ئۇيغۇر مەدەنىيىتى

لوندۇندىكى قەشقەر كوچىسى

لوندوندىكى قەشقەر كوچىسى Thames دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكىPlumstead بولىگىگە جايلاشقان. ئەگەردە سىز كۇنلەرنىڭ بىرىدە بۇيۇك برىتانىيىنىڭ لوندون شەھىرىگە كېلىپ زىيارەتتە بولغىنىڭىزدا، لوندون كوچا خەرىتىسىگە قاراپ “ك” ھەرپىدىن كوچا ئىسمىنى ئىزدىسىڭىز سىزگە ۋە پۇتكۇل ئوتتۇرا ئاسىياغا تونۇش بولغان بىر قەدىمىي شەھەرنىڭ ئىسمى “قەشقەر…

ئۇدۇملىرىمىز مۇنداق ئىدى

ئۇيغۇر ئەنئەنىسى مەن كۆزەتكەن نۇرغۇن مىللەتلەردە يوق بولغان ئۆزگىچە خاسلىققا ئىگە بىر خىل تۇرمۇش مەدەنىيىتىدۇر ! تۇرمۇش مەدەنىيىتى بىزگە ئانا سۈتى بىلەن بۆشۈكتە ئەللەي ئاڭلاپ كىرگەن بولسا (بۆشۈك ھەققىدە ئايرىم بىر يازمىدا توختىلىمەن) باشقا خەلقلەر بۇنى مەكتەبتە مۇئەللىمدىن ئۆگەندى ……

ھەر قايسى يۇرت كىشىلىرىمىزنىڭ ئالاھىدىلىگى

ھەرقايسى رايونلاردىكى كىشلەر ئۇزۇن مۇددەتلىك تەبئىي، ئىجتىمائىي شارائىتلارنىڭ يەنە …………. سەۋەبلەر تەسىرى ئۆزىگە خاس مىجەز- خاراكتېرنى يېتىلدۈرگەن. ئاقسۇ كىشىلىرىنىڭ ئالاھىدىلىگى مىزاجى: كىلىماتنىڭ نىسبەتەن مۆتىدىل ۋە نەملىكى، مېۋە- چىۋە ئىستىمالىنىڭ كۆپلۈكى جەھەتتىن ئومۇمەن كىشىلەرنىڭ مىزاجىنى ھۆل سوغۇق، قۇرۇق سوغۇق، ھۆل ئىسسىق،…

ئوتتۇز ئوغۇل مەشرىپى

«ئوتتۇز ئوغۇل مەشرىپى» نىڭ تەشكىلىي قۇرۇلمىسى ئاساسەن مەشرەپ بېگى، يىگىت بېشى، دارىگەي بېگى، كۆل بېگى، پاششاپ قاتارلىق ئەمەللەردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا ۋەىپىلىرى بولىدۇ. مەشرەپ بېگى – «ئوتتۇز ئوغۇل مەشرىپى» دىكى ئەڭ يۇقىرى مەنسەپ نامى بولۇپ،…

ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﯞﻩ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﻰ

ئۇيغۇرلار ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزدا توپلىشىپ ياشايدىغان غوللۇق يەرلىك مىللەت ۋە ئاپتونومىيە ھوقۇقى يۈرگۈزگۈچى مىللەت. ئۇيغۇرلار پارچە ھالەتتە جۇڭگونىڭ بىر قاتار چوڭ شەھەرلىرىدە خىزمەت ۋە تىجارەت قىلىدۇ. ئۇيغۇرلار جۇڭگودىن باشقا قازاقىستان قىرغىزىستان ئۆزبېكىستان تاجىكىستان تۈركمەنىستان (ئاساسلىقى بايرام ئەلى رايونى) پاكىستان، ئەرەبىستان…

ئەجدادلىرىمىزنىڭ چاچنى ئۇلۇغلاش ئەنئەنىسى

ئەجداتلىرىمىز قەدىمدىن تارتىپلا ئۆزىنىڭ مىللىي ئىپتىخارى ۋە گۈزەللىك ئۆلچەملىرىنىڭ بىرى بولغان ئۇزۇن سۇمبۇل چاچلىرىنى ئىنتايىن چوڭ بىلىپ ئۇلۇغلاپ كەلگەن. قىز- ئايللىرىمىزدا چاچلىرىنى تارىغان چاغدا چۈشكەن چاچلارنى بۈك- باراخسان، ئېگىز ئۆسكەن دەل- دەرەخلەرنىڭ ئاستىغان كۆمىدىغان ئادەت بار. ئۇلار بۇ ئارقىلىق چاچلىرىنىڭ…

بوستانلىق مەدەنىيىتى ۋە ئۇنىڭ تارىخىي قىسمىتى

ئەسئەت سۇلايمان قۇملۇقلاردىكى پايانسىزلىق بىلەن بوستانلىقلاردىكى چەكلىمىلىك ھامان كىشىلەردە بىر خىل قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدىغان زىددىيەتلىك كەيپىياتنى ھاسىل قىلىدۇ. تەكلىماكاننى چۆرىدەپ، بىر-بىرىدىن مۇئەييەن ئارىلىقتا ئايرىلىپ تۇرغان بوستانلىقلار گويا بارخانلار ئارىسىغا مەڭگۈ بەنت قىلىۋېتىلگەندەك كىشىگە يېتىملىك، غېرىبلىق ۋە دۇنيادىن ئايرىلىپ قالغانلىقتەك خامۇش…

ئۇيغۇرلاردىكى خاسىيەتلىك سان «يەتتە»

ئەزىز ئاتاۋۇللا سارتېكىن سان ئىنسان تەپەككۈرى تەرەققىي قىلىپ مەلۇم باسقۇچقا يەتكەندە ، ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش پائالىيەتلېرىنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلىشىش ئۈچۈن بەلگىلەر ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن.ماتىماتىكىلىق ھېسابلاش كاتېگورىيىسىگە تەئەللۇق بولغان بەزى سانلارنىڭ مەنىۋىي تۈس ئېلىشى بىر قەدەر ئوموملاشقان ئەنئەنىۋىي مىللىي مەدەنىيەت ھادىسى ھېسابلىنىدۇ.بۇ سانلارنىڭ…

«ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بىلىم»

ئاپتۇرنىڭ يېزىۋاتقان « ئۇيغۇر ئۈچۈن بىلىم» ناملىق كىتابىدىن پارچە يازغۇچىسى: ئابدۇقادىر جالالىدىن « بىلىم يوق يەردە، نادانلىق ئۆزىنى بىلىم دەپ ئاتايدۇ.» – بىر ئاقىلنىڭ ئاغزىدىن بىلىش تارىخى ئىنسانىيەت ئەجدادىنىڭ دەسلەپكى بىلىشلىرىنىڭ ھەيران قېلىش، خام خىيال ۋە تۈرلۈك رەۋىشتىكى تەسەۋۋۇرلاردىن ئىبارەت…

تۇرپان خەلق ئۇسسۇلى «نازىركوم» نىڭ كېلىپ چىقىشى

ۋەلى كېرىم كۆكئالىپ «نازىركوم»نى «نازىر» ۋە «كوم»دىن ئىبارەت ئىككى سۆزنىڭ بېرىكىشىدىن تۇزۇلگەن ئاتالغۇ دەپ تەبىر بەرگىنىمىزدە، بۇ ئۇسسۇلنىڭ زادى قايسى دەۋىردە پەيدا بولغانلىقىنى ۋە نېمە سەۋەپتىن شۇنداق ئاتالغانلىقىنى ھەرقانچە قىلىپمۇ توغرا چۇشەندۇرۇپ بەرگىلى بولمايدۇ. بىز نازىركوم ئۇسسۇلىنى ئۇزاق تارىخقا ئىگە،…

تۈركى تىللار دىۋانى» ۋە «قۇتادغۇ بىلىك»نىڭ كەچۈرمىشلىرى

يولۋاس مۇھەممەتئىمىن تارىخى، ئىجتىمائىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئەجداتلىرىمىز تەرىپىدىن ھەر قايسى تارىخىي زامانلاردا يارىتىلغان قىممەتلىك مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ نۇرغۇنلىرى يوقىلىپ كەتتى، تالان- تاراجقا ئۇچرىدى. ئېچىنىشلىق ھالدا ۋەيران قىلىۋېتىلدى. نەتىجىدە تارىخ ۋە مەدەنىيىتىمىزنى تەتقىق قىلىشتا زور دەرىجىدە ئۈزۈكچىلىك پەيدا بولۇپ، تارىخ كەچمىشلىرىنىڭ يارقىن…

لايدىن ياسالغان قەلئەنىڭ سىرى

يالقۇن روزى 2007 – يىلى رۇسىيىنىڭ ئارخېئولوگىيە ساھەسىدىكى ئەڭ چوڭ خەۋەر پۇر باجىن-لايدىن ياسالغان قەلئە توغرىسىدىكى خەۋەر بولدى . بۇ خەۋە رۇسىيىنىڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق دۇنياغا جاكارلانغاندىن كېيىن پۈتكۈل دۇنيانىڭ نەزىرى پۇرباجىنغا تىكىلدى . رۇسىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرى پۇرباجىننى «ئورخۇن ئۇيغۇر…