ئۇيغۇر

پەخرىمىز سەن يۇرت ئوغلانى

تۇرسۇنگۈل مەھمۇد مۇھەررىر ئىلاۋىسى: ماي بوياق رەسىم سەنئىتىنىڭ جۇڭگودا تارقالغانلىقىغا تېخى 100 يىل بولمىغان بولسىمۇ، بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر سەنئەتكارىمىز بىر ئۆمۈر ئۆزىنىڭ زېھنىي قۇۋۋىتى ۋە ئەقىل – پاراسىتىنى سەرپ قىلىپ، جۇڭگو ماي بوياق سەنئىتىنىڭ گۈللىنىشى ۋە تەرەققىياتىغا زور تۆھپىلەرنى قوشتى….

خەلق داستانچىسى شاھ مۇھەممەد

ئابلىكىم ئوبۇل تونۇلغان خەلق سەنئەتكارى، پېشقەدەم داستانچى شاھ مۇھەممەد 2009 – يىل 11 – ئاينىڭ 8 – كۈنى 97 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى. مەرھۇم 1912 – يىلى قاراقاش ناھىيىسىنىڭ كۇيا يېزىسى قاقلىق كەنتىدە داستانچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئەسلىي ئىسمى مۇھەممەد پاسار بولۇپ،…

پەسىل ئەلچىسى، ساما ماھىرى

خۇدابەردى ئابدۇللا خەلقىمىز ئۆزىنى سۆيگەن ئوغلىغا ھەرقاچان كەڭ قۇچاق ئاچىدۇ، ئۇنىڭغا سۆيۈملۈك نام بېرىدۇ. ‹‹چاقماقجان››(1984 – يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن) قەشقەر ئەھلىنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلى روزىئاخۇنغا بەرگەن مۇبارەك نام. خەلق ئەقىللىق. شۇڭا ئۇلار ھەرىكىتى چاققان، گەپ – سۆزدە چېچەن بۇ ئوغلىغا شۇ…

ئۇيغۇر رەسسام غازى ئەمەت

غازى ئەھمەد جۇڭگو گۈزەل سەنئەت ساھەسىدە تەسىرى ناھايىتى ياخشى، ئەقىل – پاراسەتكە، يۇمۇرىستىك خۇسۇسىيەتكە باي ئادەم بولۇپ، رەسساملىق ساھەسىدىكى ‹‹نەسىردىن ئەپەندى›› دېگەن نامى بار. نەسىردىن ئەپەندى لەتىپىلىرىنى ئېيتالايدىغانلار كۆپ بولسىمۇ، غازى ئەھمەدتەك جانلىق، قىزىقارلىق ئېيتالايدىغانلار كۆپ ئەمەس. ئەگەر نەسىردىن ئەپەندى ئۇيغۇرلار…

‹‹مۇقام›› دېگەن سۆز قانداق پەيدا بولغان؟

مۇرادىل مۇختەر ئۇيغۇرلار قەدىمدىن تارتىپلا ئەمگەك، تۇرمۇشتا ناخشا – كۈيلەردىن ئايرىلمىغان، يىپ ئېگىرگەندە، ئورما ئورىغاندا، يول يۈرگەندە، توي – تۆكۈنلەردە، ئومۇمەن ئىجتىمائىي ھاياتنىڭ ھەممە ساھەسىدە ناخشا – مۇزىكىدىن ئايرىلمىغان. ئۇزاق دەۋرلىك تەرەققىيات داۋامىدا، مۇزىكا – كۈيلەر ئىجتىمائىي ھايات ۋە تەبىئەت…

خەلق ناخشىلىرىنىڭ سېھرىي كۈچى

تاھىر ئىمىن مەدەنىيەت خەزىنىمىزگە نەزەر سالساق، ئەۋلادمۇ ئەۋلاد ئېيتىلىپ كېلىۋاتقان خەلق ناخشىلىرىنىڭ ئوخشىمايدىغان دەۋرلەردىكى خەلقنىڭ تەقدىرى ۋە كەچۈرمىشلىرى بىلەن چەمبەرچاس باغلانغانلىقىنى، ھەر بىر ناخشىدىن يالغۇز بىر ئادەمنىڭ ئەمەس، بىر قوۋمنىڭ يۈرەك ساداسىنى ۋە مەلۇم ئورتاقلىققا ئىگە ھېسسىياتنى، ئىنسانىي مېھىر –…

ئۇيغۇر مۇقام سەنئىتى ۋە ئۇنىڭ تۈرلىرى

ئۇيغۇر مۇقاملىرى تارىخنىڭ ئۇزۇن ، تۈرىنىڭ كۆپ بولۇشى ھەم ئۆزىگە خاس بىر قاتار ئالاھىدلىكلىرى بىلەن ، ئىنسانىيەتنىڭ سەنئەت خەزىنىسىدىكى ‹‹ بىباھا گۆھەر ›› دەپ تەرىپلەنمەكتە . ئۇيغۇر مۇقاملىرى دائىرىسىگە ئادەتتە ‹‹ 12 مۇقام ›› ، ‹‹ دولان مۇقامى ›› ،…

دولان ئۇسسۇلى

دولانلىقلار قەدىمدىن تارتىپ ناخشا – ئۇسسۇل ، مۇزىكىغا ماھىر خەلق بولۇپ ، ناخشا – ئۇسسۇل ۋە مۇزىكا ئۇلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى . دولان ئۇسسۇلى بۇنىڭدىن تەخمىنەن 200 يىللار ئىلگىرى دولاندا چورۇق مىڭ بېشى دېگەن كىشى ئارىلىق تەرتىپكە سېلىنغان…

پەنجىتار

پەنجىتارنىڭ باش قىسمى ئاساسەن تەمبۇرغا ئوخشاش ياسىلىپ ، بېشىنىڭ ئىككى تەرىپىگە راۋابنىڭ مۈڭگۈزىدىن ئۆزگىچە ھالدا ياپىلاقراق ، كۆركەم ، قۇلاقسىمان ئويما نەقىش بېكىتىلىدۇ . پەدىلىرىمۇ ئاساسەن تەمبۇرغا ئوخشاش بولۇپ ، بەش دانە سىم تار قىلىنىدۇ . ئەمما دەستىسى قىسقا ،…

تەبلىۋاز

تەبلىۋاز _ قەدىمكى دۇمباق تىپىدىكى چالغۇلارنىڭ ئەزاسى . دۇمباق ئىنسانلار تارىخىدا ئەڭ بۇرۇن كەشىپ قىلىنغان ۋە تارىختىكى خىلمۇخىل چالغۇلارنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە ئاساس ياراتقان . تەبلىۋاز دۇمباق تىپىدىكى ئەڭ قەدىمكى سوقما چالغۇ بولۇپ ، ئەينى زامانلاردا ئۇنىڭ جەڭ تەبلىۋىزى ۋە نەغمە…

ناماقۇللۇق مەشرىپى

تۇرسۇنبەگ ئىبراھىم تايماس ئۇيغۇر خەلقىنىڭ فولكلور ئوچۇقى بولغان مەشرەپلەر خەلقىمىز بېسىپ ئۆتكەن ئۇزاق تارىخىي باسقۇچلاردا تەدرىجىي شەكىللىنىپ، مەزمۇنى بارغانچە بېيىغان. مەشرەپلىرىمىز مەنىۋى تۇرمۇشنى بېيىتىش، سەنئەتتىن ھۇزۇرلىنىش، ئۇيۇشۇشچانلىقنى ئاشۇرۇشتەك ئورتاقلىققا ئىگە. بۇ نۇقتىدا دولانلارنىڭ ‹‹ناماقۇللۇق مەشرىپى›› نى تىلغا ئېلىش مۇمكىن ….

ئۇيغۇر مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى ئىمىن تۇرسۇن

ئابدۇقادىر قارلۇق يېڭى دەۋر تىل ۋە تەرجىمە ئىشلىرىمىزنىڭ تۆھپىكار باشلامچىلىرىنىڭ بىرى، تونۇلغان ئەدىپ، شائىر، تىلشۇناس ھەم تەرجىمان، يېڭى دەۋر ئۇيغۇر نەشرىياتچگىلىقىنىڭ ئۇلىنى سالغۇچىلارنىڭ بىرى، ئۇيغۇر مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندى 1924-يىلى 10-ئاينىڭ 10-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ھازىرقى سەنشىخاڭزى مەھەللىسىدىكى بىر مەرىپەتپەرۋەر…