ئۇيغۇر
نەزىر–چىراغ قائىدىلىرىمىزدىكى ئۆسمىلەر
ھارۇترەسول قادىرى ئۆلۈم ھەممىدىن قاتتىق. ئۇنىڭغا بىپەرۋالىق قىلىشقا، ھەزىلكەشلىك ياكى ئۇنىڭغا ئۆزگە مەقسەتلەرنى يانداشتۇرۇشقا بولمايدۇ. بولۇپمۇ بىۋاسىتە ھازىدارلار ئۈچۈن تېخىمۇ شۇنداق. بىراق، جاھاننىڭ ئىشلىرىمۇ قىزىق. مەلۇم بىراۋنىڭ ۋاپاتى بىراۋلار ئۈچۈن ئېغىر ئازاب بولسا، يەنە بىراۋلار ئۈچۈن چاقچاق سورۇنى بولماقتا. دېمەك،…
ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ قۇراق بۇيۇملىرى
ۋارىسجان ئەمەت ئۇيغۇر ئاياللىرى لاتىلارنىڭ رەڭگى، تۈرى بويىچە رەتلەپ، ئىشلىمەكچى بولغان بۇيۇمنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئېھتىياجىنى نەزەردە تۇتۇپ پۇرۇچلارنى كېسىپ شەكىلگە كەلتۈرۈپ تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى تىكىدۇ. ئۇلار تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت: تەكى: تەكى كۈندىلىك تۇرمۇشتا كەم بولسا بولمايدۇ. ئۇ، ياتقاندا بەدەن بىلەن باش، بەدەن…
تاتارلاردىكى توي ئادەتلىرى
خەپىز ساتتار سالىھ تاتارلار بالىلىرى ئوقۇپ، مەلۇم سەۋىيەگە يېتىپ، تۇرمۇشنى چۈشىنىدىغان، مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرەلەيدىغان بولغاندىلا ئاندىن ئۇلارنى ئۆي – ئوچاقلىق قىلىدۇ. بۇ ئادەت تاتار ئائىلىلىرىنىڭ مۇستەھكەم بولۇشىغا ئاساس سالغان. تاتارلارنىڭ قىز – يىگىت تويىدىن ئاۋۋالقى لايىق تاللاش، ئەلچى ئەۋەتىش، توي…
كوسىراپلىقلارنىڭ‹‹مىتەۋىلىشىش››ئادىتى
ئابدۇقەييۇم مۇھەممەد ئاقتۇ ناھىيەسى تەۋەسىدىكى كوسىراپ يېزىسى قارا قۇرۇم تاغ تىزمىسىغا جايلاشقان بولۇپ، بۈگۈنكى زامان شەھەر تۇرمۇشى ۋە شەھەر مەدەنىيىتىدىن بىر قەدەر يىراقتا. ئوتتۇرا ئەسىر مەدەنىيەت ئەنئەنىسى نىسبەتەن تولۇق ساقلانغان تاغلىق يۇرت. بۇ جايدىكى ‹‹مىتەۋىلىشىش›› ئەنە شۇنداق مە دەنىيەت ئىزچىللىقىنىڭ…
ئۇيغۇرلاردا بەلباغ
مەدەنىيەت ئىنسانلارنىڭ ئۇزاق ۋە ئەگرى – توقاي تارىخىي ئەمەلىيىتى داۋامىدىكى ماددىي ۋە مەنىۋى ھاسىلاتلىرىنىڭ بىباھا يىغىندىسى بولسىمۇ، لېكىن ھېچ نەرسە مەڭگۈلۈك بولمايدىغان بۇ دۇنيادا، بىر مەزگىل قۇياشتەك پارلىغان مەدەنىيەتمۇ دەۋرلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن خۇددى ئاستا – ئاستا پېتىۋاتقان قۇياشتەك كۆزدىن غايىب…
قەدىمىي قول ھۈنەرۋەنچىلىكنىڭ نامايەندىسى — قاغىلىق چەكمىنى
قاغىلىق ناھىيىسى قەدىمىي ‹‹ يىپەك يولى ›› نىڭ مۇھىم قاتناش تۈگۈنى بولۇپ ، ‹‹ قارا قۇرۇم باغرىدىكى بىباھا مەرۋايىت ›› دېگەن نام بىلەن ئاتىلىپ كەلگەن . ئۇ غەربتە تەكلىماكان قۇملۇقىغا ، جەنۇبتا قارا قۇرۇم تېغىغا يېقىن ، شەرقتە شىزاڭ ھەم…
شايار قارا كۆل تۇمىقى
شايار ناھىيىسىدىكى 90 ياشلىق تۇنىياز ھاجى يۈسۈپ سەككىز يېشىدىن باشلاپ دادىسىدىن قارا كۆل تۇمىقى تىكىشنى ئۆگەنگەن. ئۇ بۇ ھۈنىرىنى ھازىرغىچە داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە، ھازىر تۇنىياز ھاجى يۈسۈپ بىلەن ھۈسەن مۇھەممەد قارا كۆل تۇمىقىنى تىكىش بويىچە دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ…
قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسىنىڭ ئەسلى نامى ھەققىدە ئىزدىنىش
ھازىرقى قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسى خەنزۇچە سۇلې(疏勒) دەپ ئاتىلىدۇ. بۇنىڭ قەدىمىي قەشقەرنىڭ ئەسلىدىكى «سۇللاغ» دېگەن نامىنىڭ خەنزۇچە ئاھاڭ تەرجىمىسى ئىكەنلىكى ھەققىدە تەتقىقاتچىلار ئاساسىي جەھەتتىن بىرلىككە كېلىپ بولدى ۋە بىرقىسىم تەتقىقات ئەسەرلىرىنى ئېلان قىلىپ جامائەتچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشتۈردى. بىراق ھازىرقى يېڭىشەھەر دەپ…
چەتئەللىكلەر نەزىرىدىكى قەشقەر
ئاپتور: ئابابەكرى ئابدۇرەشىد قەشقەر ـ ئۇيغۇرلار ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا مەدەنىيتىنىڭ مەركىزى، يىپەك يولىدا پارلىغان نۇرلۇق مەرۋايىت، ئۇزاق تارىخقا ئىگە قەدىمى شەھەر. تارىم ۋادىسدا ياشىغۇچى تۈركىي ۋە باشقا مىللەتلەر خېلى قەدىمكى زامانلاردىن باشلاپ قەشقەر ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلاردا ياشاپ مول ۋە…
قەشقەر ھەققىدە قوشاق
ئا. قەشقىرى ئۆستەڭبويىدىن قاغچىراپ ياندىم، بىر جۈپ قىز كۆرۈندى گويا جۈپ ئانار. سۇ ئەمەس، ئانارنىڭ ھىدىغا قاندىم، يۈرىكىم يەنىلا ئوت بولۇپ يانار. بۇ قايناق زاماننىڭ سىرتىدا قالدىم، ھېيتگاھ قۇببەڭگە ئېگىلگەندە ئاي. دوپپىنىڭ ئورنىغا سېغىنىش ئالدىم، گېدىيىپ ئۆتكەندە پاكىستانىلق باي. ئوردا…
خوتەن قەغىزى (ئىمىنجان كېرىم ئاقشەھىرى)
ئىپتىخارىم، شۆھرىتىم، پەخرىم خوتەن قەغىزى، شەربەت تۆكەر سۆزلىسەم تىلىم، خوتەن قەغىزى، ساڭا كەلكۈن مۇھەببەت – مېھرىم خوتەن قەغىزى، شان – شەرەپتىن يايرىدى دىلىم خوتەن قەغىزى، ھېكمىتىڭدۇر ھۆرمىتىم، دىتىم خوتەن قەغىزى، ئىجاد – مېھنەت تۆرىدە تەختىم خوتەن قەغىزى. سەندە ئايان خەلقىمنىڭ…
ئابدۇشكۈر مۇھەممەتئىمىن ئەسەرلىرىنىڭ كاتولوگى
نەشر قىلىنغان كىتابلىرى: 1.«شىنجاڭنىڭ تاڭ دەۋرىدىكى ناخشا-ئۇسۇل سەنئىتى»،شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى ، 1980- يىلى نەشر قىلغان. 2.«ئۇيغۇر كىلاسسىك مۇزىكىسى “ئون ئىككى مۇقام”ھەققىدە»مىللەتلەر نەشرىياتى ، 1980- يىلى نەشر قىلغان. 3.«رۇبائىيات»(1) ، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 1982- يىلى نەشر قىلغان. 4.«ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخىغا ئائىت…