ئۇيغۇر مەدەنىيىتى

ئۇيغۇرلارنىڭ نورۇز بايرىمى توغرىسىدا

ئەلى غۇپۇر نورۇز بايرىمى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزاق تارىخىي تەرەققىياتلار جەريانىدا مەدەنىيەت يارىتىش ۋە مەدەنىيەت قوبۇل قىلىش ئاساسىدا شەكىللەندۈرگەن، شۇنداقلا ئەجدادتىن ئەۋلادقا داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان ئاممىۋى ئاساسى كۈچلۈك، قەدىمىلىككە ۋە ئومۇمىيلىققا ئىگە ئەنئەنىۋى بايراملىرىنىڭ بىرى. مەزكۇر ماقالىدە، نورۇز بايرىمىنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە تەرەققىيات…

ئۇيغۇر قىز بالىلار ئويۇنلىرى: «ئىلەڭگۈچ» ئويۇنى

ئۇيغۇر قىز ئۆسمۈرلىرىنىڭ ئەتىۋارلىق ئويۇنلىرىنىڭ بىرى. مەشھۇر ئالىمىمىز مەھمۇد كەشغەرى بۇ ئويۇن ھەققىدە توختىلىپ: ‹‹ئىلەڭگۈچ–گۈلەڭگۈچ قىزلار ئوينايدىغان بىر خىل ئويۇننىڭ نامى، ئارغامچىنىڭ ئىككى ئۇچى بىر ياغاچقا ياكى لىمغا باغلىنىدۇ، ئوتتۇرىسىغا بىر قىز ئولتۇرىدۇ، پۇتلىرى بىلەن يەرنى تېپىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بەزىدە…

دەۋر، خانىم-قىزلىرىمىز ۋە كىيىم-كېچەك

ھەسەنجان ئابلىز بىز كونىلاردىن ‹‹كىيىم-كېچەك ئىنسان زىننىتى››، ‹‹ئادەم سەتى ئەمەس، كىيىم سەتى›› دېگەنگە ئوخشاش ھېكمەتلىك ئىبارىلەرنى ئاڭلىغىنىمىزدا، ئۇلارنىڭ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ھايات تەجرىبىلىرى ۋە تۇرمۇش ھەقىقەتلىرىنى نېمە ئۈچۈن كېيىنكىلەرگە قالدۇرۇپ كەتكەنلىكىدىن ياكى ئەجەبلىنەرمىز ۋەياكى مەمنۇنىيەت ھېس قىلارمىز. ئەمەليەتتىمۇ، يۇقىرىقى ئىبارىلەرنىڭ ھېكمەتلىك…

تاش تەرمەك ئويۇنى

ئادەتتە‹‹چاكۇم›› دەپ ئاتىلىدىغان بۇ ئويۇن ئۇيغۇر قىز ئۆسمۈرلىرىنىڭ ئەڭ ئامراق ئويۇنلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ئەتىياز، ياز ۋە كۈز كۈنلىرى پاكىز سەينالاردا ئوينىلىدۇ. بۇ ئويۇننى ئىككى قىز ئۆزئارا ئوينىسىمۇ ياكى قىزلار 4– 5 تىن بىر گۇرۇپپا بولۇپ ئوينىسىمۇ بولىدۇ. بۇ ئويۇن سىلىقلانغان…

قەشقەر راۋابى ۋە ئۇنىڭ بۈگۈنى

مۇھەممەد ساۋۇت مۇزىكا ئىنسانلارنىڭ بۈيۈك ئىختىراسى. ئۇنىڭ تىلى ئاجايىپ سېھىرلىك تىل، شۇنداقلا قەلبنىڭ تىلى. خەلقىمىزنىڭ مانا مۇشۇنداق خۇسۇسىيەتكە تويۇنغان كۈي – مۇزىكىلىرى تارىختىن بۇيان ئەجدادلىرىمىزنىڭ ھەر خىل دەردىگە دەرمان، شادلىق ئەۋجىگە تەڭكەش بولۇپ كەلدى. بۇنداق دىلكەش كۈيلەرنى ئورۇنداشتا ئەجدادلىرىمىز مۇئەييەن…

خەلق داستانچىسى شاھ مۇھەممەد

ئابلىكىم ئوبۇل تونۇلغان خەلق سەنئەتكارى، پېشقەدەم داستانچى شاھ مۇھەممەد 2009 – يىل 11 – ئاينىڭ 8 – كۈنى 97 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى. مەرھۇم 1912 – يىلى قاراقاش ناھىيىسىنىڭ كۇيا يېزىسى قاقلىق كەنتىدە داستانچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئەسلىي ئىسمى مۇھەممەد پاسار بولۇپ،…

‹‹مۇقام›› دېگەن سۆز قانداق پەيدا بولغان؟

مۇرادىل مۇختەر ئۇيغۇرلار قەدىمدىن تارتىپلا ئەمگەك، تۇرمۇشتا ناخشا – كۈيلەردىن ئايرىلمىغان، يىپ ئېگىرگەندە، ئورما ئورىغاندا، يول يۈرگەندە، توي – تۆكۈنلەردە، ئومۇمەن ئىجتىمائىي ھاياتنىڭ ھەممە ساھەسىدە ناخشا – مۇزىكىدىن ئايرىلمىغان. ئۇزاق دەۋرلىك تەرەققىيات داۋامىدا، مۇزىكا – كۈيلەر ئىجتىمائىي ھايات ۋە تەبىئەت…

خەلق ناخشىلىرىنىڭ سېھرىي كۈچى

تاھىر ئىمىن مەدەنىيەت خەزىنىمىزگە نەزەر سالساق، ئەۋلادمۇ ئەۋلاد ئېيتىلىپ كېلىۋاتقان خەلق ناخشىلىرىنىڭ ئوخشىمايدىغان دەۋرلەردىكى خەلقنىڭ تەقدىرى ۋە كەچۈرمىشلىرى بىلەن چەمبەرچاس باغلانغانلىقىنى، ھەر بىر ناخشىدىن يالغۇز بىر ئادەمنىڭ ئەمەس، بىر قوۋمنىڭ يۈرەك ساداسىنى ۋە مەلۇم ئورتاقلىققا ئىگە ھېسسىياتنى، ئىنسانىي مېھىر –…

ئۇيغۇر مۇقام سەنئىتى ۋە ئۇنىڭ تۈرلىرى

ئۇيغۇر مۇقاملىرى تارىخنىڭ ئۇزۇن ، تۈرىنىڭ كۆپ بولۇشى ھەم ئۆزىگە خاس بىر قاتار ئالاھىدلىكلىرى بىلەن ، ئىنسانىيەتنىڭ سەنئەت خەزىنىسىدىكى ‹‹ بىباھا گۆھەر ›› دەپ تەرىپلەنمەكتە . ئۇيغۇر مۇقاملىرى دائىرىسىگە ئادەتتە ‹‹ 12 مۇقام ›› ، ‹‹ دولان مۇقامى ›› ،…

دولان ئۇسسۇلى

دولانلىقلار قەدىمدىن تارتىپ ناخشا – ئۇسسۇل ، مۇزىكىغا ماھىر خەلق بولۇپ ، ناخشا – ئۇسسۇل ۋە مۇزىكا ئۇلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى . دولان ئۇسسۇلى بۇنىڭدىن تەخمىنەن 200 يىللار ئىلگىرى دولاندا چورۇق مىڭ بېشى دېگەن كىشى ئارىلىق تەرتىپكە سېلىنغان…

پەنجىتار

پەنجىتارنىڭ باش قىسمى ئاساسەن تەمبۇرغا ئوخشاش ياسىلىپ ، بېشىنىڭ ئىككى تەرىپىگە راۋابنىڭ مۈڭگۈزىدىن ئۆزگىچە ھالدا ياپىلاقراق ، كۆركەم ، قۇلاقسىمان ئويما نەقىش بېكىتىلىدۇ . پەدىلىرىمۇ ئاساسەن تەمبۇرغا ئوخشاش بولۇپ ، بەش دانە سىم تار قىلىنىدۇ . ئەمما دەستىسى قىسقا ،…

تەبلىۋاز

تەبلىۋاز _ قەدىمكى دۇمباق تىپىدىكى چالغۇلارنىڭ ئەزاسى . دۇمباق ئىنسانلار تارىخىدا ئەڭ بۇرۇن كەشىپ قىلىنغان ۋە تارىختىكى خىلمۇخىل چالغۇلارنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە ئاساس ياراتقان . تەبلىۋاز دۇمباق تىپىدىكى ئەڭ قەدىمكى سوقما چالغۇ بولۇپ ، ئەينى زامانلاردا ئۇنىڭ جەڭ تەبلىۋىزى ۋە نەغمە…