ئۇيغۇر

بۆكەن خانلىقى ھەققىدە رىۋايەت

بۆكەخان ھەققىدىكى رىۋايەت قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى ، تارىخى ، ئەدەبىياتى ، دىنىي ئېتىقادى … قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىش ۋە ئۆگىنىشتە مۇھىم يادىكارلىقلارنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . بۇ رىۋايەتتە ئاساسلىقى ئورخۇن – سېلىنگا دەرياسى ۋادىلىرىدا قۇرۇلغان قەدىمكى ئۇيغۇر خاقانلىقىنىڭ ( مىلادى 747…

ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ۋە ئۇنىڭ «ئىز» ناملىق رومانى ھەققىدە

ئۆزگۈر ئاي تۈركچىدىن يۈسۈپجان ياسىن ئۇيغۇرچىغا ئۆرىگەن ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90- يىللىرىدىن ئېتىبارەن ئاتاقلىق شائىر، يازغۇچى ۋە تەتقىقاتچى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ ئەدەبىي ئەسەرلىرى تۈركىيىدىكى زىيالىلار ۋە تەتقىقاتچىلارنىڭ دىققىتىنى قوزغاشقا باشلىدى. بىر قىسىم شېئىرلىرى تۈرك ئەدەبىيات تارىخىغا ئائىت كىتاپلارغا كىرگۈزۈلدى. بەزى ئەسەرلىرى ئۈستىدە…

ئۇيغۇرلاردىكى بەرىكەت چۈشەنچىسى

ئابدۇقەييۇم مىجىت ئۇيغۇر خەلقى مەنىۋىي دۇنياسى تولىمۇ كەڭ، شەيئىلەرنىڭ ئەڭ ئىنچىكە تەرەپلىرىگە نىسبەتەنمۇ چوڭقۇر چۈشەنچىلەرگە ئىگە ۋە شەيئىلەرنىڭ مەۋھۇم، ئابستراكىت تەرەپلىرىنىمۇ مۇناسىپ رەۋىشتە ئۇقۇملاشتۇرالايدىغان مەرىپەتلىك خەلقتۇر. ئۇيغۇرلارنىڭ بەرىكەت ھەققىدىكى چۈشەنچىسى بۇنىڭ بىر روشەن دەلىلىدۇر. « بەرىكەت – جىق نەرسىنىڭ ئورنىنى…

جاھالەت تىرىلگەن دەۋر: ئاپپاق غوجا دەۋرى

1682-يىلى ئاق تاغلىقلار مەزھىپىنىڭ باشلىغى ئاپپاق خوجا (خوجا ھىدايىتۇللا) جۇڭغار خانلىقىنىڭ خانى غالداننىڭ ياردىمىدە يەكەن سەئىديە خاندانلىقىنىڭ پايتەختى يەكەننى ئېگەللەپ،ئىسمايىل خاننى تەخىتتىن چۈشۈرۈپ خوخىلار ھاكىميىتىنى تىكلىدى.شۇنىڭ بىلەن چاغاتاي ئەۋلاتلىرىدىن سۇلتان سەئدخان قۇرغان يەكەن سەئىديە خانلىقى(1541-1682)گۇمران بولدى يەكەن سەئىديە خانلىقىنىڭ ئاخىرقى…

مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر كۆرەگان

ئاتاقلىق تارىخچى ، شائىر مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر كۆرەگان مىلادىيە 13 – ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن تارتىپ ماڭلايسۆيەر رايونىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىش داۋامىدا پەيدىنپەي ئۇيغۇرلىشىپ كەتكەن مۇڭغۇللارنىڭ دوغلات قەبىلىسىدىن بولۇپ ، مىلادىيە 1500 – يىلى موغۇلىستان خانلىقىغا قاراشلىق كەشتان رايونىنىڭ تاشكەنت شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن…

ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى سەرگەردان ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ھاياتى توغرىسىدا تەكشۈرۈش دوكلاتى

مەزكۇر تەرجىمە ماقالىنى 2010- يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى مىسرانىم مۇكاپاتلىق ئەسەر پائالىيىتىگە قاتناشتۇرغان ئىدىم، ئەينى چاغدا 3- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى. يېقىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سېكرىتارى جاڭ چۇنشىيەن ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى بارلىق سەرگەردان ئۇيغۇر بالىلارنى قۇتقۇزۇپ چىقىدىغانلىقىنى جاكارلىدى، بۇنىڭغا ئائىت خەۋەرلەر ھەممە تور بەتلەردە…

شەھەرلەردە ئۇنتۇلۇشقا يۈزلىنىۋاتقان ئادەتلىرىمىز

غالىپ مۇھەممەد قارلۇق  شەھەر- ئىجتىمائىي ھاياتنىڭ ساپلىقتىن يىراق داشقايناق كارتېنىسى . بۇ يەردە تۇرمۇش رېتىمى تېز ، تىرىكچىلىك شاۋقۇن – سۈرەنلەرگە تولغان بولىدۇ . تۈرلۈك مەدەنىيەتلەر ناھايىتى تېز سۇرئەتتە ئۇچرىشىىپ تۇرىدۇ . كىشىلەرنىڭ ئىدىيە ، كۆز قاراشلىرىمۇ تاشقى تەسىرلەرنىڭ غىدىقلىشىغا…

كىتاب سوۋغا قىلىش

ئابدۇقەييۇم مىجىت ئۇيغۇرلار خېلىلا تاكامۇللاشقان كىشىلىك مۇناسىۋەت ئەخلاقىغا ئىگە مىللەت بولۇپ، ئۇلار قەدىمدىن تارتىپ مەلۇم ئەخلاق مىزانلىرى، ئېلىم – بىرىم، سوۋغا– سالام ئادەتلىرى بىلەن ئۆزىنىڭ كىشىلىك مۇناسىۋەت ئەخلاقىنى مۇكەممەلەشتۈرۈپ، قىلىپلاشتۇرۇپ ۋە تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ كەلگەن. شۇ جەريانىدا ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ قىممەت قارىشى، ئىستېتىك…

ئاپپاق خوجا ھەققىدە بىر نەچچە ئىغىز سۆز

ئەخمەتجان ھەسەن 17–ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يىرىمىدىن تاكى بۈگۈنگىچە، خەلقىمىز ئارىسىدا «ئاپپاق خوجا»نامى بىلەن مەشھۇر بولغان، يەكەن خانلىقىنى جۇڭغار خانلىقىغا يەم قىلىپ بىرىش بەدىلىگە 80 يىل داۋاملاشقان خوجا – ئىشانلار «ئىلاھىي خانلىقى» نى بارلىققا كەلتۈرگەن، «ئىشقىيە» (ئاقتاغلىقلار)گۇرۇھىنىڭ ئۈچىنىچى ئەۋلاد پىرى مۇرشىدى خوجا…

ئۇيغۇرلاردىكى قىزلارنىڭ قۇلىقىنى تېشىش ئادىتى

ئۇيغۇرلاردا قىزلار يەتتە ياشقا كىرگەندە ئۇلارنىڭ قۇلىقىنى تېشىپ ھالقا سېلىپ قويۇش ئادىتى بار بولۇپ، بۇ ئادەت ناھايىتى ئۇزۇن زامانلاردىن بىرى ئىزچىل داۋاملىشىپ كەلمەكتە. گەرچە بۇ ئادەت ئالاھىدە بىر مۇراسىم شەكلىنى ئالمىغان بولسىمۇ، ئاتا ئانىنىڭ زىممىسىدىكى چوقۇم ئۆتەشكە تېگىشلىك بىر مەسئۇلىيەت…

ئۇيغۇرلاردا ۋەسىيەت قالدۇرۇش ئادىتى

ئابدۇقەييۇم مىجىت ۋەسىيەت ___ ئەرەبچە سۆز بولۇپ، « ئۆلگۈچى ھايات ۋاقتىدا يېزىپ ياكى باشقىلارغا ئېغىزاكى ھاۋالە قىلىپ قويغان، قانۇندا بەلگىلەنگەن ئۇسۇللار بۇيىچە مىراسلىرىنى ۋە باشقا ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىدىغان ھەمدە ئۆلگەن ۋاقتىدا كۈچكە ئىگە بولىدىغان قانۇنىي تاپشۇرۇق »①تۇر. قەدىمكى دەۋىرلەردىن…

«قۇتادغۇ بىلىگ» ۋە ئۇنىڭ كۈلتۈر تارىخىمىزدىكى ئورنى

ئىبراھىم كافەسئوغلۇ(تۈركىيە) تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى يۈسۈپجان ياسىن مەشھۇر تارىخ ئالىمى ۋە مۇتەپەككۇر ئىبراھىم كافەسئوغلۇ 1914- يىلى تۈركىيىنىڭ بۇردۇر شەھىرىدىكى تەفەننى بۆلگىسىدە تۇغۇلغان. تەفەننىدىكى كافەسلەر جەمەتىدىن بولغان رەجەپ ئەپەندى بىلەن خاتىچە خانىمنىڭ ئوغلى بولغان كافەسئوغلۇ 1926- يىلى تەفەننى باشلانغۇچ مەكتىپىنى ۋە 1932-…