى دەۋرى (75 – 992 – يىللار) جەريانلىرىدىن ئۆتۇپ، كېيىن قەشقەر مەركەز قىلىنغان قاراخانىلارنىڭ ئىسلامىيەت مائارىپى دەۋرى…

ئۇيغۇرلاردىكى «يامان بولىدۇ» لارنىڭ سەۋەبى

ئاتا- بوۋىلىرىمىز ئۇزاق تارىخى تەرەققىيات جەريانىدا كۆپلىگەن«يامان بولىدۇ»لارنى ئاپىرىدە قىلغان.خەلقىمىز ئارىسىدىكى «يامان بولىدۇ» لارنىڭ شەكىللىنىشى ،بىر تەرەپتىن روھى قاتلىمىمىزدا يۇغۇرۇلغان رەڭگارەڭ مەدەنىيەت ھادىسىلىرىنىڭ مەھسۇلى بولسا ، يەنە بىر تەرەپتىن بىزدىكى ئۇزاقتىن بۇيان ئۇدۇم بولۇپ كېلىۋاتقان قائىدە -يوسۇنلىرىمىزنىڭ مەھسۇلىدۇر.بالىلىرىمىز چوڭ بولۇشقا…

گىرمانىيىدىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتى

تەييارلىغۇچى: مۇختەر مۇھەممەد ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلمى دۇنيا بويىچە قىزىق تەتقىق قىلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ئەجدادلىرىمىز بىزگە قالدۇرغان قىممەتلىك يازما يادىكارلىقلار مەملىكىتىمىز ئىچى-سىرتىدا چوڭقۇر تەتقىق قىلىنماقتا.جۈملىدىن ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلمىنى غەربتىكى باشقا ئەللەر قاتارىدا قىزغىن تەتقىق قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ بىرى گېرمانىيە.1998-يىلى 9-ئايدا گېرمانىيە فرايبورگ ئۇنىۋېرسىتېتى شەرقشۇناسلىق…

قىممەت ۋە ھىممەت

يالقۇن رۇزى شىۋولدىكى رازىخان 2001- يىلى 12- مارت چۈشتىن بۇرۇن. تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي گىرۋىكىدىكى كېرىيە بوستانلىقىغا قاراشلىق بىر نامرات يېزا. تۇتۇق ئاسماندىن توختىماي توپا يېغىپ تۇراتتى. ئەتىياز بىلەن قىش ئارلىقىدا بولىدىغان مۇزدەك سوغۇق بەدەننى ھېلىدىن –ھېلىغا جۇغ –جۇغ قىلاتتى. چاڭ…

ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئۇيغۇرلاردا ئىسلامىيەت

ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئىسلامىيەت ھەققىدىكى كۆپ ئەسەرلىك ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىلىرىنىڭ ئاقىلانە يەكۈنلىرى ئىسلامىيەت ھادىسىسىنىڭ ئەينى يىللاردىكى نۇقۇل دىنىي ـ ئىسلاھاتچىلىق ھەرىكىتى،ياكى نوقۇل ئىسلامىيەت ئىلاھىيەتچىلىكى ئېتىقادى كاتېگورىيلىرى بىلەن چەكلىنىپ قالمايدىغان تېخىمۇ كەڭ كاتېگورىيلىك قىممەتكە ـ ئىسلامىيەت قىممىتىگە ئىگە ئىكەنلىكىنىتەستىقلىدى.ۋەھالەنكى،ئسىلامىيەت مەدەنىيىتى تېگى ـ…

ئۇيغۇرلارنىڭ قايماق تارىخى

قايماق- كالا ، ئۆچكە ، قوي قاتارلىق ھايۋانلارنىڭ سۈتىدىن ئېلىنىدىغان ھەر خىل ۋىتامىنلارغا تويۇنغان بىر خىل ئەلا سۈپەتلىك ياغ بولۇپ ، ئۇ قەدىمكى ۋە بۈگۈنكى ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكىدە بىرىنچى دەرىجىلىك ھۆل تەبىئەتلىك ئىسسىق بولۇپ ، كونىرىغانچە ئىسسىقلىقى بىلەن ھۆللۈكى كېمىيىدۇ ۋە…

شىۋىتسىيىدىكى تارىخىي ماتېرىياللاردا ئۇيغۇر كىيىم –كېچەكلىرى توغرىسىدا

زۇلھايات ئۆتكۈر 1890-يىللىرىدىن باشلاپ شىۋېت ئېكىسپىدىتسىيىچىلىرىنىڭ قەدىمى زىمىنىمىزغا تەككەن بولۇپ،سۋېن ھېدىن(1865-1952)تۇنجى قېتىم ھىمالايا تېغىدىن ئۆتۈپ ئوتتۇرا ئاسىياغا ئېكىسپىدىتسىيە سەپىرىدە بولغان تۇنجى شىۋېتىسىيىلىك ئېكىسپىدىتسىيىچى.ئۇ تۇنجى قېتىم 1893-،1897 يىللىرى تارىم ئويمانلىقى، پامىر ئىگىزلىكى تەكلىمان چۆللىكىدە قېدىرىپ تەكشۈرۈشتە بولغان بولۇپ، شۇندىن كېيىن ئۇ…

ئۇيغۇرلاردىكى شەرمىي-ھايا ئىسراپچىلىقى

ئەختەم ئۆمەر شەرمىي-ھايا ـ بىر جەمئىيەتنىڭ نازۇك پوستى، بىر مىللەتنىڭ ئېسىل ئەڭگۈشتەرى. ئۇ ئىنسان ئۈچۈن مەڭگۈلۈك لىباس، ئۇ ھەرقاندق ئىنساندا تەلتۆكۈس بولۇشى كېرەك بولغان گۆھەر! بۇ يەردە بىز ئاساسلىقى قىز-ئاياللار ھەققىدىلا توختىلىمىز. چۈنكى ھەممە ئائىلىدە قىز-ئاياللار بار، قىز-ئاياللار مىللەتنىڭ كەلگۈسىنى…